فرانسىيەدىن سادا چىقتى، گېرمانىيە ۋە ياۋروپا بىرلىكىدىن قاچان ئاۋاز چىقىدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020.07.22
sim-tosaq-lager.jpg مەلۇم بازارنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزىدىن ئۆتىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ساقچى قالپىقى. 2019-يىلى 31-ماي، خوتەن.
AFP

فىرانسىيە تۇنجى قېتىم قاتتىق تەلەپپۇزدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.

فىرانسىيە ئاۋازىنىڭ 22-ئىيۇل ئېلان قىلغان «فىرانسىيە خۇاۋېي ۋە شىنجاڭدىن قايسىسىنى تاللايدۇ؟» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فىرانسىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جان لې دىرىيان پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تۇنجى قېتىم قاتتىق تەلەپپۇزدا كەسكىن ئەيىبلىگەن. پارىژ سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئانتونى بونداز بۇنى «ئىنتايىن مۇھىم پوزىتسىيە» دەپ تەرىپلىگەن.

خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خىتاينىڭ «دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنى» نى خوڭكوڭغا مەجبۇرى تاڭغانلىقىغا قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى، قوشنىسى ئەنگلىيەنىڭ بۇنىڭغا قارشى تەدبىرلىرى داۋاملاشقان تەقدىردە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق گەۋدە سۈپىتىدە ھەرىكەت قوللىنىشىنى مۇزاكىرىگە قويۇشنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، تاكى تۈنۈگۈنكى كۈنىگىچە ھېچقانداق سادا چىقارمىغان. ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار توغرىسىدا ئەسلا زۇۋان سۈرمىگەن.

21-ئىيۇل فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا فىرانسىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جان لې دىرىيان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە ئۆزلىرى ئېرىشكەن پاكلىتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدا ھەقىقەتەن ئېغىر دەرىجىدىكى باستۇرۇشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ: «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنى، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى، غايىب قىلىنىش، مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىش، تۇغۇت چەكلەشكە مەجبۇرلىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە دىنىي مىراسلىرىنى ۋەيران قىلىش، شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارغا بولغان نازارەت، بۇ رايوندا پۈتۈن گەۋدە بويىچە يولغا قويۇلۇۋاتقان سىستېمىلىق باستۇرۇش، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى فىرانسىيە قوبۇل قىلالمايدۇ،» دېگەن.

ئۇ سۆزىدە فىرانسىيەنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن خەلقئارالىق مۇستەقىل بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ رايوننى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ يەنە شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق دەلىللەرگە، ئاخبارات ئۇچۇرلىرىغا ھەمدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

شۇ كۈنى فىرانسىيەنىڭ مالىيە مىنىستىرى لې مايرى دۆلەت ئىچىدىكى بىر رادىئو قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللىتىنى تۇتقۇن قىلىش قىلمىشلىرى كىشىنى يىرگەندۈرىدۇ ۋە بۇنى ھەرگىز قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكادىن كېيىن ئەنگلىيەنىڭ خىتايغا قارشى جازا تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان بىر چاغدا فىرانسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ بۇنداق بىر كۈچلۈك نىدادا بولۇشىنىڭ زور ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە باستۇرۇلۇش ۋەزىيىتىگە ئىزچىل سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتقان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرى گېرمانىيە بولماقتا. گېرمانىيە گەرچە خىتاي بىلەن بولغان دىيالوگلىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئىزچىل تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقان، گېرمانىيە پارلامېنتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى قانچە قېتىملاپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى پارلامېنتقا ئېلىپ كىرگەن بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر ھۆكۈمەت نامىدىن خىتاينى ئەيىبلەيدىغان تۈزۈكرەك بىر سادا چىقمىدى. گېرمانىيەدىن زادى قاچان ئاۋاز چىقىدۇ؟ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىنچۇ؟

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئاندرې گاتتولىن فىرانسىيە ئاخباراتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ماگنىتىسكىي قانۇنى» نى ماقۇللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گېرمانىيەنىڭ خەۋەرلەر قانىلى بولغان «N-TV» تېلېۋىزىيەسى 22-ئىيۇل كۈنى «خوڭكوڭدا ئەمدى ھەرگىز دېموكراتىيە بولمايدۇ» ناملىق ئۇزۇن بىر زىيارەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر قانالنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گېرمانىيەدىكى «ترېر ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ خىتاي سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىنى تەتقىق قىلىدىغان پروفېسسورى سېباستىيان خايىلمان گېرمانىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسىگە زۇۋان سۈرمەسلىكىدىكى ئاساسلىق سەۋەپنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئەنگلىيەنىڭ خىتايغا قارىتا ھەيران قالارلىق ۋە كەسكىن پوزىتسىيىسىنى كۆردۇق. ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى ھېلىھەم دېلىغۇل بولۇپ تۇرماقتا. خىتايغا قارىتا تەدبىر قوللىنىشتا ياۋروپا ئىتتىپاقىدا پىكىر بىرلىكى ۋە ئېنىق سىياسەت يوق. بۇ خىل ھالەت، گېرمانىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گېرمانىيە خىتايغا قارشى زىددىيەتنىڭ مەركىزى. خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بۇزۇپ ئىقتىسادىي زىيانغا كىرىشكە تەۋەككۈل قىلالمايۋاتىدۇ. خىتاي ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. بارغانسېرى تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىنى ئالغان ھەرىكەتلەر بىلەن خەلقئارا كېلىشىملەرنى دەپسەندە قىلماقتا. بۇنى خوڭكوڭدىنلا ئەمەس، جەنۇبىي دېڭىزدىن، ھىندىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئامېرىكالىقلار، ياۋروپالىقلار ۋە باشقىلار خىتاينىڭ بۇ خىل دادىل قەدەملىرىگە ۋاقتىدا چەكلىمە قويمىسا، خىتاي ئاخىرى ئۆزىنىڭ مەقسەت ۋە مەنپەئەتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، باشقا دۆلەت ۋە ئۇلارنىڭ ئۇسۇللىرى قانداق بۆلىشىدىن قەتئىي نەزەر».

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ياۋروپا بىرلىكى بۇ قەدەر پاسسىپ ۋە جىمىغۇر ھالىتىنى ئۆزگەرتىشى لازىم. تېخنىكا بىلەن قوراللانغان بىر مۇستەبىت دۆلەتنىڭ پۈتۈن دۇنياغا قاراپ كېڭىيىشى ياۋروپانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، تېخنىكا ھوقۇقى ئۈچۈن نېگىزلىك خىرىستۇر. خىتاي ئارمىيەسى تەرىپىدىن چۆكتۈرۈلمەسلىك ئۈچۈن ياۋروپا بىرلىكى ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى پىشاڭ قىلىپ تۇرۇپ، بېيجىڭنىڭ دىپلوماتىك تاجاۋۇزچىلىقلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇشى كېرەك».

ئىتالىيە خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى» ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشىغا ئاۋاز قوشقان ياۋروپا دۆلىتىدىن بىرى بولۇپ، ئىتالىيەدىكى «دۆلەت ھالقىغان رادىكال پارتىيە» نىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى ۋە «دۇنيانى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش كومىتېتى» -ماركو پانىللانىڭ ئەزاسى لائۇرا خارت خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا ئىتالىيەنىڭ ئەنگلىيە ۋە فرانسىيەدىن ئۈلگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىتالىيە پارلامېنتىدىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر قارارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىنى ھازىرچە پەقەت ئۈمىدلا قىلالايمىز. بىز بۈگۈن فىرانسىيەنىڭ خىتايغا قارشى بېشىنى كۆتۈرگەنلىكىنى كۆردۇق. ئەنگلىيە دادىل ئوتتۇرىغا سەكرەپ چىقتى. ئىتالىيەنىڭمۇ ئەنگلىيە ۋە فرانسىيەدىن ئۈلگە ئېلىشىنى ئىنتايىن ئۈمىد قىلىمىز ھەمدە بىز تەرەپتە بولغان پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ يولدىكى تېرىشچانلىقلارىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.