قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلار يىللىق خۇلاسە يىغىنىدا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015.12.23
uyghur-yazghuchilar-almata.JPG قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلار يىللىق خۇلاسە يىغىنىغا قاتناشقان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى. 2015-يىلى 23-دېكابىر، ئالماتا.
RFA/Oyghan

23-دېكابىردا قازاقىستان يازغۇچىلار ئۆيىدە قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ مەجلىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

ئالدى بىلەن سۆزگە چىققان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى، يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ 2015-يىلدا يەتكەن ئۇتۇقلىرى ھەمدە 2016-يىلغا پىلانلانغان ئىش-پائالىيەتلىرى ھەققىدە دوكلات قىلدى.

ئۇ ئۆز سۆزىدە، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، ھېزمەت ئابدۇللىن، رەھىمجان روزىيېف، تۇرغان توختەموف قاتارلىق ئاتاقلىق يازغۇچىلار تەۋەللۇتلىرىنىڭ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ شۇنداقلا بولۇپمۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەدەنىي پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيىتى ۋە كېلەچىكىنىڭ مۇھىملىقىنى، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئەسەرلىرىنىڭ قازاق، رۇس، تۈرك ۋە باشقا تىللارغىمۇ تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسەتتى.

ئەخمەتجان ھاشىرى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ يازغۇچىلاردىن ئاۋۇت مەسىموفنىڭ ئەسىرى 2016-يىلى دۆلەت بۇيرۇتمىسى بىلەن چىقىدۇ. ئۇ بىز ئۈچۈن چوڭ يېڭىلىق. مەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ رەئىسى سۈپىتىدە بىزنىڭ يازغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقۇم كېلىدۇ. ئەڭ چوڭ نەرسە بىزنىڭ دراماتورگلىرىمىزدىمۇ چوڭ يېڭىلىقىمىز بار. يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەكرەم ئەخمەتوفنىڭ ئەسىرى تۈركىيەدە ئۆتكەن چوڭ مۇسابىقىدە قازاقىستان بويىچە ئىككىنچى ئورۇننى ئالدى.»

يىغىن قاتناشقۇچىلىرى شۇنداقلا 2016-يىلدا قىلىنىدىغان ئىشلار، جۈملىدىن ئاتاقلىق يازغۇچىلار مەسۈمجان زۇلپىقاروف ۋە پاتىگۈل سابىتوۋالارنىڭ تەۋەللۇتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈشكە مەسئۇل شەخسلەرنىڭ تىزىمىنى بېكىتتى. ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە يازغۇچىلار ئالدىدا تۇرۇۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى.

يىغىندا سۆزگە چىققان دراماتورگ ئەكرەم ئەخمەتوف بولسا، ئۆزىنىڭ يېقىندا تۈركىيەگە قىلغان سەپىرى ھەم شۇنداقلا تۈركىي خەلقلەر مەدەنىي تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكەن سەنئەت كۆرىكىدە ئىككىنچى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن «مەخمۇت قەشقىرى» درامىسىنىڭ بەدىئىي مەزمۇنى ۋە ئەھمىيىتى، تۈرك مەملىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىۋاتقان غەمخورلۇقى ھەققىدە توختالدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شائىر ۋە يازغۇچى تىلمان نۇراخۇنوف ھازىرقى زامان قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەھۋالى ۋە قازاق يازغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىۋاتقان غەمخورلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى زامانىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى دەۋرىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئوتتۇرا دەرىجىدە دەپ باھالاشقا بولىدۇ. چۈنكى جۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلىشنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئىقتىسادقا باغلىق بولۇپ قالغاچقا، ناھايىتى يۇقىرى دەپ ئېيتىپ كېتەلمەيمىز، سەۋەبى نۇرغۇنلىغان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەمگەكلىرى تېخىچە قوليازما ھالىتىدە تۇرىدۇ. بۇ يىلى ئازراق كىتابلار نەشر قىلىنغان بولسا، كېيىنكى يىللىرى ھامىيلار تېپىلىپ، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ كىتابلىرى نەشر قىلىنىدۇ، دەپ ئويلايمەن. قانداقلا بولمىسۇن، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە مەۋجۇت چوڭ ئەدەبىياتلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋەكىللىرىنىڭ خەلقىمىزگە ئىگىدارچىلىقى كۆپ ھەم بۇرۇنقى كېڭەش ئىتتىپاقى دائىرىسىدىن قارايدىغان بولساق، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئەڭ چوڭ ئەدەبىياتلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى قارمىقىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان ھاشىروفنىڭ رەھبەرلىكىدە 2015-يىلى بىر قانچە ياخشى ئىشلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. بولۇپمۇ ئالدىنقى يىلى ئەسەرلىرىگە باھالار بېرىلىپ، تەنقىدىي پىكىرلەر ئېيتىلدى، ئەدەبىيات ماۋزۇسىغا ماقالىلەر يېزىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋاپات بولۇپ كەتكەن يازغۇچىلىرىمىزنى خاتىرىلەش كەچلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى.»

تىلمان نۇراخۇنوف يازغۇچىلار ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، مۇڭ-زارى، ئارزۇ-ئارمانلىرى تەسۋىرلەنگەنلىكى بىلەن قىممەتلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەنە شۇنداق ئەسەرلەرنى تەرغىب قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ ئۆز سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: «شۇنداقلا بۇ يىلى نەشرگە تەييارلىنىپ، قازاق تىلىغا تەرجىمە قىلىنىۋاتقان بالىلار شېئىرىيىتىگە بېغىشلانغان ئانتولوگىيەنى ئېيتىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى ئۆمەر مۇھەممەدىيدىن تارتىپ تا بۈگۈنكى كۈندە قەلەم تەۋرىتىۋاتقان، ياش ئۆسمۈرلەرگە بېغىشلاپ يېزىۋاتقان، بالىلار ئەدەبىياتى تەرەققىياتىغا ئۆز ئۈلۈشىنى قوشۇۋاتقان قەلەمداشلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىنى توپلاپ، قازاق قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە قازاق تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، ئانتولوگىيە نەشر قىلىشنى قولغا ئالدى. ئۇ ئالدىمىزدىكى يىلى نەشردىن چىقىشى كېرەك. بۇ جەھەتتە مۇشۇ تەكلىپنى بەرگەن ھەم ھەر تەرەپلىمە قوللاۋاتقان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى باشقارمىسىنىڭ رەئىسى نۇرلان ئورازالىنغا تەشەككۈر ئىزھار قىلىشىمىز كېرەك ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، نەشرگە تاپشۇرۇۋاتقان قازاق قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ كۆپلىگەن رەھمەتلەرنى ئېيتىمىز.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.