لاي بۇتنىڭ دەريادىن ئۆتەلىشى مۇمكىنمۇ؟

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق قەرزى ۋە خىتاينىڭ قەرز بېرىپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قۇتۇلدۇرۇشى نۆۋەتتە تور بەتلىرىدە تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان جىددىي مەسىلە بولۇپ قالدى.
ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى
2011.11.04

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ گرېتسىيىنىڭ قەرز مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارىنى گرېتسىيە توغرىدىن-توغرا قوبۇل قىلماي، كېلەر يىل ‏1‏-ئايدا ئومۇمى خەلق بىلەت تاشلاش ئارقىلىق جاۋاب بەرمەكچى بولدى. يەنە ئىككى كۈن ئىچىدە گرېتسىيىنىڭ ۋەزىرى بىلەت تاشلاشتىن يېنىۋالغان بولدى. ئۇنداقتا گرېتسىيە قەرز ئالغان پۇلدىن تېنىۋالامدۇ، ھازىرچە بۇ توغرىدا گەپ قىلىش بالدۇرلۇق قىلىدۇ. خىتاي ياۋروپانى قەرزدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆزىنى دۇنيانىڭ «نىجات يۇلتۇزى»غا ئايلاندۇرماقچى بولغانمىدۇ، لېكىن بۇ توغرىدا ئېنىق بىر گەپ يوق. بىراق، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى:
خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋە باشقا ئۆلكىلەردە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى زور دەرىجىدە چۈشۈشكە باشلىدى. بىرلا شەندۇڭ ئۆلكىسىنى مىسالغا ئالساق بىر جىڭ يەسسىۋىلەكنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى 7-8 فۇڭغا چۈشۈپ قالغاندىمۇ ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. يەنە شۇ سەندۇڭدا پاختا باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى دېھقانلارنىڭ يۈرىكىنى زېدە قىلدى، بىر مو يەرنىڭ پاختىسى 1500 يۋەنگە يارىمىدى. ئوغۇتىچۇ، سۇيىچۇ، ئەمگەك ھەققىچۇ. دېمەك،شۇنداق يارىمىدى. تېخى تۈنۈگۈنلا مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرگەن ھالەتتىمۇ، كېۋەز تېرىشقا ئادەم چىقمىدى.

دۇنياۋى 20 دۆلەت يىغىنى فرانسىيىدە ئېچىلدى. ئەگەر بەزىلەرنىڭ ئېيتقىنىدەك، ياۋروپانى قەرزدىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يولى، خىتايدىن قەرز ئېلىش بولىدىغان بولسا، خىتاي قانداق شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن؟ ئۇشبۇ رادىئونىڭ خىتاي بۆلۈمىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر ياۋروپانى قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم قىلىدىغان بولسا، ياۋروپاغا، كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىزغا ئالماسلىق؛ ھەربىي قورال-ياراق ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىش؛ بازار ئىقتىسادىغا ئۆتكەن دۆلەتلىك ئورنى بېرىش قاتارلىق شەرتلەرنى قويۇشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق شەرتلەر خىتاي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلا بولسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئېغىر ھاقارەتقۇ،-بۇ.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خىتاي بۆلۈمى خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى توغرىسىدا مۇنداق توختالدى:
1‏. بېيجىڭدا يېڭى ئايرودروم ياسىماقچى ئىدى، بۇ تۈرگە 100مىليارد يۈەن چىقىم قىلالمىدى. 2. 900 مىليون يۈەن پۇلنى ئاجرىتالماي، چىڭخەي-تىبەت تۆمۈر يولىدا ئىش توختاپ قالدى. 3. 770 مىليون يۈەن پۇل خەجلەپ پىلاندىكى چۇڭچىڭ-لەنجۇ تۆمۈر يولىنى ياساشقا پېتىنالمىدى. 4. تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى بۇ يىل 8‏-ئايدا 2 تېرليۇن، 0.9 مىليون يۈەن قەرزگە بوغۇلۇپ قالغانلىقىنى جاركارلىدى.

خىتاي دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ ھەر قايسى مىنىستىرلىقلىرى زايوم تارقىتىپ مالىيە جىددىيچىلىكىدىن قۇتۇلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 6‏-ئايدىكى ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا دەيدۇ، رادىئونىڭ خىتاي بۆلۈمى، يەرلىك خاقانلارنىڭ مەركەزگە تۆلەيدىغان قەرزى، 11 تېرليۇنغا يېقىنلاشتى (يەنە باشقا مەنبەلەردە 12 تېرليۇن دېيىلدى).مۇشۇنداق ئەھۋالدا خىتاي ياۋروپانى قەرزدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىمەن دەپ ئوتتۇرىغا چىقسا، لاي بۇتنىڭ دەريادىن ئۆتەلىشى مۇمكىن بولارمۇ؟

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.