خىتاي ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى مەقسەتلىك ھالدا خىتايغا يۆتكەۋاتىدۇ


2008.01.29

يېقىندا ئۇيغۇر ئىلىدىكى يەرلىك مەتبۇئاتلار خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسىدىن 55 نەپەر ئۇيغۇر دېھقاننىڭ جېجياڭدا كۈنلۈكچى بولۇپ ئىشلەشكە يولغا سېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. يەرلىك مەتبۇئاتلار، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەشكە ئەۋەتىلىدىغان ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ يەنە كۆپەيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسەتنى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش نامى ئاستىدا يولغا قويۇۋاتىدۇ. لېكىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئوبزورچىلار بۇ سىياسەتنى تەنقىد قىلىپلا قالماي، بۇنىڭ مەلۇم سىياسىي غەرەز بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، گېرمانىيىدىكى ئوبزورچىمىز پەرھات مۇھەممىدىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.