ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتى سىناققا دۇچ كەلدىمۇ ؟

يېقىندىن بېرى مەتبۇئاتلاردا يۇقىرىقىدەك ماۋزۇلاردا ۋە باشقا ماۋزۇلاردا نۇرغۇنلىغان ماقالىلەر يېزىلدى. ئامېرىكا ‏ - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ، جۇڭگو ئۈچۈنمۇ مۇھىم دىپلوماتىك مۇناسىۋەت بولغاننىىڭ سىرتىدا، پۈتۈن دۇنيا دىققەت قىلىپ تۇرىدىغان، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار كۆپرەك دىققەت قىلىدىغان ئىنتايىن سەزگۈر دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتۇر.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2010.01.25
Obama-we-Xu-jintaw-xitayda-doletlik-ziyapette-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 17‏ - ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎﻧﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﺪﺍ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﻪ، ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯜﺳﺘﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻤﺎﻗﺘﺎ.
AFP Photo

يېقىندىن بېرى ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتى يېڭى، بەلكى قىزغىن بەلكى نورمال ياكى بىنورمال زىددىيەتلەرگە كىرىپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ توغرىدا خىتاي تەتقىقاتچى ۋۇ پەن، ئىلىم غەزنىسى "ياۋرۇ ئاسىيا گۇرۇھى" تەتقىقاتچىلىرىنىڭ پىكىرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، "بۇ يىل دۇنيادا يۈز بېرىدىغان 10 تۈرلۈك خەتەرنىڭ بېرى، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ زىددىيەتلىك توقۇنۇشى ئىكەنلىكىنى، جۈملىدىن ئۆتكەن يىل 12 - ئايدا كوپىنھاگىندا ھاۋا كىلىماتى توغرىسىدا ئېچىلغان يىغىندا باشلانغان زىددىيەتتىن نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۈركىلىشىگىچە، خەلق پۇلى كۇرسى، تاشقى پىروۋۇت مەسىلىسىدىن تارتىپ، تەيۋەنگە قورال - ياراق سېتىپ بېرىشكىچە، ئاخىرىدا تىبەت ۋە شىنجاڭ (ئۇيغۇرىستان) مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك زىددىيەتلەرگىچە بۇلارنىڭ ھەممىسى دەل مۇشۇ پەيتتە گەۋدىلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقتى" دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە، پرېزىدېنت ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرغان بىر يىلدىن بېرى، بارلىق كۇچىنى ئىشقا سېلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا تىرىشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەتتا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ تەنقىدىگە، ھەتتا لىبىرالىستلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغاندەك بولدى. بىراق، پرېزىدېنت ئوباما سابىق پرېزىدېنت كىلىنتۈنغا ئوخشاش "ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى" دەپمۇ ئوتتۇرىغا قويمىدى، ياكى سابىق پرېزىدېنت بۇش ئەپەندىگە ئوخشاش "ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتى رىقابەتچىلىك مۇناسىۋىتى" دەپمۇ ئوتتۇرىغا قويمىدى. لېكىن پرېزىدېنت ئوباما، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ئىزچىل تىرىشىپ، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە مەسىلىلىرىنى ۋە دۇنيانىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى بولدى.

ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئىللىپ كېتىشى مەسىلىسى دۇنيادا ئەمدىلا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىدۇر. بىراق، ئېنېرگىيە مەسىلىسى كونا مەسىلە بۇلۇپ، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە پىلانى نېمە، بۇ پىلان يەنە قانداق ئۆزگىرىشى مۇمكىن؟ ھە دېگەندە كۆمۈرنى ئائىلىلەردە يېقىلغۇ قىلىۋەرگىلى بولمايدۇ، ئېنېرگىيە ئېلىشقا يەنە باشقا مەنبەلەر يوق، مۇستەملىكە ئۇيغۈرىستاننىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىمۇ تەلەپنى قاندۇرالمايدۇ، يادرو ئېنېرگىيىسى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، شامال كۇچى، قوياش نۇرى ئېنېرگىيىسى قاتارلىق مەسىلىلەر چوقوم ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ ئەھۋاللارنى خۇلاسىلىغاندا، ئامېرىكا، جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلغۇچى ئۆزگە مەنبەلەردىن باشقا، ئېنېرگىيە ئېلىش بىلەن مۇھىتنىڭ ساپلىقىنى قوغداش مەسىلىسى پىكىر قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ساھەلەرنىڭ بېرى بولۇپ كەلگەن.

بۇ ماۋزۇدا ماقالا يازغۇچىلار ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرگەن، تەيۋەنگە ھەربىي قورال - ياراق سېتىپ بېرىش مەسىلىسىنى كۆپرەك تىلغا ئېلىشتى. بىراق، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال - ياراق سېتىپ بېرىشنى قارار قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىگە مەلۇم بولغان "تەيۋەن ئىشلىرى مۇناسىۋەت قانۇنى" نى يول قويغان دائىرىدە ئېلىپ بېرىلاتتى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالا - توپىلاڭ كۆتۈرۈپ راكېتا سىناق قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ھەربىي قورال - ياراق سېتىپ بېرىشىگە "نارازىلىق" بىلدۈرۈشى، تەرتىپلەر بويىچە بولغاندا بۇ قېتىم چېكىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇرۇنلاردا بايانات ئارقىلىقلا نارازىلىق بىلدۈرەتتى.

شۇنداق مەسىلىلەرگە ئاساسلىنىپ، ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتى 2009‏ - يىلى باشقىچىرەك مۇناسىۋەت بولغان بولسا، تەھلىلچىلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىغا ئاساسلانغاندا ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتى 2010 - يىلى يەنە باشقىچىرەك مۇناسىۋەت بولىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Jan 27, 2010 08:26 AM

ﯮﺑﺎﻣﺎ ﻫﯚﻛﯩﻤﯩﺘﻰ ﻛﺸﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﯰﭼﯘﻥ ﯬﯓ ﯪﻟﻰ ﻣﻪﻧﭙﯭﺗﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﯩﭽﻪﻟﻪﻣﺪﯗ ؟
ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺋﯩﻤﯩﺰﮔﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻤﯩﭗ ﯮﺗﯘﭖ ﻛﯩﺘﻪﻣﺪﯗﻕ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ؟