ئۇيغۇرلار چەتئەللەردە
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2009.04.03
2009.04.03
RFA Photo / Erkin Tarim
1950 - يىللاردا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تۈركىيە، كەشمىر، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە سىياسىي مۇساپىر بولۇپ، كۆچمەن بولۇپ چىقىپ كەتكەن بولسا، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار پاكىستانغا چىقىپ كاراچى، راۋالپىندى قاتارلىق شەھەرلەرگە يەرلەشتى.
يېقىندا شاڭگاڭ سۇمرۇغ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، پاكىستاننىڭ شىمالىغا - تاغ ئارىسىغا مۇخبىر ئەۋەتىپ، شۇ يەرگە يەرلەشكەن 800 تۈتۈن - ئۆيلۈك ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى خىتايچە تەسۋىرلەپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بىلەن باردى - كەلدى قىلىشقا ئامراق ئىكەنلىكىنى، خىتاي يۇرتلىرىغا كېلىپ سودا - تىجارەت قىلىشقا ئامراق ئىكەنلىكىنى كۆپتۈرۈپ ئۆزلىرىنى گويا مۇھاجىرلارغا چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىياپەتتە كۆرسەتتى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى قانداق تىل ؟ ئۇلار قاچان يۇرت - ماكانىدىن ئايرىلىپ، پاكىستانغا كېلىپ قاچان يەرلەشكەن؟ ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن خىتاي مۇخبىرلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنى "خىتاي مۇھاجىرلىرى "دەپ، تونۇشتۇردى.
ئەمدى كېلەيلۇق، 1980 - يىللاردا كۆچمەن بۇلۇپ چىقىپ پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ "ئۆمەر مەكتىپى" نى قۇرۇپ چىققانلىقىدىن يېقىندا خەۋەر تاپتىم. بۇ مەكتەپتە 100 نەپەردىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ئۇيغۇر تىل - ئانا تىلنى ئۆگىنىپ تىل چىقىرىۋېتىپتۇ. بۇ شەھەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىگە بىز كىم؟ بىز قەيەردىن كەلگەن؟ بەزىدە بىزنى قەشقەرلىق دەپمۇ ئاتاشتى، بەزىدە بىزنى ئالتە شەھەرلىك دەپمۇ ئاتاشتى. مىللىتىمىز كىم؟ مىللىتىمىزنىڭ ئىسمى كىم؟ ئانا تىلىمىز قانداق تىل؟ دەپ ئۆزلىرىگە سوئال قويغان بۇ ئۇيغۇرلار مەكتەپ باشلانغۇچ مائارىپ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى بىلىشكە، جەددى - جەمەتىنى بىلىشكە، مىللەت نەسەبىنى بىلىشكە بەل باغلىدى.
بۇلار ئۆي ئىچىدە، ھويلا - ئارامدا ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشكەنلىرىدە ھاياجان بىلەن پەخىرلىنىشتى. بىراق تۈركىيىدىن ئېلىپبە ئالدۇرۇپ بالىلارغا ئانا تىلىنى ئۆگىتىشكە باشلىغاندا، پاكىستان تەرەپنىڭ سىياسى دىققىتىگە چۈشۈپ قالدى. ھەتتا خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بۇ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىپ، 100 مىڭ يۈئەن ئاجرىتىپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر "ئۆمەر مەكتىپى" دە ئوقۇمىسىلا، باشقا مەكتەپ قۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە بەردى، دەيدىغان گەپلەرمۇ تارقىلىشقا باشلىدى.
خىتاي باش ئەلچىخانىسى راۋالپىندىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشىگە نېمىشقا قىزىقىپ قالدى؟ ۋەتەن ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش، بۇغۇ خىتاينىڭ ئىختىيارىدا بولسۇن، ئەمدى ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ئۆگىنىشىگە رۇخسەت يوق، چەتئەلدىمۇ ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش خىتاي سىياسىتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە قويۇلدىمۇ؟
بۇ ئۇيغۇرلار باشقۇرۇۋاتقان "ئۆمەر مەكتىپىدە" ماتېرىيال كەمچىل، دەرسلىك كەمچىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرنىڭ دۆلەت بايرىقى چۈشۈرۈلگەن دەرسلىك، ئېلىپبە ۋە باشقا ماتېرىياللارنى ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ. لېكىن، شۇنداق بولسىمۇ بۇ ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىگە ئانا تىل ئۆگىتىش، ئانا تىل ئارقىلىق مىللى كىملىكىنى تېپىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر خىل بېسىملارغا تىز پۈكمەي، "ئۆمەر مەكتىپى" دە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا.