نۇر بەكرى مۇسۇلمان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيىلىمەكچىمۇ؟

2010 - يىلى 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى "تەڭرىتاغ " تور بېتىنىڭ مۇخبىرى ۋاڭ "ئاپتونوم رايونلۇق 2010 - يىللىق مۇسۇلمان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى 1 - قارارلىق تەربىيىلەش كۇرسىدا 8 - ئۆكتەبىر ئوقۇش باشلاندى" ماۋزۇلۇق خەۋەر تارقاتتى. خىتاي بىلەن نۇر بەكرى نېمىنى كەشىپ قىلمايدۇ، ئەمدى "مۇسۇلمان ۋەتەنپەرۋەر" دەيدىغان ئۇقۇم ئوتتۇرىغا چىقىپتۇ.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2010.10.12

نۇر بەكرى كۇرسانتلارغا نوتۇق سۆزلىگەندە: "شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش (دېمەك، "شىنجاڭ" مۇقىم ئەمەسكەندە، چۈنكى، 09 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تەڭرىتاغ ئورنىدىن قوزغىلىپ كەتتى،دە!) خەلقنى بېيىتىپ، چېگرانى مۇقىملاشتۇرۇش" دەپ كۆرسەتتى.

"خەلقنى بېيىتىپ " دېگەن بۇ ئىبارىنى قانداق چۈشەنسەك بولار؟ 1950 - يىلى ماۋ زېدۇڭ شۇنداق چاقىرىق قىلغانىدى، كېيىن مۇستەملىكە ئۇيغۇر دۆلىتىدە مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر ئاچلىقتىن ئۆلدى. كېيىن دىڭ شاۋپىڭ "بىر قىسىم كىشىلەر ئاۋۋال باي بولۇشى كېرەك "دېگەن ئىدى. خىتاي كۆچمەن سودىگەرنىڭ "گۇاڭخۇي شىركىتى" ئۆي - ئىمارەت تىجارىتىدىن ھالقىپ چىقىپ قۇمۇل ئارا تۈركنىڭ نوم يېزىسىدا كۆمۈركان رايونى ئاچتى. يېقىندىن باشلاپ كۆمۈر - قارا ئالتۇن خىتاينىڭ پويىز، ئاپتوموبىلىغا قاچىلىنىپ خىتايغا توشۇلۇشقا باشلىدى. گۇاڭخۇيچىلاردىن بۇرۇن تىجارەت باشلىغان ئوغلۇم ئالىم ئابدۇرېھىم 7يىللىق قاماق جازاسى ئېلان قىلىنىپ تۈرمىدە ياتتى.

"خەلقنى بېيىتىش" دېگەن ئۇقۇمنىڭ مەزمۇنىغا ئەمدى بۇ يەردە نېمە دەپ تەبىر بەرسەك بولار نۇر بەكرى؟ كەمبەغەل ئادەملەر ئۇنىڭدىنمۇ قورقۇپ، بۇنىڭدىنمۇ قورقۇپ ياشايدۇ، بۇ كىشىلەر ئۆزلىرىنى ۋە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ مۇھىتىنى ئۆزگەرتىشكە قىلچىمۇ قىزىقمايدۇ. چۈنكى، ماجالى يەتمەيدۇ. كەمبەغەل ئادەملەر گادايلاشقانسېرى قالاق، ئەنئەنىۋى، كونسېرۋاتىپ ئىدىيىلەر ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا شۇنچە مۇقىملىشىدۇ، بۇ ھال تەبىئىيكى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ئىنتايىن پايدىلىق. بۇ سىياسەت خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا قاراتقان 61 يىللىق سىياسىتىدۇر. بۇ يەردە نۇر بەكرى يۇقىرىقى سىياسەتنى "خەلقنى بېيىتىش" دېگەن نىقاب بىلەن نىقاپلاۋاتىدۇ.

"خەلقنى بېيىتىش "دەيدىغان نىقاپ بىلەن دىنىي زاتلارنى ئالداش بۇ قېتىم نۇر بەكرىگە تاپشۇرۇلغان ئالاھىدە ۋەزىپە بولسا كېرەك.

تور بەتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ھازىرقى زاماندا خىتاينىڭ 1000 يۈەنلىك پۇلىنىڭ قىممىتى 1980 - يىللاردىكى 28 يۈەن پۇلنىڭ قىممىتىگە باراۋەر بولۇپ قاپتۇ. شۇنداق بولغاندا 4مىڭ يۈەن مائاش ئالىدىغان بىر ئۇيغۇر، ھەتتا خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ 80 - يىللاردىكى 120 يۈەنگە ئىشلەۋاتقانلىقى ئاشكارا بولىدۇ.

60 - يىللارغا سېلىشتۇرساق، بىر كىلوگرام گۆشنىڭ پۇلى 9 موچەن ئىدى. ئەمدىلىكتە بىر كىلوگرام گۆشنى 50 يۈەنگىمۇ سېتىپ ئالغىلى بولمايدىكەن. "خەلقنى بېيىتىش "دېگەن بۇ ئىبارىنىڭ تەبىرىنى قانداق چۈشەنسەك بولار نۇر بەكرى؟ "دىنىي مەسىلە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئىشلىرىدا بارومېتىرلىق رول ئويناپ كەلگەن" دەيدۇ نۇر بەكرى. بارومېتىر دېگەن قانداق مېتىر ئۇ نۇر بەكرى؟ "مۇقىملىق" نى مېتىرلاپ ئۆلچەيدىغان بولۇپ قالدىڭلارمۇ ياكى مۇقىملىقنىڭ ھارارىتىنى ھارارەت ئۆلچەيدىغان ئەسۋابلار ئارقىلىق ئۆلچەيدىغان بولۇپ قالدىڭلارمۇ نۇر بەكرى؟

"دىننى قانۇن بىلەن باشقۇرۇش "دەيدۇ نۇر بەكرى. بۇ يەردە ئىككى خىل باشقۇرۇش شەكلى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئىسلام دىنىنى خىتاينىڭ قانۇنى بىلەن باشقۇرۇش، ئىككىنچى ئۇيغۇرنى خىتاي باشقۇرۇش. دىننى ۋە دىنىي زاتلارنى تەربىيىلەپ باشقۇرۇشتىن مەقسەت نېمە ؟ دىنىي زاتلار ئىچىدە گۇماشتا، غالچا تەييارلاش، دىننى خىتاينىڭ سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، دىننى سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، دىنىي زاتلارنى بىر - بىرىنى نازارەت قىلىدىغان مىتىگە، قۇلاققا ئايلاندۇرۇش - نۇر بەكرى مەنسۇپ بولغان كۆچمەنلەر ھاكىمىيىتىنىڭ مەقستىدۇر. مەن، دىن قانۇننىڭ سىرتىدىكى ھادىسە دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. ئۈستقۇرۇلمىدا دىن، قانۇن، ئەدەبىيات - سەنئەت، پەلسەپە قاتارلىق ئاڭ شەكىللىرىنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىر - بىرىگە خىزمەت قىلماي، بىر - بىرىنى باشقۇرماي مۇستەقىل تۇرىدىغانلىقىنى ئوقۇغان ئىدىم. ئەمدى بۇ يەردە نېمىشقا ئاتالمىش قانۇن دىننى باشقۇرىدىغان بولۇپ قالدى نۇر بەكرى؟

خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۇيغۇرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىسىغا 61 - يىل سىياسەت ۋە زوراۋانلىق بىلەن ھۇجۇم قىلدى. لېكىن ھازىرغىچە ھېچنېمە قىلالمىدى. ئەمدىلىكتە زوراۋانلىقنى ئاشكارىمۇ - ئاشكارا يولغا قويدى، بالداقمۇ - بالداق ئۆرلەتتى.

خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى شوۋىنىزم مىللەتچىلىك سىياسىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقاندا، ئۇيغۇرنىڭ ئېتنىك مىللەت قۇرۇلمىلىق ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى تامامەن يوقىتىشنى مەقسەت قىلدى. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى بەر ھەقتۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.