بىرىگە گادايلىق ياراشمىدى، بىرىگە بايلىق ...

غەرب دۇنياسى بىلەن 40 يىل رىقابەتلىشىپ - ئىقتىسادى، ھەربىي ئىشلاردا، سىياسىي ۋە رايون خاراكتېرلىك سىياسى ئىشلاردا رىقابەتلىشىپ يانچۇقى تەتۈر ئۆرۈلۈپ قالغاندا، سابىق سوۋېتلەر - كرېمىل ئىمپېرىيىسى گۇمران بولدى.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2008.10.21

گادايلىق بۇ دۆلەتكە ياراشمىدى. گادايلاشتۇرۇش، پۇقرالارنى سىياسىي، ئىجتىمائىي قۇللارغا ئايلاندۇرۇپ، فېئودال سوتسىيالىزم بىلەن شۇغۇللانغان ماۋ زېدوڭ ئۆلگەندىن كېيىن، دىڭ شاۋپىڭ 20 ‏ - ئەسىرنىڭ 80 ‏ - يىللىرىدا ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىپ، ۋاقىتلىق " ئەبىدى نورمال سودا مۇناسىۋىتى ئورنى بېرىش" ساخاۋىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئىقتىسادى ئىسلاھات سىياسىتىنى تۈزۈپ چىقىپ خۇسۇسىيلارنى تىجارەت قىلىشقا قويۇۋەتكەن ھەمدە ئاۋۋال بىر قىسىم كىشىلەر باي بولۇش سىياسىتىنى كۆتۈرۈپ چىققان ئىدى.

بۈگۈن جۇڭگودا باي بولۇپ يېتىشىپ چىققان بىر قىسىم كىشىلەر دەل خىيانەتچى، پارىخور كوممۇنىست خىتايلار بولۇپ چىقتى. جۇڭگودا سىياسەت ۋە ھوقۇق تاۋار بولۇپ بازارغا كىردى. ھوقۇققا تايىنىپ باي بولغان ئىمتىيازلىق كىشىلەر ئۆز نۆۋىتىدە پۇلغا تايىنىپ ھوقۇقنى كونترول قىلىۋالدى. ھوقۇق بىلەن پۇل بىرلىشىپ ئىپتىدائى كاپىتالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا جۇڭگوچە مۇستەبىتىزملىق ھۆكۈمرانلىق شەكلىنى بەرپا قىلدى.

جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئەزەلىي خاسلىقى بولغان پۇقرالارنىڭ ھوقۇقسىزلىقى ئەمدىلىكتە مەنپەئەت مەسىلىسىگە بېرىپ چېتىلىپ ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى بىر تۈركۈم كىشىلەرنى تەربىيىلەپ چىقتى. ساقچىلارنىڭ ئاتالمىش ئىناۋىتىنىڭ تۆكۈلۈشى ۋە قارا جەمئىيەت كىشىلىرىنى ساقچىلىققا ياللاپ ئېلىشى ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى كۈلرەڭ بەلۋاغنىڭ چەك - چېگرىلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھۆكۈمەت جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ دۈشمىنىگە،جۇڭگو پۇقرالىرى ھۆكۈمەتنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالدى. قىسقىسى جۇڭگو جەمئىيىتى بوھران دەۋرىگە كىرىپ قالدى.

1997 ‏ ۋە 1998 ‏ - يىللىرى ئاسىيادا ئىقتىسادى كرىزىس باشلانغاندا، جۇڭگو بۇ ئۆتكەلدىن ئامان - ئېسەن ئۆتۈپ كەتكەن. 2001‏ - يىلى 12‏ - ئاينىڭ 14‏ - كۈنى جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەندىن كېيىن قىسقىغىنا 7 يىل مابەينىدە خېلى دەرىجىدە پىتلىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا مۇناسىۋەتلىك ياكى خەلقئارالىشىشقا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق قانۇن ‏ - نىزام تۈزمىدى ياكى ئەسلىدە بار بولغان لېكىن زامانغا ماسلىشالمايدىغان قانۇن پەرمانلارغىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىدى. ئارىدا "مۈلۈكچىلىك ھوقۇقى قانۇنى" نى تۈزگەندەك بولدى، لېكىن ئىجرا قىلمىدى. يېقىندا يەرنى ئېلىش ‏ - سېتىش ھوقۇقى توغرىسىدا قارار ئېلان قىلدى، لېكىن كېچىكىپ قالدى.

دەل شۇنداق پەيتتە، خەلقئارا ئىقتىسادى كرىزىسنىڭ بوران - چاپقۇنى يىتىپ كەلدى. دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ خېلى پىتلىنىپ قالغان جۇڭگونىڭ بۇ بوران چاپقۇندىن ساقلىنىپ قالالىشى مۇمكىنمۇ؟ بۇ سوئال ھازىر ھەر قانداق بىر كىشى تەكرارلايدىغان سوئال بولۇپ قالدى. مەبلەغ سالغان چەتئەل شىركەتلىرى گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ ئۆلكىلىرىدىن چېكىنىشكە باشلىدى. يەرلىك شىركەتلەر مەبلەغ يېتىشمەي تاقىلىشقا باشلىدى. بۇ شىركەتلەردىن يېتىپ كىلىدىغان مالىيە مەنبىيى ئۈزۈلۈپ قالىدىغانلا بولسا، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى يەنە قانداق چارىلەرنى ئويلاپ تېپىشى مۇمكىن؟ ۋەزىيەتنىڭ قايسى دەرىجىگە يىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ تۇرغان خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەندىن باشقا مەتبۇئات، ئاخبارات، نەشرىيات ھەتتا تور بەتلىرىنى تەقىپ قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرماقچى بولدى. ھەتتا مەلۇم ئۇيغۇر تىللىق تور بەتلىرى خىتاي لۈكچەكلىرىگە ئۇيغۇر قىزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ بېرىدىغان دەللال سۈپەتلىك تور بېتىگە ئايلىنىپ قالدى.

خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئىقتىسادى كرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى قۇتۇلۇشنىڭ چارىلىرىنى ئىزدەنگەندە،"شەرق گېزىتى"نىڭ 10‏ - ئاينىڭ 18‏ - كۈنى تارقاتقان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگودا ئۆي - ئىمارەت تىجارىتى سەزگۈر سىياسىي مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. ساتقۇچىمۇ، سېتىۋالغۇچىمۇ ئوخشاشلا زىيان تارتقانلىقتىن ھۆكۈمەت ئۆي - ئىمارەت تىجارىتىگە ئارىلىشىشقا باشلىدى. قانداق ئارىلاشتى؟ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆي - ئىمارەت تىجارىتىگە ئارىلىشىشى چۇڭچىڭدىن  شىئەنگىچە؛ چاڭسا، ۋۇخەنگىچە؛ فۇجۇدىن شامىنغىچە، چاڭجياڭ بەلۋاغلىرىغىچە كېڭەيدى.

قوشۇمچە پۇل بېرىش، قەرز ئېلىشنى قويۇۋېتىش، يېزىلىق نوپۇسنى شەھەرگە يۆتكەپ كېلىش، ئوقۇۋاتقان بولسا ئېمتىھان نومۇرى قوشۇپ بېرىش، ھەتتا ئۆي ئالىدىغانلار بولسا ھەر قانداق خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ۋەدىلەرنى بېرىپ كاساتلاشقان ئۆي - ئىمارەت تىجارىتى كرىزىسىنى پۇقرالارغا ئارتىپ قويۇپ قۇتۇلماقچى بولدى. بازار ئىگىلىكى دېگەن شۇنداق ئىگىلىك بولاتتىمۇ خۇ جىنتاۋ، ۋاڭ لېچۈەن ئەپەندىلەر، بۇ قانداق ئىگىلىك؟ سوتسىيالىزم دېدى ياكى سوتسىيالىزم ياراشمىسا خىتاي بۇ دۆلەتكە،كاپىتالىزم دېدى ياكى كاپىتالىزم ياراشمىسا خىتاي بۇ دۆلەتكە، زادى نېمە يارىشار ، قانداق ئىجتىمائىي تۈزۈم يارىشار بۇ دۆلەتكە؟

مېنىڭچە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە كىم ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، دېگەن مەسىلە ھەل بولمىسا،جۇڭگودا ئىجتىمائىي تۈزۈم مەسىلىسى ھەل بولمايدۇ، ھوقۇقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت فېئوداللىق مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى بىر تەرەپ قىلىنمايدىكەن، تىبەتلەر تىبەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا، ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا ئىگە بولمايدىكەن، جۇڭگودا ھەر قانداق مەسىلە ھەل بولمايدۇ. گادايلىق ياراشماي سابىق سوۋېتلەر يانچۇقى تەتۈر ئۆرۈلۈپ قېلىپ گۇمران بولغاندەك،خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە بايلىق ياراشماي گۇمران بولۇشنىڭ گىرۋىكىگە كېلىپ قالغان بولسا كېرەك!

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.