باش باھارنىڭ فېۋرالى جۇڭگوغا قانداق تەقلىدتە يېتىپ كېلەر؟
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2008.11.21
2008.11.21
2008 - يىلى11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى بۈيۈك ئىرا تور بېتى مۇنداق خەۋەر قىلدى: جۇڭگو مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭى ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا 10 - ئاي ئىچىدە مالىيە كىرىمىنىڭ ئازلاپ كېتىشى كۆرۈنەرلىك بولۇپ ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا 14.8 پىرسەنت ئازلاپ كەتتى.كارخانىلارنىڭ پايدىسى،ئىمپورت،ئېكسپورت، تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش كۆلىمى، ماشىنا - ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارى، پاي - چەك بازىرى، سۇغۇرتا،كۆچمەس مۈلۈك تىجارىتى ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىن كېلىدىغان باج يىغىۋېلىش مەنبەلىرى ئازلاپ كەتتى. پاي - چەك بازىرىغا مۇناسىۋەتلىك ماركا بېجى يىغىۋېلىشىمۇ ئازلاپ كەتتى.
بۈيۈك ئىرا تور بېتىنىڭ گۇ چىڭئېر،گو ياۋخۇا قاتارلىق مۇخبىرلىرى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى مۇنداق خەۋەر قىلدى:گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لۇڭنەن ۋىلايىتى ۋۇدۇ شەھىرىدە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى ئاممىۋى نارازىلىق ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى. نامايىشچىلار ھۆكۈمەت بىنالىرىغا، ئىشخانىلارغا بۆسۈپ كىردى.كۆپ بولغاندا نامايىشچىلارنىڭ سانى 50 مىڭغا يەتتى. دائىرىلەر ساقچىلارنى تۈركۈملەپ يۆتكەپ كېلىپ نامايىشچىلارنى باستۇردى.
نامايىشچىلار ساقچى ئاپتوموبىللىرىنى كۆيدۈردى. سېكرېتار ۋاڭ يى كۆزدىن غايىپ بولدى، شەھەر باشلىقى تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ : ھۆكۈمەت كۆپلىگەن نامايىشچىلارنىڭ بىناغا، ئىشخانىلارغا باستۇرۇپ كىرىشىدىن قورقتى، ئارمىيە ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدى، دەپ كۆرسەتتى. قوراللىق ساقچىلارنىڭ پۇقرالارنى ئۇرغانلىقى سۈرەتلىك خەۋەرگە ئايلاندى،100دىن ئارتۇق پۇقرا يارىلاندى، ئوق ئاۋازى ئاڭلانمىدى بىراق،ساقچىلارنىڭ قولىدا كالتەك بار ئىدى. نامايىشچىلار ساقچىلارغا تاش - كېسەك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى.ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا 69 نەپەر قوراللىق ساقچى يارىلاندى.
2008 - يىلى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ب ب س نىڭ خىتاي تىلى بۆلۈمى مۇنداق خەۋەر تارقاتتى: ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئاستىلاپ كەتكەنلىكتىن جۇڭگودا ئىشسىزلار قوشۇنى كۆپىيىپ كېتىپ، سىياسى خەتەرنى باھالاپ تۇرۇشنىڭ نورمىسىنى كۆتۈرۈۋەتتى. ئىشسىزلىق جەمئىيەت تەرتىپىگە يوشۇرۇن تەھدىت پەيدا قىلدى. 2008 - يىلى11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن جۇڭگو ماشىنىسازلىق سانائىتىنىڭ رەھبەرلىرى ھۆكۈمەتنىڭ قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشىنى تەلەپ قىلدى.
2008 - يىلى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى جۇڭگوغا نەزەر تور بېتى ياپونىيە "ئىقتىسات خەۋەرلىرى" گېزىتىنىڭ خەۋەرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى مەزگىللەردە جۇڭگودا پاي - چەك بازىرىدا باھا چۆكۈپ كەتتى. تۇرالغۇ ئۆيلەر تىجارىتى كاساتلاشتى. زاۋۇتلار ئارقا - ئارقىدىن تاقىلىشقا باشلىدى. كوممۇنىست خىتايلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا كادىرلار، يېڭى يىل بايرىمىدا ياكى باھار بايرىمى ئارىلىقىدا جۇڭگو جەمئىيىتى داۋالغۇش دەۋرىگە كىرىپ قالىدۇ دەپ ئەنسىرەشكە باشلىدى. دېمىسىمۇ جۇڭگودا ئوتتۇرا قاتلام بۇرژۇئازىيە ئارقا - ئارقىدىن توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە باشلىدى.
ياپونىيە "ئىقتىسات خەۋەرلىرى" گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پۇل - مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئەربابلار، بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئۆزلىرىنىڭ قورقۇشقا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپ 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن باشلاپ، 2 - ئاينىڭ باشلىرى ئارىلىقىدا مۇبادا كۆچمەس مۈلۈك ۋە پاي - چەك بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ھۆكۈمەت كاپالەت ئاستىغا ئالالمىسا، جۇڭگودا ئىش چىقىدۇ، دېيىشكەن.
شۇنداق ئىكەن، ئەمەلدارلار ئەندىشىدە، كوممۇنىست كادىرلار ئەندىشىدە، سودىگەرلەر ئەندىشىدە، پۇقرالار ئەندىشىدە، جۇڭگو جەمئىيىتى قانداق جەمئىيەت بولۇپ قالدى؟ ئەگەر سىياسى مۆلچەر بىلەن سىياسى قىياسلار توغرا بولۇپ چىقىدىغانلا بولسا، باش باھارنىڭ فېۋرالى جۇڭگوغا قايسى تەخلىتتە يىتىپ كېلىشى مۇمكىن؟









