خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ كېلىش مەنبىيى

بىزنىڭ قارىشىمىزچە، خىتاي مىللەتچىلىكى 1911‏ - يىلى سۇن جۇڭسەننىڭ قولى بىلەن پەيدا بولغان ئىدى. 2008‏ - يىلى 2‏ - ئايدا ب ب س نىڭ خىتاي تىلى بۆلۈمى خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ نۆۋەتتىكى كۈچلۈك ئىپادىلىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرغان.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2008.11.25

نېمىشقا جۇڭگودا مىللەتچىلىك دولقۇنى ھادىسىسى كۆتۈرۈلدى؟ بۇ ھادىسىنىڭ كەينىدە نېمە ئىش بار؟ خىتاي مىللەتچىلىكى جۇڭگو جەمئىيىتىگە قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟ بۇ توغرىدا گېرمانىيىدە شۇ ۋاقىتتا مۇنازىرە بولۇپ ئۆتكەن. يىغىنغا قاتناشقان كىشىلەر خىتاي مىللەتچىلىكى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان ئىدى.

ئەپيۇن ئۇرۇشى دەۋرىدە چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارىتىلغان خىتاي مىللەتچىلىكى 20 ‏ - ئەسىرنىڭ 90‏ - يىللىرىدىن باشلاپ جۇڭگودا يەنە كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. "جۇڭگولۇقلار ياق دېيىشى كېرەك" ماۋزۇلۇق كىتابلار نەشر قىلىنىشقا باشلىدى. بېلگرادتا خىتاينىڭ باش ئەلچىخانىسى پارتلاپ كەتكەندە خىتاي مىللەتچىلىكى جۇڭگودا نامايىش ئارقىلىق ئىپادىلەندى. 2005‏ - يىلى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياپونىيىگە قارشى نامايىش كۆتۈرۈلدى.

مىللەتچىلىك پىكىر ئېقىمى جۇڭگودا ئادەتتىكى پۇقرالار ئارىسىدىمۇ يىلتىز تارتىپ، قېلىپتىن چىققان مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرى ھەتتا زوراۋانلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. بۇنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا ئىزدەنگەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۈي يۇ ئەپەندى بۇ ۋەقەلەرگە 4 ‏ - ئىيۇن ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئىدېئولوگىيىلىك بوشلۇقنى مىللەتچىلىك بىلەن تولدۇرۇش دەپ باھا بەردى. شۇ چاغدا 4‏ - ئىيۇن ۋەقەسىدىن كېيىن، سابىق سوۋېتلەر ۋە شەرقى ياۋروپادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن سەزگۈر خىتاي مىللەتچىلىرى، مىللەتچىلىكنى ئالاقىدار تەرەپلەر پىكىر ئېقىمىنىڭ تەركىۋى قىسمىغا ئايلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىشقان ئىدى.

تەتقىقاتچى ۋۇ گوگۇاڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سابىق سوۋېتلەرنىڭ يىمىرىلىشى ھۆكۈمەتكە ئىبرەت بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئاتالمىش جۇڭخۇا مىللەتلىرى دېگەن " سەپسەتىلەشكەن ئۇقۇم " نى سوبيېكىت قىلغان دائىرىلەر، جۇڭگودا مىللەتچىلىكنى تەشەببۇس قىلىشتى. كوممۇنىستلار ھاكىمىيىتىنىڭ سابىق سوۋېتلەردە گۇمران بولۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتچىلىكنى بازارغا سېلىشىغا "يېتەرلىك ئاساس" تەييارلاپ بەرگەندە، خىتاي كوممۇنىستلىرى مىللەتچىلىكنى ماركسىزمنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، پۇقرالارنى مىللەتچىلىك بىلەن ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنلۇق ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە سابىق سوۋېتلەرنىڭ يىمىرىلىشىدە ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ قانداق رول ئوينىغانلىقىنى تولۇق كۆرۈپ يەتكەن خىتاي كوممۇنىستلىرى، جۇڭگودىمۇ شۇنداق ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ كۆپلۈكىنى، ئەگەر جۇڭگودا كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت زورلۇق ۋە يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتكە تايىنىپ، دۆلەتنىڭ ئاتالمىش بىرلىكىنى قوغداپ قالمايدىغان بولسا، مىللەتلەرنىڭ سىياسىي مەسىلىسى جۇڭگودا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ دەپ خۇلاسە چىقاردى. بىزنىڭچە، دەل مۇشۇ خۇلاسە خىتايدا مىللەتچىلىكنىڭ دەۋر خاراكتېرلىك كۆتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولدى.

شۇنىڭدىن كېيىن قېلىپتىن چىققان شوۋىنىزملىق، يۇقىرى بېسىملىق، خىتاي مىللەتچىلىكىنى يېتەكچى قىلغان، داۋاملىق باستۇرۇشنى بەلگە قىلغان سىياسەت بىۋاستە ئۇيغۇرلارغا، تىبەتلەرگە قارىتىلدى. شۇڭا دەيدۇ، ۋۇ گوگۋاڭ ئەپەندى: خىتايدا مىللەتچىلىكنىڭ 90‏ - يىللاردا باش كۆتۈرۈشى جۇڭخۇا مىللەتلىرى دېگەننى بىر مىللەتكە بىرلىك قىلىپ، جۇڭگودا باشقا مىللەتلەرنىڭ بارلىقىنى پەقەت كۆزگە ئىلمايدىغان، مىللى ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنىمۇ كۆزگە ئىلمايدىغان شەكىلگە كەلتۈرۈلدى.

چىن يەن ئەپەندى مۇنداق كۆرسەتتى: رادىكال مىللەتچىلىك، مىللەتچىلىك نامىدا سىياسى مەقسەتكە يېتىشنىڭ بىر خىل ۋاسىتىسىدۇر. بۇ خىل مىللەتچىلىك، دېموكراتىيىلىك فونكىسسىيىنىمۇ بۇزۇپ تاشلايدۇ، چۈنكى، رادىكال مىللەتچىلىك ئۆز مىللىتىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەر مۇناسىۋەتلىرى ئۇرۇشقا كىرىپ قالىدۇ.

بۇ بايانغا ئاساسلانغاندا، تارىختا ستالىن شۇنداق كىشى ئىدى، ماۋزېدۇڭ، گىتلېرمۇ شۇنداق كىشىلەر ئىدى. نۆۋەتتە خىتاينىڭ تىبەتلەرگە، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللەتچىلىك پوزىتسىيىلىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۈگۈنكى كۈندە جۇڭنەنخەينىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ رادىكال مىللەتچىلىك، قانۇن ۋە ھەر قانداق ئاقىلانە سىياسەتنىڭ ھىمايىسىدىن يىراق، يالىڭاچ مىللەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانماقتا. مەسىلەن ئۇيغۇرلارنى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئارقىلىق پىلانلىق ئۆلتۈرمەكتە، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ۋەتىنىدىن يۆتكەپ كېتىپ يوقىتىشنى پىلانلىماقتا.



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.