خىتاينىڭ ئىقتىسادى كرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش تەرەددۇتلىرى چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا

يېقىندىن بىرى خىتايدا پاي - چەك باھاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش سۈرئىتى ئىنتايىن تىز بولدى. ئۆي - ئىمارەت تىجارىتىدە كاساتلىشىش ئەمدىلا باشلاندى.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻘﻬﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2008.12.30

ھەتتا ھۆكۈمەت تەرەپ پۇل چىقىرىپ سېلىنغان ئىمارەتلەرمۇ بوش پېتى قالدى. تاشقى سودا غەيرى تەرەققىيات يولىغا كىرىپ قالغاندىن باشقا، پايدا قوغلىشىدىغان تارماقلاردىمۇ زىيان تارتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى.

نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادىنى تەتقىق قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى 3 نۇقتىدا تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈردى. 1‏ - جۇڭگو ئىقتىسادىدا ئۆرلەشنىڭ ئاستا بولۇۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتتى. جۇڭگو ئىقتىسادى بۇ بىر يىل ئىچىدە جىددىي تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن. تۆۋەنلەپ كېتىشنىڭ غەيرىلىكى ھەتتا باشقا دۆلەتلەردە كۆرۈلمىگەن ئەھۋال بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

2‏ - ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە قارىتا جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى توغرىسىدىمۇ تونۇش بىرلىككە كەلتۈرۈلدى. تەقسىمات پرىنسىپىنىڭ ئادىل بولماسلىقى، سىياسى جەھەتتە چىرىكلىشىش، ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشىغا باغلىق تۇرمۇشنى ياخشىلاش ئۈمىدلىرىنىڭ كۆپىيىشى ئەسلىدە ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمەت بولۇپ قېلىشىغا مەنبە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن بۇ ئۈمىدلەر يوققا چىقتى. يېقىندىن بىرى خىتاي يازغۇچىلار: ئىقتىساد %8 ئەتراپىدا ئۆرلىمەيدىكەن، جۇڭگودا كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ۋە پۇقرالارنىڭ ئىشى چاتاق دېيىشكەن.

3‏ - كرىزىسقا پېتىپ قالغان دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئالدىدا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاجىزلىقى توغرىسىدا تونۇش بىرلىككە كەلتۈرۈلدى.

بۇ كۈنلەردىن سەل بۇرۇن ئۆزىنى چوڭ چاغلايدىغان جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى مىللەتچىلىرىلا ئەمەس بەلكى غەربتە بەزى، خۇشامەت ئارقىلىق جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىن بىر قاچا تاماق تىلەپ يېيەلمەيدىغان غەرب دۇنياسى ئالىملىرىمۇ "جۇڭگو ئىقتىسادى مۇستەقىللىقى" نەزەرىيىسىنى بازارغا سېلىشقان ئىدى. ئۇلار جۇڭگودا ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ تېزلىكى، ياخشىلىقى ھەققىدە گەپ سېتىپ، جۇڭگو پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ بازىرىغا ۋە ئىقتىسادى كۈچىگە تايىنىپ ئىقتىسادنىڭ داۋاملىق تەرەققى قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى مۇمكىن دېيىشكەن ئىدى.

بۇنداق ئەپسانىلەر نۆۋەتتە ئىقتىسادى كرىزىسنىڭ ئالدىدا پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدى. گەرچە جۇڭگولۇقلار دۇچ كەلگەن ئىقتىسادى كرىزىسنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىق سەۋەبلىرى ئۆزگىچە بولسىمۇ،لېكىن غەرب دۇنياسىدا يۈز بەرگەن ئىقتىسادى كرىزىس جۇڭگو ئۈچۈن ئېيتقاندا كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال دېگەندەك بىر ئىش بولدى. بۇ ئىش نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، بەلكى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى كرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش تەرەددۇتلىرىنىمۇ زور دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچراتتى.

ئىقتىسادنىڭ جۇڭگودا ئاستا تەرەققى قىلىشى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسى ۋەزىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ جۇڭگو ئىقتىسادىنى ئۇمۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا بىلىم ئىقتىسادى دېگىلى بولمايدۇ. بەلكى بۇلاڭ - تالاڭغا، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ قىياپىتىنى بۇزۇش بەدىلىگە مەۋجۇت بولۇپ تەرەققى قىلىۋاتقان ئىقتىسادتۇر.

يېقىندا جۇڭگو بانكىسى بىڭتۈەنگە مىليارد دوللار قەرز بېرىشىنى پىلانلاپتۇ. ئەسكىرى خىزمەتنى كۈچەيتمەكچىمۇ ياكى ئىقتىسادى ئىشلارنى راۋاجلاندۇرۇپ بىڭتۈەنگە خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ چىقماقچىمۇ؟

ئىچكى موڭغۈلدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نامايىش قىلىپ مائاش ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى زور كۆلەملىك بولدى. ئارقىدىنلا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نامايىشقا تەييارلىق قىلىپتۇ دېگەن گەپلەر تور بەتلىرىدە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

بۇ راست ئىشمۇ ياكى بۇ قېتىم ۋاڭ لېچۈەن ئاۋۋال جامائەت پىكرى تەييارلاپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە زىيالىيلار ئارىسىدا باستۇرۇشنى يولغا قويماقچىمۇ؟

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.