19-يانۋاردا ئالماتا شەھىرىنىڭ زاريا ۋوستوكا مەھەللىسى قەبرىستانلىقىدا قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخشىچىسى مۇرات ناسىروفنى خاتىرىلەش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.
2013-01-21
قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ئۇيغۇر پودپولكوۋنىك تۇرسۇنتاي راخمانوف يېقىندا كېسەل سەۋەبىدىن 66 يېشىدا بېشكەكتە ۋاپات بولدى.
2013-01-16
بۇنىڭدىن 67 يىل ئىلگىرىكى، 1945-يىلى، 12-ئاينىڭ 30-ۋە 1946-يىلى، 1-ئاينىڭ 3-كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، «11 ماددىلىق بىتىم» گە ئىمزا قويغان پەيتتە جاڭ كەيشىنىڭ ئوغلى جاڭ جىڭگو موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، ستالىن بىلەن كۆرۈشكەندە مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ) مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان ئىدى.
2013-01-16
ياپونىيىلىك ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ھىگاشى تارو ياپونىيە يېڭى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «بېيجىڭ سېنكاكۇ ئارىلى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئەندىشىدە قالدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنى ياپونىيىدىكى «دۇنياۋى دوستلار كۇلۇبى» دا سۆزلىگەن.
2013-01-15
مەرھۇم ناخشىچى مىرزات ئالىم ئىجراسىدىكى «ئاجراشماڭلار ئاتا-ئانىلار» ناخشىسى ئاتا-ئانىسىدىن تىرىك تۇرۇپ ئايرىلغان يېتىم بالىلارنىڭ يۈرەك ساداسى، بەختلىك ئائىلىسى بۇزۇلغان ئەر-ئاياللارنىڭ قەلب نىداسى سۈپىتىدە 20 يىللاردىن بىرى سەھنىدىن-سەھنىگە، ئېكراندىن-ئېكرانغا كۆچۈپ، تالاي ناخشىچىلارنىڭ ئېغىزىدا ۋايىغا يېتىپ ئورۇندىلىپ كەلدى.
2013-01-14
رۇسىيىلىك تارىخچى ئالېكساندىر قادىربايېف ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا ئەسىر قەبىلىلىرى، خەلقلىرى، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلار تارىخى بويىچىمۇ تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان.
2013-01-10
تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە ئۇزۇن تارىخ ۋە باي مەدەنىيەتكە ئىگە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا ئالىملىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەنلىكى ياخشى مەلۇمدۇر.
2013-01-10
ياۋروپا خەلقى ئومۇميۈزلۈك ئېتىقاد قىلىدىغان خرىستىئان دىنى قاراڭغۇلۇق ئەسىرلەردە دىن ئادەملىرى تەرىپىدىن بۇرمىلىنىپ، تەۋرات ۋە ئىنجىل قاتارلىق مۇقەددەس كىتابلاردىكى ئىلاھىي تېكىستلەرگە ئارىستوتىلغا ئوخشىغان ئەينى ۋاقىتتىكى پەيلاسوپلارنىڭ نەزەرىيىلىرى ئىلاھىي تېكىست سۈپىتىدە كىرگۈزۈلگەن شۇنداقلا پوپلار ئوتتۇرىغا قويغان شەخسىي قاراشلارمۇ ئىلاھىي تېكىست تۈسىنى ئالغان ئىدى.
2013-01-09
ئۆتكەنكى يىلىنىڭ ئاخىرىدا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف جۇمھۇرىيەت خەلقىگە يوللىغان «قازاقىستان - 2050-يىلى ئىستراتېگىيىسى» دە 2025-يىلغىچە قازاق ئېلىپبەسىنى لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىنى ئىشلەپ چىقىشنى تەكلىپ قىلىپ، بۇنىڭ پۈتۈنلەي تەبىئىي ھالدا يۈز بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
2013-01-08
قىرغىزىستاننىڭ قارابالتا شەھىرى قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار بىر قەدەر توپلىشىپ ياشايدىغان يۇرتلارنىڭ بىرى. بۇ يۇرت تارىخىمىزدا ئوخشىمىغان ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئىزچىل يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن.
2013-01-08
ئىراقتا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش بىر ھەپتىدىن بىرى ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، ئىراقنىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە يېزىلىرىدا ئومۇملاشقان.
2013-01-03
بۈگۈن 1-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دولان ناخشا -ئۇسۇل ئانسامبىلى قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارغا ئويۇن قويدى. مەزكۇر پائالىيەت، يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي-قىرغىزىستان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى قاتارىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
2013-01-02
رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستاندا تونۇلغان ئالىم، ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبەئەچىلىك تارىخى بويىچە كەڭ دائىرىدە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان ھەم بۇ ھەقتە بىر قانچە ئەمگەكلەرنى ئېلان قىلغان تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى مۇنىر ئېرزىننىڭ ئىسمى كۆپچىلىككە ياخشى تونۇشتۇر.
2013-01-01
كىشىلەر ھەر يىلى يېڭى يىلنى قۇتلاش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خۇشاللىقىنى ئىزھار قىلىشىدۇ. يېڭى يىلنى قۇتلاش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. جۈملىدىن مۇسۇلمانلارمۇ ئۆزلىرىگە خاس ئۆزگىچىلىك بىلەن يېڭى يىلنى كۈتۈۋالىدۇ.