قەشقەر توققۇزاقتىكى خەلىق ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز قالدى

خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئۇيۇنچۇق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئىشلەمچى ياشلارنىڭ مەزكۇر زاۋۇتتىكى خىتاي ئىشچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان 26 "‏ - ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى" دىن كېيىن، يەرلىك ئامما پەرزەنتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن قايغۇرماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.07.02
Xitay-Uyghur-toqunushi-guangdong-305 www.uighurbiz.net ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﻨﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﺵ.
www.uighurbiz.net ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ www.0751.cc ﻧﯩﯔ.

ئائىلىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى ئالالماي ئاۋارە. يەرلىك دائىرىلەر بولسا ۋەقە توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىپ، ئاممىنىڭ ۋەقە توغرىسىدا ئاشكارا پىكىر قىلىشىنى چەكلىگەن.

26 ‏ - ئىيۇن كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۇەن شەھىرىنىڭ "شۈيرى" ئويۇنچۇق زاۋۇتىدىكى خىتاي ئىشچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئېغىر تالاپەت تارتقان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى قەشقەر توققۇزاقتىكى ھەر قايسى يېزا ‏ - كەنتلەردىن بارغان ياشلار ئىدى. ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىگە بىر قانچە كۈن بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك ئامما ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز، دائىرىلەر بولسا بۇ جەھەتتىكى ئۇچۇرلارغا چەكلىمە قويغان.

بىز توققۇزاقتىكى بەزى ئائىلىلەرگە تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەزكۇر ۋەقەگە بولغان ئىنكاسىنى ئالدۇق.

بەزى يەرلىك پۇقرالار شۇ جايدىكى ساقچىخانا دائىرىلىرىنىڭ پۇقرالارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر بالىلارنى ھاراق ئېچىپ جىدەل چىقىرىش ۋەقەسىدە ئۆلگەن، دەپ چۈشەندۈرۈشنى، ئەگەر باشقىچە قاراشتىكىلەر بولسا جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، دېگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

لېكىن توققۇزاقنىڭ زەمىن يېزىسىدىكى ساقچىخانىنىڭ بىر خادىمى دىھقانلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى رەت قىلدى.

ۋەقەدە ئۆلگەن ئۇيغۇر ياشلارنىڭ بىرى، توققۇزاقنىڭ زەمىن يېزىسى 16 ‏ - كەنتىدىكى ھاشىمجان ئەمەت ئىسىملىك بىر ياش ئىدى. كەنت خەلقى پەيشەنبە كۈنى مەرھۇمنىڭ 3 نەزىرىنى ئۆتكۈزگەن.

يەرلىك پۇقرالارنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، دائىرىلەر ھاشىمجاننىڭ ئۆيى ۋە مازىرىغا كۆزەتچى قويۇپ، تاسادىپى ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىش ئىھتىمالىغا قارشى تەدبىرلەرنى يولغا قويغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2006 ‏ - يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدىن ياش ئەمگەك كۈچلىرىنى دېڭىز بويىدىكى خىتاي شەھەرلىرىگە تەشكىللىك ۋە مەجبۇرىي يۆتكەپ، ئەمگەككە سېلىۋاتقان ئىدى. لېكىن ھاشىمجان ئەمەت ئولتۇراقلاشقان كەنتنىڭ بىر مەسئۇلى كەنت ياشلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى رەت قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، توققۇزاقتىكى يەرلىك ئۇيغۇر ئائىلىلەر بىلەن شاۋگۈەندىكى ۋەقە توغرىسىدا ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.