خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرمە سېستىمىسىنى ئىسلاھ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى


2004.10.27

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي مۇئاۋىن ئەدىلىيە مىنىستىرى فەن فاڭپىڭنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان سىنگاپور ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەجرىبىسىدىن ئۈلگە قىلىپ، تۈرمە سىستېمىسىدا پسىھولوگىيىلىك داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا باشلىغان. يەنى مەھبۇسلارنى پسىخولوگىيە جەھەتتىن يىتەكچىلىك قىلالايدىغان خادىملارنى تەيىنلەپ، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورناتقان.

يېڭى ئۇسۇل

ئۇ سۆزىدە "دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتلەر تۈرمە ۋە ئۆزگەرتىش پىلانى ئارقىلىق كۆپلىگەن جىنايەتچىلەرنى قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان كىشىلەرگە ئايلاندۇردى. بۇ شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى" دىگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە مەھبۇسلارنى جازا مۇددىتىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى بويىچە تۈرمىلەرگە ئايرىپ سولاش تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىپ، مەجبۇسلارنى ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ، دەرىجىگە بۆلۈپ ئايرىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدىكەن.

سەتەڭلەر ھىيلىسى

بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرمىلەردە يېقىندىن بۇيان يۈرگۈزگەن پسىھولوگىيىلىك داۋالاش ئۇسۇللىرى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي جىنايەتچىلەر ئەڭ كۆپ قامىلىدىغان ئۈرۈمچى 3 - تۈرمىسىگە تېلېفون قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغان مەزكۇر تۈرمىنىڭ شۈ پەمىلىلىك بىر مەسئۇلى، ئۇلارنىڭ 2002 - يىلىدىن باشلاپ، پسىھولوگىيىلىك داۋالاشنى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

"بىز پىسخولوگىيىلىك داۋالاشنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بۇ يىل ئەدىلىيە مىنىستىرلىكى مەھبۇسلارنى ئۆزگەرتىش سۈپىتىمىزنى ئۆستۈرۈش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن. بۇ مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن بىز كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللاندۇق. پىسخولوگىيىلىك داۋالاشمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل ئۇسۇل . بىز بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ بىراز ئەتراپلىق ۋە ئاسان چىقىشىدىغان پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئايال ساقچىلارنى ئەر مەھبۇسلار بىلەن پاراڭلىشىشقا سالدۇق ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىنى ۋە ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشتۇق. ئەمەلىيەتتە بىز بۇنى ئېلىپ بېرىۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولدى. 2002 - يىلى دەسلەپتە ئائىلە ئەزالىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى قوللاندۇق. 2003 - يىلى يەنە قارشى تەرەپ بىر- بىرىنى كۆرگىلى بولىدىغان تېلېفونلارنى ئورناتتۇق. بۇ يىل ئەمدى ئايال ساقچىلارنى ئەر مەھبۇسلار بىلەن سۆھبەتلىشىش تاكتىكىسىنى قوللىنىۋاتىمىز".

"سەتەڭلەر ھىيلىسى" نىڭ كۈچى

خىتاي دائىرىلىرى ئېيتقان پسىخىكا بىلەن جەھەتتىن داۋالاشنىڭ ئايال ساقچىلارنىڭ مەھبۇسلار بىلەن سۆزلىشىش ۋە نەسىھەت قىلىپ ئۆزگەرتىش شەكلى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىگىلىگەندىن كىيىن، بىز بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمىنى سورىغىنىمىزدا،ئۇ بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، نۇرغۇن ئەر مەھبۇسلارنىڭ ئېيتىشنى خالىمىغان گەپلىرىنى ئايال ساقچىلارغا ئاسانلا تۆكۈپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن مەھبۇسلارنىڭ ئىدىيىۋىي ئەھۋالىنى ئىگىلەشنىڭ ئاسانغا چۈشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

-- ئۇنداقتا سىلەر سىياسىي جىنايەتچىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىسىلەر؟

-- ئۇلار سىياسىي جىنايەتچى دەپ ئاتالمايدۇ. ئۇلار دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىد يەتكۈزۈش جىنايىتىنى سادىر قىلغانلار. خەلقئارالىق ئاتالغۇ بىلەن ئېيتقاندا تېررورىستلار. بىز ئۇلارنىمۇ مۇشۇنداق پىسخىكا جەھەتتىن ئۆزگەرتىپ، بىزنىڭ ئىنسانىي تەرىپىمىزنى چۈشەندۈرىمىز. ئۇلارغىمۇ ئوخشاشلا قايىل قىلىش، نەسىھەت قىلىش ۋە ئايال ساقچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىمىز. ئۇلار دەسلەپكى كۈزىتىش مەزگىلىدە تۇققانلىرى بىلەن ئۇچرۇشۇش مەنئىي قىلىنغاندىن سىرت، كامىرلارغا تەقسىم قىلىنغاندىن كېيىن باشقا مەھبۇسلارغا ئوخشاش تۇققانلىرى بىلەن ئۇچرۇشۇش، سىرت بىلەن ئالاقىلىشىش قاتارلىق بارلىق ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بولىدۇ.

ئۈرۈمچى 3 - تۈرمىسىنىڭ مەزكۇر مەسئۇلى گەرچە سىياسىي سەۋەبتىن تۈرمىگە تاشلانغانلارنى تېررورىستلار دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى كۆرەشتىن پايدىلىنىپ، ئۆز سىياسىي ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شۈ پەمىلىلىك بۇ ئەمەلدار يەن ئۇلارنىڭ تۈرمىسىدە سىياسىي سەۋەب بىلەن تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ سانىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلىپ، بۇنى دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكى دەپ كۆرسەتتى.

دۇنيا بويىچە مەھبۇسلار سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دۇنيا بويىچە مەھبۇسلار سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان 670 تۈرمىدىلا ئاز دىگەندە بىر يېرىم مىليون كىشى تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرى، خىتايدا ئەمىلىيەتتە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان مەھبۇسلار سانىنىڭ بۇ ساندىن كۆپ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سوتلانمايلا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا خىتاي تۈرمىلىرىدە مەھبۇسلارنى ئۇرۇش، تىللاش ۋە قاتتىق قىيىن قىستاققا ئېلىش ئەھۋاللىرىنىڭ ئىنتايىن ئوموملاشقانلىقىنى كۆرسەتكەن. زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغان يۇقىرىقى تۈرمە ئەمەلدارى كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ مەلۇماتلىرىنى رەت قىلىپ، خىتاي تۈرمىلىرىدە مەھبۇسلارنى ئۇرۇش ئەمەس، ھەتتا تىللاش ئەھۋاللىرىنىڭمۇ يېقىنقى 9 يىل ئىچىدە پۈتۈنلەي يوق قىلىنغانلىقىنى، مەھبۇسلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بىر سىياسىي جىنايەتچىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى

بىراق، يەتتە يىل ئىلگىرى سىياسىي جەھەتتىن گۇمانلىق ئۇنسۇر دەپ ئەيىپلىنىپ، خىتاي تۈرمىسىدە يېتىپ چىققان، نۆۋەتتە چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئابدۇقادىر ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي چەتئەل جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان سەپسەتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ تۈرمىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

(ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.