خىتاي بىخەتەرلىك خادىمى غەيرەتنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى (2)

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك نازارىتىنىڭ جاسۇسلۇق خادىمى غەيرەت نۇرمەمەت، بۇ يىل 1 - ئايدا ئۆيىدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالغان. ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى گەرچە بىر مەھەل غۇلغۇلا قوزغىغان بولسىمۇ. لېكىن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تېز ئارىدا بېسىقتۇرۇۋېتىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2010.09.15

غەيرەتنىڭ ئۆلگەن ياكى ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ھازىرچە ئېنىق مەلۇمات ئېلىش مۇمكىن بولمىسىمۇ،  ئەمما غەيرەتنىڭ يېقىندا چەتئەلگە قېچىپ چىققان بىر ئاغىنىسىنىڭ ئاشكارىلىشى بىلەن مەزكۇر بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ سىرلىق ئۆلۈمىنىڭ ھەقىقەتەن گۇمانلىق ئىكەنلىكى، يەنى 5 - ئىيۇل سىرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بارغانچە سۇ يۈزىگە چىقماقتا.

غەيرەت نۇرمەمەت، 36 ياش، ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قوراللىق ساقچى مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت بىخەتەرلىك نازارىتىدە، سىياسىي جىنايەتچىلەرنى تۇتۇشقا مەسئۇل باشقارمىسىدا 10 يىلدىن ئارتۇق رازۋېدكا خادىمى بولۇپ ئىشلەپ كەلگەن.
 
غەيرەت نۇرمەمەت 2010 - يىلى 1 - ئايدا تۇيۇقسىز ئۆيىدە ئۆلۈپ قالغان، خىتاي دائىرىلىرى گەرچە بۇ سىرلىق جاسۇسنىڭ ئۆلۈمىنىمۇ مەڭگۈلۈك سىرغا ئايلاندۇرۇۋېتىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن شاھىدلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇنىڭ سەۋەبسىزلا ئۆلۈپ قېلىشى، يۈز قىسمى كۆكەرگەن جەسىتى، بولۇپمۇ، مۇھىمى ئۇنىڭ ئۆلۈشتىن ئىلگىرى پۇشمان باسقان روھىي ھالىتى ھەم خىتاي بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار، يەنى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى مەستلىكتە ئاغزىدىن چىقىرىۋېتىشى ھەتتا يىغلاپمۇ سالغانلىقىغا ئوخشاش ۋەقەلەر ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئۇنداق ئاددىيلا، تۇيۇقسىز ئۆلۈم ئىكەنلىكىگە گۇمان تۇرغۇزىدىكەن.
 
ئۇنداقتا شۇنچە بىگۇناھ ئىنساننى، قېرىنداشلىرىنى "خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت" دېگەن گۇمان بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا، قىيىن قىستاقلىرىغا، ئادالەتسىز ھۆكۈمىگە تۇتۇپ بېرىپ كۆزىنى چىم قىلمايدىغان، ۋىجدانى ئازابلانماي ئەكسىچە كۆرسەتكەن خىزمىتىدىن پەخىرلىنىپ شۇنىڭغا تايىنىپ جان بېقىپ كەلگەن غەيرەت نۇرمەمەتنىڭ ۋىجدانىنى ئويغاتقان، كۆزىدىن ياش ئاققۇزغان قانداق بىر كۈچلۈك سەۋەب بولىشى مۇمكىن ؟ غەيرەت زادى قانداق ئادەم ئىدى؟

غەيرەتنىڭ سىرلىق ئۆلۈمىدىن چۆچۈپ ئۆزىمۇ بىرەر بالايى قازانىڭ يېتىپ قېلىشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چەتئەلگە قېچىپ كەلگەن غەيرەتنىڭ ھازىرچە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئاغىنىسى بۇ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرەلەيدۇ.

غەيرەتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەنە بىر تۇغقىنىمۇ ئوخشاشلا، غەيرەتنىڭ ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى ناھايىتى زور ئىدىيىۋى كۈرەشتە قالغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئۇنىڭ 5 - ئىيۇلدا كۆرگەن بىلگەنلىرىنىڭ تەسىر قىلغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.

"دۆلەت مەنپەئەتى ھەممىدىن ئۈستۈن "، "يۈزنى خاتا تۇتساقمۇ بىرىنىڭ قېچىپ كېتىشىگە يول قويمايمىز"، "ئۈچ خىل كۈچلەرنى يىلتىزىدىن تازىلاپ باش كۆتۈرمەستىن ئۇجۇقتۇرۇمىز..." دېگەندەك پرىنسىپلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىق ئىشلەپ كەلگەن غەيرەت نۇرمەمەتنىڭ ئۆلۈشىگە ئەجەبا ئۇنىڭ ئادالەت ئېڭىنىڭ ئاندا - مۇندا ئويغىنىپ، ۋىجدانى ئازابتا قالغانلىقى سەۋەب بولدىمۇ ياكى ئۇنىڭ 5 - ئىيۇل سىرلىرىنى ۋەزىپە سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۆزلىكىدىن سۈرەتكە ئېلىۋالغانلىقى سەۋەب بولدىمۇ ؟ ئۇنداقتا ئۇ ئۆلۈشتىن ئىلگىرى بۇ مەخپىيەتلىكلەرنى ئاغزاكى ئاشكارىلىغاندىن باشقا بىرەرسىگە تاپشۇردىمۇ يوق ؟ قانداق بىر تەرەپ قىلدى؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا سىر!  بەلكىم، بۇ سىرلارمۇ غەيرەتنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈم ۋەقەسىنىڭ بارغانچە روشەنلىشىۋاتقىنىدەك، مەلۇم بىر كۈنلەردە دۇنياغا ئاشكارا بولسا ئەجەب ئەمەس؟!

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.