تارىم نېفىتلىكىدە بايقالغان تەبىئىي گاز زاپىسى 925 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق


2008.03.28

خىتايدا ھازىرچە بايقالغان ئەڭ چوڭ تەبىئىي گازنى قويۇلدۇرۇپ ئاجرىتىپ چىقىرىش مەيدانى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كوچا بىلەن بۈگۈر ناھىيىسى چېگرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 26 - مارت مەزكۇر گاز مەيدانىدا رەسمىي قۇرۇلۇش باشلانغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ گازلىقتا بايقالغان تەبىئىي گاز زاپىسى 175 مىليارد 218 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق گاز تەمىنلەش مەيدانىغا ئايلانغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، دىنا 2 - دەپ ئاتىلىدىغان گاز مەيدانى 2009 - يىلى ئىيۇندا پۈتۈپ گاز توشۇش باشلىنىدىغان بولۇپ، يىللىق تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 5 مىليارد كۇب مېتىر، ئۇيۇپ ئاجرىلىپ چىققان ماي 560 مىڭ توننا بولىدىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا تارىم نېفىتلىكى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جۇ شىنيۈەننىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ھازىر تارىم نېفىتلىكىدە بايقالغان تەبىئىي گاز زاپىسى 925 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ يىلىغا 30 مىليارد كۇب مېتىردىن توشىغاندا خىتاينىڭ شەرقى ۋە شىمالىي قىسمىدىكى شەھەرلەرنى 20 يىل مۇقىم تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2004 - يىلى تاماملانغان غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسى ئارقىلىق تارىم نېفىتلىكىدىن خىتاينىڭ شەرقى ۋە شىمالىي رايونلىرىدىكى 80 دىن ئارتۇق شەھەرگە 30 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز توشۇپ كېتىلگەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.