بېلگىيىدىمۇ ئۇيغۇر چېمپىيونى بار


2005.05.23

ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ كۆپلىگەن مەشھۇر سىياسىيونلىرى، ئالىملىرى، مەدەنىيەت ۋە جامائەت ئەرباپلىرىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن بەلكى، يەنە دۇنياۋى رېكورتلارنى ياراتقان ئاتاقلىق تەنھەرىكەتچىلىرى ۋە چېمپىيونلىرىغىمۇ ئىگە.

پەخىرلىك تەنھەرىكەتچىلىرىمىز

دارۋازلىق ئۇيغۇر ئەن-ئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ئادىل ھوشۇر، ئەسقەر قاتارلىق ياش دارۋازلار دۇنيا گېنۇس رېكورتى يارىتىش بىلەن دۇنيا يۈزىدىكى يىگانە شەخسلەرگە ئايلىنىپ، ئۇيغۇر دارۋازچىلىقىنى دۇنياغا تونۇشتۇردى.

قۇملۇق مەلىكىسى دەپ نام ئالغان گۈل زۆھرە تەكلىماكاننى يۈگۈرەپ كېسىپ ئۆتۈشتەك دۇنياۋى تەڭداشسىز نەتىجە ياراتسا، ئۇيغۇر قىزى نۇرگۈل ساۋۇت خىتاينىڭ چىڭداۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقارالىق مارافونچە يۈگرەش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇش بىلەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قەھرىمانلىق ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇردى.

ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىن يەنە تەنھەرىكەتنىڭ ھەممە تۈرلىرى بويىچە دېگۈدەك ئاتاقلىق ماھىرلار يېتىشىپ چىققان بولۇپ، 60- يىللاردا پۈتۈن خىتاينى زىلزىلىگە سالغان ۋالىبول ماھىرلىرىدىن زۆھرە ۋە مالىك، 90-يىللاردىن ئېتىبارەن مەشھۇر بولۇپ تونۇلغان ۋاسكىتبول ماھىرى ۋە تىرىنېرى ئادىلجان ھەم چېلىش ماھىرلىرى ئابلىز توقسۇن، ھاجى شۇنىڭدەك باشقا يەنە ئۇزۇنغا يۈگرەش، ئات بەيگىسى، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەردىكى چېمپىيونلارنى مىسال قىلىش مۇمكىن.

بوكس ئۇيغۇرلار ئەڭ ياخشى كۆرگەن تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ ساھەدە ئۇيغۇر ماھىرلىرى پۈتۈن خىتاي بويىچە ۋە بەزى خەلقارالىق مۇسابىقىلەردە مۇتلەق غالىپ كېلىش بىلەن ئۇيغۇر مىللىي روھىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى. ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگىلىرىدىن بىرى، خىتاينىڭ بوكس شاھى دەپ نام ئالغان ئابدۇشۈكۈردۇر.

ئۇيغۇر يىگىتلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر، ئابدۇراخمان ۋە ئەكرەم قاتارلىقلارنىڭ ھەر قېتىملىق كەسكىن ئېلىشىش مەيدانلىرىدا ئۆز رەقىپلىرىنى مۇشتلاپ يىقىتىشلىرى، رەقىپلىرىگە ئاتقان ھەر بىر مۇشتىغا ئۇلارنىڭ قەھرىمان ئەجدادلىرىدىن مىراس قالغان مىللىي روھى يەنى مەرتلىك ،باتۇرلۇق ئۇدۇمى سىڭگەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىك ئۆز ئانا ۋەتىنىدە ياشىغاندىن سىرت يەنە ئېنىقسىز مەلۇماتلار بويىچە ناھايىتى زور ساندىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشايدۇ.

بۇلارنىڭ ئارىسىدىنمۇ كۆپلىگەن دۇنيا چېمپىيونلىرى يېتىشىپ چىققان. مەسىلەن، چامباشچىلىق ماھىرى ھېيتاخۇنوپ، ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن چامباشچىلىق مۇسابىقىسىدە ئۆزى بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغە چۈشكەن خىتاي چامباشچىسىنى يېڭىپ، دۇنيا چېمپىيونى بولغان. زاكىر توختىيېۋ ، ئەخمەتجان قاتارلىقلارمۇ بىر قانچە قېتىم تايلاندچە بوكس بويىچە دۇنيا چېمپىيونى ئاتالغان ئىدى.

ئۇيغۇرلار خىتايلاردىن بۇرۇن ئولىمپىكتا چېمپىيون بولغان

70-80-يىللاردا بولسا ئابدۇراخمان ئىسىملىك ئۇيغۇر ئۇزۇن مەزگىل سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بوكس چېمپىيونى بولۇپ، كۆپ قېتىم دۇنيا مۇسابىسىگە قاتناشقان ھەم ياۋروپا چېمپىيونى بولغان.

ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك كىشى 50-يىللاردا دۇنيا ئولىمپىك چېمپىيونى بولغان ماخمۇت ئۆمەروپ بولۇپ، ئۇ قارىغا ئېتىش تۈرى بويىچە چېمپىيون بولغان ئىدى.

قازاقىستانلىق ماخمۇت ئۆمەروپ ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدىن بىرىنچى قېتىم ئولىمپىككە قاتناشقان ھەمدە ئالتۇن مېدال ئالغان شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر تەنھەرىكەت تارىخىدىن ئورۇن ئالدى. تەنھەرىكەت ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر يىگىتى ماخمۇت ئۆمەروپ ئولىمپىك چېمپىيونى بولغان چاغلاردا تېخى خىتايلاردىن ئولىمپىك چېمپىيونى يېتىشىپ چىقمىغان ئىكەن.

بېلگىيىدىمۇ ئۇيغۇر چېمپىيونى بار

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر ق ئىسىم ئۇيغۇرلار ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە شىمالىي ئامېرىكىغا كېلىپ ماكانلاشماقتا. ئۇلارنىڭ زور بىر قىسىمى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق مەملىكەتلەردىن كەلگەن. ياۋروپادىكى بېلگىيە ئۇيغۇرلار خېلى كۆپ ماكانلاشقان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، بېلگىيىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىن باشقا يەنە تەنھەرىكەت ئىشلىرىغىمۇ ئېتىبار بەرمەكتە.

بېلگىيە ئۇيغۇرلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان "ئۈمىد" ئىنتېرنېت تورىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا 17 ياشلىق ئۇيغۇر يىگىتى روسۇل زىياۋىدىنوپ، ياشلارنىڭ بوكس مۇسابىقىسىدە پۈتۈن بېلگىيە چېمپىيونى بولۇپ ئاتالغان ئىكەن.

قازاقىستاندىن بېلگىيىگە كېلىپ چوڭ بولغان روسۇل بوكسقا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلاپ، مەشىق ئېلىپ بارغان، ئۇنىڭ تالانتىنى سەزگەن بېلگىيىنىڭ مەشھۇر بوكس چېمپىيونى ۋە ترىنېرى جېكسون ئوسېي بونۇسنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەشىق ئېلىپ بارغان. 17 ياشلىق بۇ ياش يىگىتىنىڭ چېمپىيون بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ھەمدە ئۇ ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بېلگىيە مەتبۇئاتلىرىدىن ئورۇن ئالغان.

تەنھەرىكەت ئادەمنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن بەلكى، خەلقارا مۇسابىقىلەردە ئالتۇن مېداللارغا ئېرىشىش بىر مىللەتنىڭ دۇنياۋى شۆھرىتى ۋە قۇدرىتىنى ئاشۇرۇشتا ۋاسىتىچىلىك رول ئوينايدۇ. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.