«ئاجراشماڭلار ئاتا-ئانىلار» ناخشىسىنى كىم ئىجاد قىلغان؟

مەرھۇم ناخشىچى مىرزات ئالىم ئىجراسىدىكى «ئاجراشماڭلار ئاتا-ئانىلار» ناخشىسى ئاتا-ئانىسىدىن تىرىك تۇرۇپ ئايرىلغان يېتىم بالىلارنىڭ يۈرەك ساداسى، بەختلىك ئائىلىسى بۇزۇلغان ئەر-ئاياللارنىڭ قەلب نىداسى سۈپىتىدە 20 يىللاردىن بىرى سەھنىدىن-سەھنىگە، ئېكراندىن-ئېكرانغا كۆچۈپ، تالاي ناخشىچىلارنىڭ ئېغىزىدا ۋايىغا يېتىپ ئورۇندىلىپ كەلدى.