نورۋېگىيىدىكى مۆمىنجان باشچىلىقىدىكى سەنئەت گۇرۇپپىسى

مۇھاجىرەتتە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ياشلىق، ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن مەسئۇلىيەت ھەم مەجبۇرىيەتنى، كۈرەش ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ئەھمىيەت ۋە مەناغا تولغان باشقىچە بىر دۇنيا.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئايگۈل
2010.12.07
Norwigiye-uyghur-pubol-305 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 2 - ﻣﺎﻱ ﻛﯘﻧﻰ ﻧﻮﺭﯞﯦﮕﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﻧﻮﺭﯞﯦﮕﯩﻴﻪ - ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ.
RFA Photo / Aygul Yusup

ئۆزىنىڭ ئارزۇسى ۋە كىملىكىنى ئاللىقاچان توغرا بايقاپ ياشلىق ئارزۇسى يولىدا تىرىشىپ كېلىۋاتقان ياشلىرىمىزدىن بىرى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن بولغان مۆمىنجاندۇر. ئوتتۇرا مەكتەپتىن تارتىپ سەنئەتكە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان مۆمىنجان گىتار ۋە ناخشا ئېيتىش ساھەسىدە ئىزچىل تىرىشىپ، ئۆزىنىڭ تالانتىنى كۆرسىتىپ كەلگەن. ئۇ نورۋېگىيىدە ياشاۋاتقان بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان تۈرلۈك پائالىيەتلەردە ئۆز قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كەلگەن.

يېقىندا ئۇ نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ قىزغىن قوللىشى بىلەن ئۆزى بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلىپ نورۋېگىيە ئۇيغۇر ياشلىرى سەنئەت گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىققان.

بۇ سەنئەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇلار پايتەخت ئوسلو ۋە گجۆۋىك قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇر، نورۋېگ ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرگە ئۇيغۇرچە سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىپ سەنئەت ئارقىلىق ئۇلارغا ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى ۋە گۈزەل ناخشا -مۇزىكىلىرىنى تونۇتقان.

سەنئەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئىقتىسادى مەسىلىسىنىڭ بىر قىسمىنى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ھەل قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا كېتىدىغان كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىسادنى ئۆز يېنىدىن چىقىرىپ تۈرلۈك شارائىتلار تولۇق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئائىلىسى ۋە دوستلىرىنىڭ ياردىمىدە قىيىنچىلىقنى يېڭىپ كېتىۋاتقان مۆمىنجان ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مۆمىنجاننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى سەنئەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ئارزۇ -ئارمانلىرى كۆپ بولۇپ، ئۇلار بىر تەرەپتىن مۇھاجىرەتتە قەلبى ۋەتەننى سېغىنىش ئوتىدا كۆيۈۋاتقان قېرىنداشلىرىغا سەنئەت ئارقىلىق مەنىۋى ئوزۇق بېغىشلاشنى قەلبىگە پۈككەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن سەنئەت ئارقىلىق يات مىللەتلەرگە ئۇيغۇرنىڭ كىملىكىنى تونۇتۇشنى ئاساسلىق مەقسەت قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار ئويۇن قويۇش جەريانىدا نورۋېگ قاتارلىق مىللەتلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى 12 مۇقامىنى ۋە مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرىنى تونۇشتۇرۇشنى پىلانلىغان. مۆمىنجان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار يەنە يېقىن ئارىدا بىر ناخشا كاسسېتىسى ئىشلەپ چىقىپ ياۋروپادىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ئۆز ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە سۇنماقچى ئىكەن.

مۆمىنجان ئەپەندى ئاخىرىدا ئۆز ئارزۇ- ئارمانلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى. ئالدىنقى يىللىرى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد ۋە باشقا تەرەپلەردە يېقىندىن ياردەم قىلىشى بىلەن نورۋېگىيە ياشلىرىنىڭ پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.