ئەرەب مەتبۇئاتىنىڭ سۈرىيىدىكى يېڭى ئاساسىي قانۇن مەسىلىسى

سۈرىيىدە مەجبۇرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خەلق رايىنى سوراش پائالىيىتى سۈرىيە خەلقىنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتتى.

0:00 / 0:00

سۈرىيە ۋەزىيىتى كۈندىن-كۈنگە يامانلاشقان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

سۈرىيە ھاكىمىيىتى قەتلىئامنى بىر مىنۇتمۇ توختاتماي تۇرۇپ، سۈرىيە خەلقىنى مەجبۇرى ھالدا يېڭى دەستۇرغا قارىتا رايىنى بېرىش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرغان. بۇ پائالىيەت سۈرىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە ۋىلايەتلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان.

تەھلىلچىلەرگە كۆرە، سۈرىيە خەلقى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ يېڭى دەستۇرىنى ئەمەس، دېموكراتىيە غەلىبە قىلغاندىن كېيىنكى خەلقنىڭ ئىختىيارى بىلەن سايلانغان يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ دەستۇرىنى خالايدىكەن. سۈرىيە خەلقى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ئەمەسلىكىنى ۋە بۇ ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانغا قەدەر كۈرەشلىرىنى داۋام قىلدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئەل ۋەتەن» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 26-فېۋرال دۈشەنبە كۈنىدىكى سانىدا، «سۈرىيىدە ئۆلتۈرۈش يولىدىكى خەلق رايى سوراش ساختىپەزلىكى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«تۈنۈگۈن سۈرىيە ھاكىمىيىتى ھېچ خىجىل بولماستىن، خەلق رايى سوراش چاقىرىقى قىلىپ، سۈرىيە خەلقىنى ئاتالمىش يېڭى دەستۇرغا مەجبۇرى ئاۋاز بېرىشكە زورلىدى. سۈرىيە ھاكىمىيىتى شۇنچىلىك ئەقىلسىزمۇ ياكى خەلقنى ۋە پۈتۈن دۇنيا خەلقنى ئەخمەق سانامدۇ؟ بىر يىلدىن بىرى تۇرماستىن بۇ خەلقنى ئۆلتۈرۈپ، ئون مىڭلارچە بىگۇناھ خەلقنىڭ قېنىغا بوغۇلۇپ تۇرۇپ، بۇ قەتلىئامنى بىر كۈن ياكى بىر كېچە توختاتماي تۇرۇپ، يەنە ئۇلارنى مۇشۇن زالىم ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى دەستۇرىغا ئاۋاز بېرىشكە چاقىرسا، كىم ئۇنىڭغا ئاۋاز بېرىدۇ؟ كىم ئۇنىڭ دەستۇرىنى قوللايدۇ؟»

ئەسەدنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«سۈرىيە رەئىسى بەشار ئەل ئەسەد سۈرىيە خەلقىنى كۆزىگە ئىلىپ قويمايدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە خەلقنىڭ ھېچقانچىلىك قىممىتى يوق. چۈنكى ئۇ ئاتىسى ھافىز ئەل ئەسەدتىن سۈرىيە تەختىنى مىراس يولى بىلەنلا ئالدى. ئەللىك يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بىرى ئەسەد ئائىلىسى سۈرىيە خەلقىنى قەتلىئام قىلىپ كەلمەكتە. سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچى ئىران بولۇپ قالغان. خىتاي بىلەن رۇسىيە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تەرىپىنى تۇتقان بىلەن ئۇنىڭغا بىر ئىش قىلىپ بېرەلمەيدۇ. ئىراننىڭمۇ قۇدرىتى چەكلىك ئاخىرغىچە بۇ ھاكىمىيەتنى قوغداپ تۇرالمايدۇ. خەلقنىڭ كۈچى ئەسەدكە چوقۇم يېتىدۇ.»