ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار 2012-يىللىق نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

2012‏-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىستانبۇل ۋالىيلىقىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012-03-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئىستانبۇلدىكى نورۇز پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلار ئىستانبۇل ۋالىيسى ھۈسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ ئەپەندىگە تون ۋە ئۇيغۇر دوپپىسى ھەدىيە قىلدى. 2012-يىلى 21-مارت، تۈركىيە.
ئىستانبۇلدىكى نورۇز پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلار ئىستانبۇل ۋالىيسى ھۈسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ ئەپەندىگە تون ۋە ئۇيغۇر دوپپىسى ھەدىيە قىلدى. 2012-يىلى 21-مارت، تۈركىيە.
RFA/Arslan

بۇ پائالىيەتكە زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن، ئىستانبۇل ھەربىي باش قوماندانلىق شتابىنىڭ گېنېرالى سادىق پىيادە، ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى ۋەكىلى ئەخمەت سالامەت، تۈرك دۇنياسى شەھەرلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىبراھىم قارائوسمان ئوغلى، زەيتىنبۇرنۇ ھاكىمى مۇستافا دۇندار ۋە ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مېھرى-شەپقەت جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار قاتناشتى. پائالىيەتكە يەنە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈركمەن، باشقۇرد، تۈرك قاتارلىق تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. .

JavaScript Slideshow Template

باشلاش  ||   توختاش  ||   ئالدىنقىسى  ||   كېيىنكىسى
Welcome to the slideshow!
Slideshow 

image

پائالىيەت ئەتىگەن سائەت 10:00 دىن 13:00 كېچە داۋام قىلدى. بۇ پائالىيەتتە ئالدى بىلەن ئىستانبۇل ۋالىيسى ھۈسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ ئەپەندى ۋە ئىستانبۇلنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت مەركىزىدىكى، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈركمەن ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەتلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان تۈرك ئۆيلىرىنى زىيارەت قىلدى. بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇلاھ ئوغۇزخان ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى مەمەتئەيسا ئارتىش ئەپەندىلەر ئىستانبۇل ۋالىيسىغا تون ۋە ئۇيغۇر دوپپىسى ھەدىيە قىلدى. ۋالىي ھۈسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ ئەپەندى ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە توننى قوبۇل قىلىپ شۇ ھامان كىيدى ۋە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى. ۋالىينىڭ ئۇيغۇر دوپپا ۋە توننى كىيىشى مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئىستانبۇل ۋالىيسى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ۋالىي ھۈسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ ئەپەندى سۆزىدە مۇنداق دېدى:
«بايرام كەلگەن كۈنى ئىنساننىڭ قەلبىدە باشقىچە بىر ھاياجان بولىدۇ. ئىنسانلار بىر-بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىدۇ، بايراملارنىڭ ھۇزۇرى قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشتە، بايرام كۈنى ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان مۇھىم بىر كۈن. نورۇز بايرىمى يېتىپ كېلىش بىلەن بۇ كەڭ جۇغراپىيىدە ھەر كىم نورۇز بايرىمىنى ھەسرەت ئىچىدە كۈتىدۇ. بۈگۈن كەڭ بىر جۇغراپىيىدە نورۇز بايرىمى تەبرىكلىنىدۇ، بۇ بايرامدا ئىنسانلار ناخشا-ئۇسۇل ئوينايدۇ، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىدۇ، نورۇز بايرىمى كېلىش بىلەن، ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى بۇرۇختۇملۇق مېھرى-شەپقەت ۋە كۆيۈنۈش چېچەكلىرىگە ئايلىنىدۇ. مېھرى-شەپقەت، بەرىكەت ۋە گۈزەللىك تېخىمۇ ئاشسۇن، بۇ يېڭى كۈن دۆلىتىمىز بىلەن بىرلىكتە پۈتكۈل دۇنياغا گۈزەللىك بەخش قىلىشنى ئارزۇ قىلىمىز».

پائالىيەت داۋامىدا ئوتتىن ئاتلاش، بازغان بىلەن تۆمۈر سوقۇش، تۇخۇم چېكىشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. كېيىن تۈرك، قازاق، باشقۇرد، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ سەنئەتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ناخشا-ئۇسۇللىرىنى تەقدىم قىلدى. بۇ پائالىيەت جەريانىدا، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ چوڭ ھەجىملىك بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن ياشلار مەيداننى ئايلىنىپ يۈردى.

چۈشتىن كېيىن يەنە، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ توپقاپى رايونىغا جايلاشقان تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت مەركىزىدە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. پائالىيەت شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى مەمەت ئەيسا ئارتىش ئەپەندىنىڭ ئېچىلىش نۇتقى بىلەن باشلاندى. كېيىن ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسەر ساكا خانىم سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

مەمەت ئەيسا ئارتىش ئەپەندى سۆزىدە، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە نورۇز بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ۋە بۇ بايرامنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە بولغان ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

پائالىيەت جەريانىدا يەنە، بىر ئۇيغۇر قىزى نورۇز بايرىمىنى تەنتەنە قىلىپ شېئىر ئوقۇدى. كېيىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ساما ئۇسۇلى ۋە خەلق ئۇسۇللىرى ئوينىدى. پائالىيەت جەريانىدا يەنە ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئىسىملىك شائىر نورۇز بايرىمىغا ئاتاپ ئۆزى يازغان شېئىرنى جاراڭلىق دېكلاماتسىيە قىلىپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. پائالىيەت ئاخىرىدا يىغىن ئەھلىگە تاماق زىياپىتى بېرىلدى.

بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان شەرقىي تۈركىستان مېھرى-شەپقەت جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى يۈسۈپ يۈسۈپئوغلىنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى ئالدۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت