نورۋېگىيىدە نورۇز پائالىيىتى كاتتا ئۆتكۈزۈلدى

ھەر يىلقىغا ئوخشاش، نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 24-مارت كۈنى نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە نورۇز پائالىيىتىنى كاتتا ئۆتكۈزدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايگۈل يۈسۈپ
2012.03.26
norwegiye-noruz1-305.jpg نورۇز پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 24-مارت، نورۋېگىيە.
RFA/Aygul Yusup

بۈگۈنكى پائالىيەتتە ئەڭ ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى.

بۇ قېتىمقى نورۇز پائالىيىتى مۆمىنجان باشچىلىقىدىكى سەنئەت گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ تەييارلاپ كەلگەن مول مەزمۇنلۇق ئالاھىدە سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن ئىنتايىن جانلىق، تەسىرلىك ۋە ھاياجانلىق كەيپىيات ئىچىدە ئۆتتى. كوللېكتىپ ۋە يالغۇز كىشىلىك ئۇسۇللار، ناخشىچى يىگىتلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىكى يەككە كىشىلىك ناخشىلار، گىتارچى يىگىتلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىكى تۆت كىشىلىك مۇڭلۇق ناخشىلار، تېپىشماق تېپىش ئويۇنى،مىللىي چالغۇلار بىلەن ئورۇندالغان ناخشا-مۇزىكىلار نورۇز ئەھلىنىڭ ئىنتايىن قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. زۇلخۇمارنىڭ سىڭلىسى بىلەن بىللە ئورۇندىغان «نېمە قىلدۇق ۋەتەن ئۈچۈن» دېگەن ئۇسۇلىنى كۆرگەن تاماشىبىنلار ئىسسىق كۆز ياشلىرىنى تۆكۈشتى.

norwegiye-noruz2-385.jpg
نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز پائالىيىتى ئۈچۈن ئويۇن تەييارلىدى. 2012-يىلى 24-مارت، نورۋېگىيە.
RFA/Aygul Yusup

سەنئەت گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇل يېتەكچىسى مۆمىنجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئارتىسلارنىڭ ئىنتايىن قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە جاپالىق مەشىق قىلىپ تەييارلاپ چىققان سەۋىيىلىك نورۇزلۇق نومۇرلىرىغا يۇقىرى باھا بەردى.

بۈگۈنكى پائالىيەتتە يەنە نورۇزلۇق داستىخانلار ھازىرلانغان بولۇپ، مېھمانلار مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگكەچ ئۆز-ئارا سىردىشىپ بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

norwegiye-noruz3-385.jpg
تاماشىبىنلار نورۇز پائالىيىتىدىكى كونسېرتلاردىن ھۇزۇرلانماقتا. 2012-يىلى 24-مارت، نورۋېگىيە.
RFA/Aygul yusup

شى كوممۇنىڭ ھۆكۈمەت بىناسىغا جايلاشقان ھەشەمەتلىك زالدا ئالتە سائەتتىن ئارتۇق ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى نورۇزلۇق پائالىيەتكە ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار ۋە شۇنداقلا تەكلىپ قىلىنغان نورۋېگ قاتارلىق مېھمانلارمۇ قاتناشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.