تۈركىي سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت بايرىمىدا ئۇيغۇرلار

ھەر يىلى بىر قېتىم ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان «مەدەنىيەتلەر بايرىمى»، ياۋروپادا ياشاۋاتقان تۈرك مىللەتلىرىنى ئاساس قىلغان، كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت كۆرگەزمە پائالىيىتى بولۇپ، 4 كۈن داۋام قىلىدۇ.

0:00 / 0:00

بۇ يىلقى پائالىيەت 2-ئىيۇن گوللاندىيىنىڭ دەنبوش شەھىرىدىكى بارابانت ھالېن دېگەن يەردە ئېچىلدى. تۈرلۈك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن شەكىللەنگەن ئۆزگىچە خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان ھەر خىل يېمەك-ئىچمەكلەر، كىيىم-كېچەكلەر ۋە سوۋغات بۇيۇملىرى كۆزلەرنى قاماشتۇرۇپ مىڭلىغان كىشىلەرنى جەلپ قىلدى.

پائالىيەتكە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان، تۈرك، تۈركمەن، قازاق-قىرغىز، تاتار-تاجىك، ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئاكتىپلىرى قاتناشقان بولۇپ، ھەممىسى ئۆز مىللىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان بۇيۇملارنى كۆرگەزمە قىلدى. يېمەكلىرىنى پىشۇرۇپ ساتتى.

turkiy-medeniyet-bayrimi-muxbir-ziyaret-385.jpg
تۈركىي سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت بايرىمىدا مۇخبىرلار ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدى. 2011-يىلى 2-ئىيۇن. (RFA/Pidaiy)

«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» بىلەن «ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى» نىڭ ھەمكارلىقىدا كۆرگەزمە قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە كىيىم-كېچەك ئادەتلىرى مۇجەسسەملەنگەن بۇيۇملار بايرامغا ئۆزگىچە رەڭ قوشتى ۋە خېرىدارلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پىكىر بايان قىلغان ئاكتىپ پائالىيەتچى ئەيسا قارىم پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

تەشكىلاتلار يېتەكچىسى سادىقجان سەلەي پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى ھەققىدە توختالدى.