تۈركىيىدە ھۆكۈم سۈرگەن ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تارىخى ھەققىدە دوكتور كامال گۆدەنى زىيارەت(7)


2005.12.23
eratna-uygur-doliti.jpg
"ئەراتنالىقلار" ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.

14 – ئەسىر ئاناتولىيىدە ھۆكۈم سۈرگەن ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تارىخى نامايان قىلىنغان "ئەراتنالىقلار" ناملىق كىتاب تۈركىيە ئاتاتۈرك مەدەنىيەت تىل ۋە تارىخ تەتقىقات ئىدارىسى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

بۇ كىتابنى ئىسپارتا سۇلايمان دەمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور كامال گۆدە ئەپەندى يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 1327- يىلىدىن 1381- يىلىغىچە ئاناتولىيىدە ھۈكۈم سۈرگەن ئالاھىدىن ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان.

"ئەراتنالىقلار" ناملىق بۇ كىتاب، 4 بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىتابنىڭ ئىچىدە ئالاھىدىن ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتى مەزگىلىدە سېلىنغان مەسچىت، قەۋرە ۋە شۇ مەزگىلدە ئىشلىتىلگەن پۇللارنىڭ رەسىملىرگىمۇ يەر بېرىلگەن. كىتاب جەمى 203 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىتابنىڭ ئاخىرىدا ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ خەرىتىسى بېرىلگەن.

ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھازىر تۈركىيىنىڭ ئاماسىيە ۋىلايىتىنىڭ ئۇيگۇر ناھىيىسىدە ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار يېقىندىلا 8-نۆۋەتلىك سەنئەت بايرىمى ئۆتكۈزگەن ئىدى.

"ئەراتنالىقلار" ناملىق كىتابنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى پروفېسسور دوكتور كامال گۆدە ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.