قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرى ئۆزىنىڭ يىللىق پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقتا

قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق تىياتىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تاماشىبىنلار ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2011.12.08
quddus-ghojamyarof-jumhuriyetlik-uyghur-muzikiliq-tiyatiri-305.jpg قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق تىياتىرى. 2011-يىلى دېكابىر، قازاقىستان.
RFA/Oyghan

قازاقىستان ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدىغان قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق تىياتىرى نويابىر ئېيىنىڭ بېشىدا ئۆزىنىڭ يىللىق پىلانىنى «ئانارخان» ناملىق كلاسسىك دراما ئەسىرىنى ئىجرا قىلىش بىلەن باشلىغان ئىدى. ھازىر تاماشىبىنلار ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن يېقىندىن تونۇشۇش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولماقتا. ئۇيغۇر تىياتىرى بۇنىڭدىن تاشقىرى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش مەركىزىگە ئايلانغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تىياتىرى رېژىسسورى مۇھىت ھېزىموف تىياتىرنىڭ يىللىق پروگراممىلىرى ھەققىدە توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.