چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى زوردۇن سابىر خاتىرە سارىيىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە توختالدى

يېقىندا غۇلجا شەھرىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنىڭ يىرىك نامايەندىلىرىدىن يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ خاتىرە سارىيى قۇرۇلغان ئىدى. ئۇيغۇر ئىلىدىن تارقىتىلىدىغان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خاتىرە ساراي زوردۇن سابىر بۇرۇن خىزمەت قىلغان سابىق ئۈمىد مەكتىپى يەنى ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 2‏ - ئوتتۇرا مەكتەپتە تەسىس قىلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.10.18
Zordun-Sabir-abidisi-305 غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنىڭ يىرىك نامايەندىلىرىدىن يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ خاتىرە سارىيى قۇرۇلۇش كۈنىدىكى سۈرەتلەردىن كۆرۈنۈش. (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
http://www.uighurtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زوردۇن سابىرنى يېقىندىن تونۇيدىغان چەتئەلدىكى بەزى زىيالىيلار ۋە ئەدەبىيات سېپىدىكى قەلەمكەشلەر خاتىرە سارىيىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئىجابىي باھا بېرىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى جانلاندۇرۇش يولىدىكى زور ۋەقە، دەپ كۆرسەتتى.

زوردۇن سابىر خاتىرە سارىيى، بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ شەخسى نامىغا قۇرۇلغان تۇنجى خاتىرە سارىيى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئىلىدىن تارقىتىلىدىغان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خاتىرە ساراي شەھەرلىك 2‏ - ئوتتۇرا مەكتەپ، غۇلجا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات -سەنئەت، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت سېپىدىكى زاتلار ۋە جامائەت ئەرباپلىرىنىڭ پىكىرى ۋە تىرىشچانلىقىدا قۇرۇلغان ئاممىۋى ئەسلىھە بولۇپ، خاتىرە سارايغا زوردۇن سابىرغا ئائىت بولغان ئەدەبىي ئەسەرلەر، قوليازمىلار، تۇرمۇش بۇيۇملار، رەسىم ۋە خاتىرە بۇيۇملار قويۇلغان.

شىمالىي ئامېرىكىدا ياشايدىغان بەزى زىيالىيلار ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىيات سېپىدىكى قەلەمكەشلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، زوردۇن سابىر خاتىرە سارىيىنىڭ قۇرۇلۇشى كىشىگە ئىلھام بېرىدىغان ئىجابىي ۋەقە. كانادادا ياشايدىغان ئۇيغۇر شائىرى، ئۇيغۇر گۇڭگا شېئىرىيىتىنىڭ نامايەندىلىرىدىن ئەخمەتجان ئوسمان ئۇيغۇر ئەدىپلىرىگە ھەيكەل تۇرغۇزۇش، خاتىرە سارىيى تەسىس قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن بۇ خاتىرە سارىيى زوردۇن سابىرنى ئەسلەيدىغان نوقۇل خاتىرە بۇيۇمى بولۇپ قالماسلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتى جىددىي خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ تۈرلۈك خاتىرە سارايلىرى ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىي تەپەككۈرىنى ئىلگىرىلەپ ئالغا سۈرۈشكە ئىلھام بېرىدىغان ئابىدىلىك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى.

زوردۇن سابىرنىڭ قىرانلىق ۋاقتى خىتاي ۋەزىيىتىنىڭ ئەڭ زۇلمەتلىك دەۋرىگە توغرا كەلگەن ئىدى. ئۇ، 1966‏ - يىلدىن 1979‏ - يىلغىچە بولغان ئارلىقتا دەل ھازىر ئۇنىڭغا ئاتاپ خاتىرە سارىيى قۇرۇلغان 2‏ - ئوتتۇرىدا ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ 2‏ - ئوتتۇرىدىكى بۇ دەۋرى سوۋېت - خىتاي مۇناسۋىتى بۇزۇلۇپ، غۇلجىدا سوۋېتكە سىياسى ھەرىكەتلەر ئەۋجىگە چىققان، مەدىنىيەت ئىنقىلابى قوزغۇلۇپ، ئۇيغۇر مەدىنىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى ۋە ئۇيغۇر زىيالىلار قوشۇنى ئېغىر زەربىگە ئۇچۇرىغان دەۋردۇر.

زوردۇن سابىرنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىنى ئىككى دەۋرگە بۆلۈش مۈمكىن. ئۇنىڭ ئوتتۇرا ۋە دەسلەپكى دەۋرلەردىكى ئەدىبىي ئىجادىيىتى جەمئىيەتتىكى ئىجتىماىي ھادىسىلەرنى تېما قىلغان بولۇپ، سىياسى ۋە تارىخى تېمىلاردا يازغان ئەسەرلىرى ئاساسەن يوق دېيەرلىك. لېكىن ئۇنىڭ ئۈمرىنىڭ كېيىنكى دەۋرىدە يازغان ئەسەرلىرى ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ نازۇك سىياسى - تارىخى تېمىلارنى يورۇتۇپ بېرىشكە بېغىشلانغان ئىدى.

ئىليار شەمشىددىن زوردۇن سابىرنى ئۇنىڭ غۇلجا 2‏ - ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىدىن باشلاپلا يېقىندىن تونۇيدىغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، زوردۇن سابىرنىڭ "ئانا يۇرت" رومانى ئۇيغۇر خەلقىدىكى 1944‏ - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىگە دائىر كلاسسىك چۈشەنچىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زوردۇن سابىر ھاياتىدا يازغان ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ سېتىلغان ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئەسىرى ئۇنىڭ "ئانا يۇرت" رومانىدۇر. گەرچە 3 قىسىملىق بۇ تېرىلوگىيە ئاپتور ۋاپات بولغاندىن كېيىن نەشر قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەسەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئانا يۇرت تېرىلوگىيەسى زوردۇن سابىرنى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ نەزىرىدە مەڭگۈلەشتۈرگەن. ئۇ، ئەسەرنىڭ ئوقۇرمەنلەردە غۇلغۇلا قوزغىشى ئۇنىڭ تىلى، ئەدەبىىي ماھارىتىدىكى يىتۈكلۇقى ئەمەس. بەلكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇزۇندىن بېرى جاۋاب ئىزدەپ كېلىۋاتقان بىر سىياسى تارىخنى تۇنجى قېتىم ئەينەن يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقانلىقىدۇر، دەيدۇ.

ئۇيغۇير يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زوردۇن سابىر خاتىرە سارىيى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ قارى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، خاتىرە ساراينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان شائىر مۇھەممەتجان راشىددىن، يازغۇچىلارغا خاتىرە ساراي تىكلەش پائالىيىتىنىڭ ياخشى باشلىنىش بولۇپ قېلىشىنى تىلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن ئۇيغۇر ئەدىپلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ھازىرقى زامان ئەدىپلىرىنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەش، خاتىرە سارىيىنى تەسىس قىلىش ئىشلىرىغا ئىزچىل سەزگۈر مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن ئىدى.

يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى زوردۇن سابىر خاتىرە سارىيىنى قۇرۇش مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى، بۇ خاتىرە ساراي ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدىكى پائالىيەت ياكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۇيۇشتۈرغان پائالىيىتى ئىكەنلىكى بىزگە مەلۇم ئەمەس. ئىليار شەمشىددىن ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ پائالىيەت يەرلىك ئۇيغۇر جامائېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۈرۇلۇپ، ھۆكۈمەت مەجبۇر قالغان پائالىيەت بولۇشى مۈمكىن. لېكىن ئۇ، زوردۇن سابىر خاتىرە ساراي تىكلەشكە تېگىشلىك يازغۇچى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شائىر، يازغۇچى، ئەدىپ ۋە مۇتەپەككۈرلىرىنى خاتىرىلەش، ئۇلار ئۈچۈن ئابىدە تىكلەش، خاتىرە سارىيى سېلىش، ھەيكىلىنى قاتۇرۇش ھوقۇقى رەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ خىل كەمتۈكلۈك ئۇيغۇر خەلقىدە بىر نەسىلنى پىكىر ۋە غايە جەھەتتىن يەنە بىر نەسىلگە باغلايدىغان ماددى ۋە مەنىۋى ئۈزۈكچىلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرش رولىنى ئوينىغان.

بۇ قاراشتىكى ئانالىزچىلار زوردۇن سابىر خاتىرە سارىيى بۇ ئۈزۈكچىلىكنى تولدۇرۇش يولىدىكى ئەھمىيەتلىك بىر قەدەم بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىشىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.