قانداق قىلغاندا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ؟
2006.06.21
ئۇيغۇرلاردا ئەيدىز تارقىلىشنىڭ ئاساسلىق يولى دەسلەپتە گەرچە زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوخشاش شپىرىستا ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەھىيە تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، يېقىنقى ستاتىستىكىلاردىن قالايمىقان جىنسى ئالاقە قىلىش سەۋەبىدىن تارقىلىش نىسبىتىنىڭمۇ بارغانچە ئۆرلەۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنداقلا ئەيدىز ۋاباسىنى يۇقتۇرۇۋالغان ئاياللارنىڭ، بالىلارنىڭ شۇنداقلا زەھەرلىك چېكىملىككە مۇناسىۋەتسىز بەزى نورمال كىشىلەرنىڭمۇ سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ھالدا يۇقتۇرىۋىلىشىمۇ كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلە بولۇپ، بۇ نۇقتىدىن ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئادەتتىكى كىشىلەردىمۇ كەڭ تارقىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
ئەيدىزنىڭ ئاساسلىق يۇقۇش يولى ئۈچ خىل يەنى جىنسىي ھەرىكەت يولى، قان ئارقىلىق، يەنە بىرى، ئانىدىن بالىغا ئېمىتىش ئارقىلىق. مېدىتسىنا ساھەسىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتلىرىدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك:
ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ جىنىسىي ھەرىكەت ئارقىلىق تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، بىخەتەر بولغان جىنىسىي ھەرىكەتنى قوللىنىش كېرەك. قالايمىقان جىنىسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى قاتتىق مەنئىي قىلىش كېرەك ياكى ئۇنىڭدىن ساقلىنىش كېرەك، ھەمراھى پەقەت تۇراقلىق، ئۆز - ئارا بىر - بىرىگە سادىق بولغان بولۇشى كېرەك. كوندوم ئىشلەتكەندە ھەم ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، جىنىسىي ۋە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. لېكىن ئۇنى توغرا ئىشلىتىش كېرەك.
ئەيدىز كېسىلى ۋە زەھەر
بىز زەھەرلىك چېكىملىكلەر دېگىنىمىزدە ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدە تارىلىۋاتقان ئەپىيۇن تۈرىدىكى زەھەرلىك بۇيۇملارنى كۆزدە تۇتىمىز. ئۇلار ئەپيۇن، نەشە، خېروئىن قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇنىڭ زەھەرلەش كۈچى يۇقىرى بولۇپ، ئادەمنى ئاسانلا مەس قىلىدۇ ھەمدە خۇمار قىلىش كۈچى ناھايىتى ئۆتكۈر.
زەھەر چەككەنلەر دائىم بىر تال شپىرىس، بىر تال يىڭنىنى ئورتاق ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۋالغان بولسا، ئۇكۇل يىڭنىسى ئارقىلىق باشقىلارغا ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا زەھەر چەككەن كىشىنىڭ بەدەن ساپاسى تۆۋەنلەپ كەتكەچكە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنى كۈچەيتىدۇ.
قان ئالغاندا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك ؟
قان ئېلىش بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغانلارنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈشتەك مۆجىزىلەرنى ياراتقان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئەگەر قان ئالغاندا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان قاننى ئېلىپ قويساق بەخىتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قان ئالغاندا ۋە قاندىن ياسالغان بۇيۇملارنىڭ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ قان ئارقىلىق تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى. بىخەتەر قان ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش - داۋالاش، سەھىيە تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيتى. شۇڭا ھەر بىر ئادەم بىخەتەر قان ئىشلىتىشكە نازارەتچىلىك قىلىش لازىم.
بۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈر بولمىغان قان ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر قان ئېلىش زۆرۈر بولۇپ قالسا، قان ئالغۇچى قاننىڭ ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنى تەكشۈرتۈشتىن ئۆتكەن - ئۆتمىگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ھوقۇقلۇق. "تاقابىل كۈچىنى ئاشۇرۇش" ئۈچۈن قارغۇلارچە قاندىن ياسالغان بۇيۇملارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بالىغا تارقىلىشى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغان ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلنىڭ ئاخىرىدا، بوشىنىش جەريانىدا ۋە بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە، ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنى ھامىلىگە ياكى بوۋاققا يۇقتۇرۇش، تارقىلىش ئېھتىمالى %30 ئەتراپىدا بولىدۇ.
ئاياللار ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا ھامىلدار ئاياللارنىڭ ۋىرۇسىنى بالىغا يۇقتۇرۇۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار تۇغماقچى بولغاندا، قەرەرلىك تۈردە دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى قوبۇل قىلىشى، تۇغۇت مەزگىلدە ئوپېراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىشى لازىم. بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانا سۈتى بىلەن بېقىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
سىز ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىڭىزدىن گۇمانلانغاندا
ئەيدىزدىن قوغدىنىش ھەمدە ئۇنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىنسانىي مەجبۇرىيىتى. ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ يۇقۇملانقانلىقىڭىزدىن گۇمانلانسىڭىز دەرھال ناھىيىدىن يۇقىرى دوختۇرخانا، سەھىيە يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتلىرىغا بېرىپ تەكشۈرتىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز خاتىرجەم بولالمىسىڭىز، باشقا ئىسىمنى قوللىنىپ تەكشۈرتسىڭىزمۇ تامامەن بولىدۇ.
ئەگەر سىز ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغان بولسىڭىز
ئەگەر بەخىتسىزلىككە ئۇچراپ ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۋالغۇچىلار، تۇرمۇش ۋە كەيپىيات جەھەتتە زور توسالغۇغا ئۇچرىشى مۇمكىن. لېكىن ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغانلىق، ھەرگىزمۇ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىق ئەمەس. ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى ئادەم ئورگانىزىمىدا مەلۇم مەزگىل يۇشۇرۇن تۇرىدۇ. يۇشۇرۇن ھالەتتە تۇرغان مەزگىلدە ساق ئادەملەر بىلەن پەرقى بولمايدۇ. ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا مەسىلە كېسەلنىڭ يېتىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ھەم شۇنداقلا ئىمونىتقا قارشى تۇرۇش كۈچىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ، ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنىڭ تىزدىن كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت.
شۇنداق قىلغاندىلا ئەيدىز كېسىلىنىڭ تەرەققى قىلىش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە كەينىگە سۈرۈپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىش كېرەككى : ئىنسانىيەت ھامان ئەيدىز كېسىلى ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ.
ھەمرايىڭىز ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىڭىز
ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۋالغاندىمۇ جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ. لىكىن ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى قارشى تەرەپكە ئەينەن ئېيتىش ھەمدە بىخەتەر بولغان جىنسىي تۇرمۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، كوندومنى توغرا ئىشلىتىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا كېسەللىك ۋىرۇسىنىڭ قارشى تەرەپكە يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەيدىز كېسەللىك ۋىرۇسىنى مەخسەتلىك تارقىتىش، بىر جىنايى ھەركەت، چۈنكى كېسەللىك ۋىرۇسىنى مەقسەتلىك تارقىتىشقا بولمايدۇ. باشقىلار بىلەن ئۇكۇل يىڭنىسى، پىچاق، چىش چوتكىسى قاتارلىق بويۇملارنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك. قان، ئۇرۇق، تۇخۇمدان سۇيۇقلۇقى تەقدىم قىلماسلىق كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئەتراپىڭىزدىكى ئاممىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيسىز. بۇ ئۆزىڭىزنىڭ نورمال تۇرمۇش ۋە خىزمىتىڭىزگە پايدىلىق.
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ئۇنى كەمسىتمەسلىك كېرەك ئەگەر يېنىمىزدا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بولسا ئۇنىڭدىن قورقماسلىغىمىز، يامان كۆز بىلەن قارىماسلىغىمىز، ئۇنى چەتكە قاقماسلىغىمىز لازىم. ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا ھېسداشلىق قىلىشىمىز، كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، ئىمكان قەدەر ياردەمدە بولۇشىمىز، تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەرمەسلىكىمىز كېرەك. شۇنداقلا ئۇلار بىلەن قول ئېلىپ كۆرۈشىشىمىز، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى قىلىۋېلىشىغا ياردەمدە بولۇش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ باشقىچە قارىشىنى تۈگىتىشىمىز كېرەك.
يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگە مۇئامىلە قىلىشتا بارلىق بەخىتسىزلىككە يولۇققان ئائىلىلەرگە ئوخشاش ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىشىمىز لازىم. ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، ياردەم بېرىشىمىز لازىم. بۇ ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق بولغان ئىجىتمائىي مۇھىت بەرپا قىلىشتا ئىنتايىن زۆرۈر.
گەرچە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلىرى سەھىيە ئورۇنلىرىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، كىشىلەرگە قىلغان ئومۇميۈزلۈك ساۋات خاراكتېرلىك تەۋىسىيىلەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇرلاردا تارقىلىشىنى ئەخلاق بىلەن ئوڭ تاناسىپلىق دەپ قارىماقتا. ئۇلار "نېمە ئۈچۈن ئەيدىز ئۇيغۇرلاردا شۇنچە ئېغىر يامرىماقتا؟ ئەجىبا بىزنىڭ بۇ خىل كېسەلگە قارشى ئىممۇنىتېت كۈچىمىز شۇنداق تۆۋەنمۇ؟ ياكى ئەخلاقتىن ئىبارەت بۇ "ئىممۇنىتېت كۈچى" مىز ئاجىزلاپ كەتتىمۇ؟ بۇ مەسىلە ھەربىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ مۇلاھىزە قىلىپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ. ئۇيغۇرلار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ئەخلاق كۆز قارىشىنى تىكلەپ، ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىز كېرەك"دېگەننى بەكرەك مۇراجەت قىلماقتا.
ئىنسانلار ئەيدىزنىڭ ئېغىر تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان ھازىرقى ۋەزىيەتتە، ئەيدىزگە قارشى تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھەم ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ھاياتىنى قوغداش ھەربىر كىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئەيدىز ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە
- خەلقئارا تاماكا چەكمەسلىك كۈنى
- ئىلىدا ئەيدىز ھەمدە زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ يامرىشىغا نېمىلەر سەۋەب بولىۋاتىدۇ؟
- ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كىشىنى چۆچۈتكۈدەك ئېغىر بولماقتا
- 10 - مارت ئاياللار ئەيدىز تەربىيە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دوكتورمەمەت ئىمىن ئەپەندىنى زىيارەت
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى خېروئىن چەككۈچىلەرنى چەكلىمىدى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ياشلار ئىگىلىمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى زادى قانچە ؟
- بىمارلار تەركىبىدە قان بولغان دورىلارنى ئىشلىتىپ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالدى
- ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىش پىلانى تۈزدى
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يېتىملىرىنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپەيمەكتە
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولماقتا (1)
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتى جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا مۇھتاج
- ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئاياللار تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇھتاج
- ياپونىيىدە ئېچىلغان خەلقئارا ئەيدىز يىغىنى ئاياقلاشتى