ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ كەڭ دائىرىدە تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەيدىز يىتىملىرىمۇ كۆپەيمەكتە
2004.10.13
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى ئەيدىزلەر سانى جەھەتتە خىتاي بويىچە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە. يېقىنقى يىللاردا ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن ۋە زەھەرلىك چېكىملىك سەۋەبى بىلەن ئاتا ئانىلىرى ئۆلۈپ كەتكەن يېتىم بالىلارنىڭمۇ سانى بارغانچە كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ئەيدىز يېتىملىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىرغىچە بىرمۇ پاراۋانلىق ئورگىنى قۇرۇلمىغان. بۇ خىتايدىكى جىددى تەدبىر ئېلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلىگە ئايلانغان.
خىتاينىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى ئىستاتېستىكىلىرىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىزنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ۋە دائىرىسى جەھەتتىنمۇ خىتاي بويىچە ئالتە يىلدىن بۇيان ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلەپ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدە مەلۇم بولغان ئەيدىز ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سەككىز مىڭدىن ئاشقانلىقى، يۇشۇرۇن ھالدىكى ئەيدىزلەرسانىنىڭ ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىشى مۈمكىنلىكى كۆرسىتىلمەكتە.
٪ 93 ئى ئۇيغۇر
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىزلەر ئاساسەن ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىدا ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ 93٪ ئى زەھەرلىك چېكىملىك ئارقىلىق يۇقۇملانغانلاردۇر.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەيدىزدىن مەسلىھەت بېرىش ئورنىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتىمىزغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىزلەر شۇنداقلا زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ 90 ٪ ئىدىن كۆپرەكىنى يەنىلا ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىكەن. شۇنداقلا يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان ئاياللارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى بارغانچە يۇقىرىلاپ بېرىۋاتقان بولۇپ ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىر ئەيدىزلەرنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئاياللار ئىگەللەيدىكەن.
شۇنداقلا يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەيدىز كېسەللىكى ۋە زەھەرلىك چېكىملىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئەيدىز يېتىملىرىغا ئايلانغان. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ ئەيدىز يېتىملىرى ئۈچۈن مەخسۇس ياردەم بېرىدىغان بىرمۇ پاراۋانلىق ئورنى قۇرۇلمىغاچقا، بۇ ئەيدىز يېتىم بالىلار جەمىيەتتە ئىگە- چاقىسىز، ئوقۇشسىز ھالدا تۇرلۈك مۈشكۈل ھاياتنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە ئىكەن.
خىتاي دائىرلىرى ئەيدىز يېتىملىرىغا مەبلەغ ئاجراتتى
ئۇيغۇر رايونى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يېتىملار ئەھۋالىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېققىتىنى تارتقانلىقى كۆرۈنمەكتە.
ئۇيغۇر رايونى تور بېتىدە 13 - ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستېرلىكى ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەيدىز مەسىلىسى ئېغىر بولغان 9 ئۆلكىگە مەخسۇس ئەيدىز يېتىم بالىلىرىنىڭ ئوقۇش ھەم تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش سوممىسى چۈشۈرگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يېتىملىرى ئۈچۈن 700 مىڭ يۇئەن ئاجرىتىلغان بولۇپ ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇنىڭغا ئەيدىز يېتىملىرىنى قۇتقۇزۇش ئورنىدىن بىرنى قۇرماقچى ئىكەن.
ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدە قانچىلىك ئەيدىز يېتىملىرى بارلىقى ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش، ئوقۇش، داۋالىنىش ئەھۋاللىرى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلىپ باقمىدى.
بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئەيدىزنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى جەھەتتە خىتاي بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا سانىلىپ كەلگەن غۇلجا شەھرىدىكى مەلۇم جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىغا تېلىفون قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئاساسەن زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئىكەنلىكى، بۇ ئىككى مەسىلىنىڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يېتىملىرى ھەققىدە ئانچە بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز 80 – يىللارنىڭ ئاخىرىدا باشلانغان
ئەيدىز ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغانلاردا ئادەتتە 10 يىلدىن 15 يىلغىچە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۈچىيىدۇ.ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى 1980 - يىللارنىڭ ئاخىرى، 1990 - يىللارنىڭ بېشىدىن باشلانغان بولۇپ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردا ئېنىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان ھەم ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار ئېغىرلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئەيدىز يېتىملىرى مەسىلىسى، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترۇل قىلىش مەسىلىلىرى جىددى تەدبىر ئېلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولماقتا.
ئەمما زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تارقىلىشىنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىشى ۋە بۇنىڭ بىلەن كېلىپ چىققان مەسىلىلەرگە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سەل قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىدا ساقچى بولۇپ ئىشلىگەن گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان بەختىيار ئەپەندى،" ئەيدىزگە ئائىت مەسىلىلەر ئۇيغۇر خەلقى ئۆزى ئويغۇنۇپ تەدبىر ئالمىغىچە ھەل بولمايدۇ" دىگەن ئىدى. (گۈلچېھرە)