0:00 / 0:00
يېقىندا خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئۇچۇرلاردا مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتايدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ھامىلدار ئاياللار ئارقىلىق قوساقتىكى بالىغا يۇقۇش نىسبىتى بارغانسېرى ئۆرلىمەكتە . بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇر رايونىدىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز مېھرىبان نيو-يوركتىكى ئەيدىز تەتقىقاتچىسى مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.