خىتاي ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەيدىز يېتىملىرى ھەققىدە


2004.11.18

مۇناسىۋەتلىك ئەيدىز مەلۇماتلىرىدا ئېيتىلىشىچە، دۇنيادا تۇنجى قېتىملىق ئەيدىز كىسىلى بايقالغاندىن تا ھازىرغىچە بولغان 23 يىللىق دۇنيا ئەيدىز كىسىلى تارىخىدا،تەخمىنەن 60 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئەيدىزكىسىلى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ،20 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئەيدىز كىسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن، ئۇلار تەخمىنەن 15 مىليون ئەيدىز يىتىملىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئافرىقىدا بولۇپ، ئاسىيادىكى ئەيدىز يېتىملىرى 2 مىليونغا يەتكەن. ئەيدىز مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە: 2010 - يىلىغا بارغاندا،دۇنيا ئەيدىز يېتىملىرىنىڭ سانى 25 مىليونغا يېتىدىكەن.

ئەيدىز يېتىملىرى خىتاينىڭ ھەممىلا يېرىدە مەۋجۈت ھەمدە بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. خىتاي ئاگىنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن مەلۇماتلاردىمۇ خىتاينىڭ خېنەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىدە ئەيدىز يېتىملىرىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقتە ئېنىق سانلىق مەلمۇمات بېرىلمىگەن.

خىتايدىكى ئەيدىز ئاپىتىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان ،ھەمدە نۇرغۇنلىغان ئەيدىز يېتىملىرىنى بېقىۋالغان خېنەنلىك ئەيدىز دوختۇرى گاۋياۋجى يېقىندا خىتايدىكى ئەيدىز يېتىملىرى مەسىلىسى ھەققىدە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ سۆزىدە: "مەنچە ئەيدىز يېتىملىرى خىتاينىڭ ھەممىلا يېرىدە مەۋجۇت. مەسىلەن، خېنەن، خېبىي، شەندوڭ، ئەنخۇي، گەنسۇ چىڭخەي ۋە شىنجاڭ قاتارلىق ھەممىلا يەردە بار. لېكىن، ئەيدىز يېتىملىرىنىڭ زادى قانچىلىك ساننى ئىگىلەيدىغانلىقى ھەققىدە، ھۆكۈمەت ئېنىق بىر سان دەپ بېرەلمەيدۇ. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەپ ئەيدىز بىمارلىرى كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىتىن بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنى ئاشكارىلاشتىن قورقۇپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەيدىز كېسىلى تۈپەيلىدىن ئۈلۈپ كەتكەنلىگىنىمۇ ھېچكىم بىلمەيدۇ" دەپ بىلدۈردى.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان نيو-يوركتا تۇرۇشلۇق ئەيدىز مۇتەخەسسىسى مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى ئۆزى ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتلارغا ئاساسەن، خىتايدىكى ئەيدىز يېتىملىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.