ئۇيغۇر رايونىدا ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلار كۆپەيمەكتە


2004.11.25

بۇ يىل يازدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرىدا، بۇ يىل 7 - ئايغا قەدەر ئۇيغۇر رايونىدا تىزىمغا ئېلىنغان ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 8773 دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. 25 - نويابىر كۈنى بەرگەن مەلۇماتىدا بولسا، بۇ يىل 9 - ئايغا قەدەر، بۇ ساننىڭ 9346 غا كۆپەيگەنلىكىنى ھەمدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتاي بويىچە ئەيدىز مەسىلىسى ئەڭ ئېغىر رايون بولۇپ ھىساپلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

تىزىمدىكى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ بىر نەچچە ئاي ئىچىدىلا بۇ دەرىجىدە كۆپۈيىۋاتقانلىقى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەيدىز مەسىلىسىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ھالەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدىن بەرگەن مەلۇماتىدا يەنە ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا ئەيدىز مەسىلىسى ئەڭ ئېغىر بولغان جايلار غۇلجا، ئۈرۈمچى ۋە ئاقسۇ بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مەزكۇر كېسەلنىڭ ئاساسەن زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىپ قويۇش، جىنسى مۇناسىۋەت ۋە ھامىلدار ئانىدىن قوساقتىكى بالىغا يۇقۇش دىگەندەك سەۋەپلەردىن كېلىپ چىققانلىقى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكىنىڭ نيو-يورك شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئەيدىز تەتقىقاتچىسى دوكتور مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر مەلۇماتنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى ۋە بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

بۇنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.