ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋە زەھەرلىك چېكىملىك


2004.11.26

ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان دوكتور مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي نوپۇسىنىڭ ٪ 1 گىمۇ يەتمىگەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلار خىتايدىكى ئەيدىز ئومۇمى سانىنىڭ ٪ 13 تىنى ئىگىلىگەن.

ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ 80 پىرسەنتى ياشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ 95 پىرسەنتكە يېقىنى زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق مەزكۇر ۋىروسىنى ئۆزلىرىگە يۇقتۇرىۋالغان.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دوكتور مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.