ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز كۈنسىرى يامرىماقتا (2)
2004.11.30
ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزلەر يىلىغا 10 مىڭدىن كۆپەيدى

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئاخباراتلاردىن مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئېلىدە 1995 - يىلى تۇنجى ئەيدىز بايقالغان ئىدى. ئەمما ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئىنتايىن تېز بولغان. يەنى 2000 - يىلغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئېلى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ كۆپلىكى جەھەتتە يۈننەندىن قالسا ئىككىنچى ئورۇنغا چىققان. شۇنداقلا، ھەر يىلى ئەيدىز دەپ تىزىملاتقانلار 1000 دىن كۆپەيگەن. بەزى مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزلەرنىڭ يىلىغا ئون مىڭدىن كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
رادىئومىزنىڭ ئىلگىرى ئۈرۈمچى قىزىل كىرست جەمئىيىتى ئاچقان ئەيدىزدىن مەسلىھەت سوراش ئورنىدىن ئىگە بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ٪ 95 تىن كۆپرەكى ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرغۇچىلار ئىكەن.
نۆۋەتتە خىتايدىكى ئەيدىز مۇتەخەسىسلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىزبىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنى تەخمىنەن 90مىڭ ئەتراپىدا دەپ كۆرسەتمەكتە.
"غۇلجىدا 12000 دىن ئارتۇق ئادەمنى تەكشۈرگەندە 3000 دىن ئارتۇق ئادەم ئەيدىز كېسىلى چىقىپتۇ"
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىغا كۈچ ئاجرىتىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدە مەخسۇس ئەيدىز داۋالاش ئورنىدىن بىرىمۇ قۇرۇلغىنى يوق. ئىگىلىشىمىزچە زەھەرلىك چېكىملىك تاشلاتقۇزۇش ئورنىدا داۋالىنىۋاتقانلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ خەتەرلىك بولۇپ، ئۇ جايدا ئۆز ئارا يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.
ئۇيغۇرلارغا ئەيدىزنىڭ تىز سۈرئەتتە تارقىلىش سەۋەبلىرى نېمە؟
ئۇيغۇرلارئارىسىدا ئەيدىزنىڭ بۇنداق تېز ھەم كەڭ دائىرىدە تارقىلىش سۈرئىتى كىشىنى چۆچىتىدۇ. بەزى ئۇيغۇرلار بۇنىڭ سەۋەبىنى زەھەرلىك چېكىملىكتىن كۆرسە يەنە بەزىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قوللىنىۋاتقان سىياسىتىدىن كۆرىدۇ. يەنە بىر قىسىملىرى بولسا ئەيدىز مەسىلىلىرىنىڭ بۈگۈنكىدەك دەرىجىدە يامرىشىغا يۇقىرىقى ئىككى سەۋەبتىن باشقا دىنىي ۋە مىللىي ئەخلاق قاراشنىڭ تۆۋەنلىكىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان ئاقىۋەتلەر سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كۈنسايىن يامراۋاتقان ئەيدىز ۋە زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىلىرىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە قانداق بىر سىياسەت قوللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە بەلگىلىك مەلۇماتقا ئىگە بولغان، ئىلگىرى غۇلجىدا ساقچى بولۇپ ئىشلىگەن، نۆۋەتتە گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان بەختىيار ئەپەندى، ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ قەدەر تېز تارقىلىش سەۋەبلىرى ھەققىدە بىز بىلەن سۆھبەتتە بولدى:
ئەيدىز كېسىلى ھەققىدىكى ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز كۈنسىرى يامرىماقتا (1)
- گېرمانىيە خىتاينىڭ غەربىي رايونلىرىدا ئەيدىز ۋىروسىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىشلىرىغا ياردەم قىلدى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋە زەھەرلىك چېكىملىك
- ئۇيغۇر رايونىدا ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلار كۆپەيمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى تېز ئاشماقتا
- بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئاياللارنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە
- ئۇيغۇر رايونىدىكى غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەردە ئېغىرلىشىۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىز مەسىلىسى
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەيدىز يېتىملىرى ھەققىدە
- ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاياللارنىڭ ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولىشى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە
- ئۇيغۇر رايونىدىكى ھامىلدار ئاياللار ۋە ئۇلاردىن تۇغۇلغان ئەيدىز بوۋاقلار
- دوكتور مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى بىلەن ئەيدىز ھەققىدە سۆھبەت
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ كەڭ دائىرىدە تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەيدىز يىتىملىرىمۇ كۆپەيمەكتە
On the Web
- China's Muslim Uyghurs See Sharp Rise in AIDS Infections
- World Health Organization
- China-Australia Xinjiang HIV/AIDS Prevention and Care Project
- Official Journal of the International Aids Society
- International Aids Society
- AIDS.ORG
- UNAIDS: The Joint United Nations Programme on HIV/AIDS
- World Bank HIV/AIDS