2004 - يىلى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ئەھۋالى ھەققىدە


2004.12.31

كۆپلىگەن ئەيدىز پائالىيەتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر، "ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئەيدىز مەسىلىسىدە ئىلگىرىكىدىن بىر قەدەر تەرەققىيپەرۋەر بولغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەيدىز كېسەلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىشتا قوللىنىۋاتقان ئۈنۈملۈك چارە -تەدبىرلىرى يېتەرسىز بولىۋاتقانلىقتىن، نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا" دەپ كۆرسەتتى.

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىلگىرىلەش بولدىمۇ؟

خەلق ئىچى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشكىلات باشلىقى ۋەي يەنخەي ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2004 - يىلى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە تۈرلۈك سىياسەتلەرنى بېكىتىپ، ھەتتا دۆلەت رەھبەرلىرى ئەيدىز بىمارلىرىدىن ھال سوراش دېگەندەك بىر يۈرۈش ھەركەتلەرنىمۇ ئېلىپ بارغان. بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 2003 - يىلىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەيدىز كېسىلى ئالاھىدە يىغىنىدا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى قىلغانلىقىدىن ئىكەن. ئەمەلىيەتتە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەت ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن بېرىلگەن ۋەدىلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ھەقىقى ئىجرا قىلىدىغان ئەھۋال ناھايىتى ئاز كۆرۈنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيدىز مەسىلىسىدە ئىلگىرىكىدىن بىر قەدەر ئىلگىرلىشى پۈتۈنلەي خەلقئارا بېسىمنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن بولغان. ۋەن يەنخەي پەندى سۆزىدە يەنە " خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق تېخى بىر ئىشنى قىلماي تۇرۇپلا ، تاشقى دۇنياغا "ئۇنداق قىلىمىز، بۇنداق قىلىمىز" دەپ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. لېكىن، بۇنداق قىلىش پەقەت ۋاقتىنچە رول ئويناپ، مەسىلىنى ھەرگىزمۇ يىلتىزىدىن ھەل قىلالمايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

داڭلىق ئەيدىز پائالىيەتچىسى لى دەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيدىز مەسىلىسىدە تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەققىدە توختىلىپ، "مەيلى مەركىزى ھۆكۈمەت بولسۇن، ياكى مەركىزى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بولسۇن، ئۇلار ھېچقاچان ئەيدىز مەسىلىسىنى دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىلەر قاتارىدا كۆرمىگەن. ئۇلار ئۈچۈن ھازىر تەيۋەن مەسىلىسى، قوزغىلاڭ مەسىلىسى مۇقىملىق مەسىلىسى دېگەندەكلەر ئەڭ مۇھىم بولۇپ، ئەيدىز ئاپىتىدىنمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە ئارتۇقچە باش قاتۇرىشنى خالىمايدۇ" دەپ بىلدۈردى.

ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 10 مىليونغا يېتىشى مۇمكىن

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، ھازىر خىتايدا 840 مىڭ ئادەم ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان. لېكىن، خەلق ئىچىدىكى ئەيدىز پائالىيەتچىلىرى ۋە ئەيدىز مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەمەلىي سان بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىمۇ، " خىتايدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، ھۆكۈمەت جىددى چارە-تەدبىر قوللانمىسا بولمايدىغان دەرىجىگە يەتتى" دەپ تەكىتلەپ، " ئەگەر ھۆكۈمەت جىددى چارە- تەدبىرلەرنى قوللانمايدىكەن، 2010 - يىلىغا بارغاندا، خىتايدىكى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى10 مىليونغا يېتىشى مۇمكىن" دەپ پەرەز قىلماقتا.

خىتاي ئەيدىز كېسىلىنى كونترول قىلىشتا، ئالدى بىلەن راستچىل بولىشى كېرەك

داڭلىق دوختۇر ۋە ئەيدىز پائالىيەتچىسى گاۋ ياۋجې خانىم " ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن ئەيدىز كېسىلىنى كونترول قىلىمىز دەيدىكەن، ئالدى بىلەن ئەمەلىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، راستچىل بولىشى كېرەك. ئەگەر بۇنداق قىلماي يەنىلا يالغان گەپ قىلىپ، كۆز بويامچىلىق قىلىدىكەن، ئۇنداقتا ئەيدىز كېسىلى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەت 2 - دۇنيا ئۇرىشىدىنكىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 9730 غا يەتتى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل يىل ئاخىرىغا قەدەر، ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 9730 غا يەتكەن بولۇپ، مەملىكەت ئىچىدىكى ئومۇمى ساننىڭ 13 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. بولۇپمۇ يېقىنقى بىر- ئىككى يىلدىن بۇيان ئاقسۇ ۋە قەشقەر قاتارلىق رايونلاردا، ئەيدىز ۋىروسىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، ئەيدىز كېسىلى تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلار سانىمۇ بارغانسېرى كۆپەيگەن.

ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان دوكتور مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى ئۇيغۇر رايونىنىڭ 2004 - يىلىدىكى ئەيدىز ئەھۋالى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا تۇتقان سىياسىتى ۋە ئۆز ئارزۇلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى:

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.