ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرى تەشۋىقات بىلەنلا چەكلەنمەكتە
2005.04.29
بىز ئالدىنقى ئاڭلىتىشىمىزدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز تەلىم - تەتقىقات تۈرلىرى بويىچە خالىسانە خىزمەت ئىشلەۋاتقان، ھازىرچە ئۆزىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان مەلۇم ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ مۇدىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدۇق، سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئۇ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ نۆۋەتتە جەمئىيەتنىڭ شۇنداقلا خەلقئارالىق ئەيدىز تەتقىقات فوندى ئورۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەخپىي ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرغاندىن باشقا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان " جىنسىي كېسەللىكلەر ھەمدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشكىلاتى" نامىدا بىر ئورگان بولسىمۇ ئەمما بۇ ئورگاننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھېچقانداق ئەمەلىي ئىش قىلىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئۇيغۇر ئېلىدە ھۆكۈمەت تەرەپتىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق جىنسىي كېسەللىك ھەم ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ما يىڭچۈن بىلەن ئالاقىلاشتۇق.
ما يىڭچۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مەزكۇر جەمىيەتنىڭ خاراكتېرىنى چۈشەندۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"بىز ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىنسىي كېسەللىك ھەمدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر ماس خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، ئەمەلىي خىزمەت قىلىۋاتقان خىزمەتچىمىز 150 تىن ئاشىدۇ، بەزى مەخسۇس تەتقىقات تۈرلىرىنىمۇ قىلىمىز، خەلقئارانىڭ بىر قىسىم فوندىلىرىنىڭ ياردىمىنى ئىلتىماس قىلىمىز، ھۆكۈمەتمۇ مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىدۇ. ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى قىلىمىز.
ما يىڭچۈن يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەيدىز ۋەزىيىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
" ئۇيغۇر ئېلىدە 95 - يىلىدىن باشلاپ ئەيدىز ۋەزىيىتى بىر قەدەر ئېغىرلاشقا باشلىغان، ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە مەلۇم بولغان ئەيدىزلەر يىگىرمە مىڭدىن ئاشتى، ئاساسەن ئۇيغۇرلار، بۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش يولى بىلەن يۇقۇملانغانلار، ئەمما يېقىندىن بۇيان جىنسىي ئالاقە يولى بىلەن يۇقۇملىنىۋاتقانلارمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ، بىز بۇنىڭ ئۈچۈن جەمئىيەتتە ۋە مەكتەپلەردە كىشىلەرگە جىنسىي مۇناسىۋەتتە گاندون ئىشلىتىش تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، ھەمدە بەزى بويۇملارنى تارقىتىۋاتىمىز. ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرۈپ - ئادىتى پەرقلىق بولغاچقا بۇ تەشۋىقاتقا ماسلىشىشىمۇ ئۇنچە ئاكتىپ بولمايدۇ. بۇرۇن ئۈرۈمچى، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەر ئېغىر رايونلار ھېساپلىناتتى. ھازىر كېڭىيىپ قەشقەر ھەمدە خوتەن قاتارلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونلىرىدىمۇ ئېغىرلاۋاتىدۇ، ئىلگىرى يۇقۇملانغان بەزى ئەيدىزلەر ھازىر كېسەللىك باسقۇچىغا ئۆتتى."
مۇخبىرىمىزنىڭ "ئەيدىز داۋالاش ئىشلىرىچۇ، بۇ سىلەرنىڭ خىزمەت دائىرەڭلەردە ئەمەسمۇ؟"دېگەن سوئالىغا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
"ياق، چۈنكى ئۇنىڭغا تېخى يېتەرلىك مەبلەغ يوق بولغاچقا، داۋالاش ئىشلىرىغا تېخى كۈچىمىز يەتمەيدۇ. ئەمما ئۇيغۇر ئېلى ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر قەدەر ئارقىدا نامرات بولغاچقا، ئۇلارنىڭ داۋالىنىش ئىشلىرىغا تازا ئىمكانى يوق. ھۆكۈمەتمۇ بۇنىڭغا قارىتا ياردەم ئىشلىرىنى باشلىدى. بەزى خەلقئارالىق فوندلارنىڭ خىزمەتلىرىمۇ ماس ھالدا يۈرىشىۋاتىدۇ. بىراق يەنىلا ئەيدىزلەرنىڭ ھەممىسىگە يېتەرلىك شارائىت يارىتىشقا تېخى بىر مەزگىل بار"
مۇخبىرىمىز : ئۇنداقتا سىلەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ بۇنچە تارقىلىشىدا ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب نىمە ؟
ما يىڭچۈن : زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى. ئەمما بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئەمەس. بۇ جامائەت خەۋېپسىزلىك، قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ۋەزىپىسى. زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ كونترول قىلىنىشى ئەيدىزنىڭ كونترول قىلىنىشىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. بىزپەقەت ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى، ئۇنىڭدىن قانداق مۇداپىئەلىنىش ھەققىدە تەلىم- تەربىيە ئېلىپ بارىمىز خالاس.
مۇخبىرىمىز : ئىگە بولىشىمىزچە، نۆۋەتتە سىلەرگە ئوخشاش ھۆكۈمەت تەرەپتىن قۇرۇلغان ئەيدىزگە قارشى تەشكىلاتلارنىڭ، ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرى پەقەت تەشۋىقات بىلەنلا چەكلىنىپ قالغاچقا، بەزى خالىس كىشىلەرنىڭ تەشكىللىنىشى بىلەن جەمئىيەتتە يەنە ئاممىۋى، تەشكىلاتلارمۇ مەيدانغا چىقىۋىتىپتۇ بۇنىڭدىن خەۋىرىڭلار بارمۇ ؟
ما يىڭچۈن : توغرا جەمىيەتتىمۇ ئەيدىز ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقانلار بار بىزنىڭ تەشكىلاتىمىزدىمۇ خالىس خىزمەت قىلىۋاتقانلارمۇ بار،ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارمۇ بار. مېنىڭچە بىزنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئەمىلىي ئىش قىلىشىمىز ئۈچۈن ئىقتىساد كېتىدۇ. شىنجاڭ بەك نامرات قىيىنچىلىق يەنىلا كۆپ. بىز پەقەت ئاممىغا ئەيدىزدىن قانداق مۇداپىئەلىنىپ ئۆزىنى ئاسراش ھەمدە باشقىلارنىمۇ ئاسراش ھەققىدە تەشۋىقات ھەمدە تەربىيە ئىشلىرىنى ئېلىپ بارالايمىز. (گۈلچېھرە)
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىزنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئاممىۋى تەشكىلاتلار مەيدانغا چىقماقتا
- خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەيدىز ۋاكسىنى ئۇرۇش سىنىقىنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولىدۇ؟
- دوكتور مۇھەممەت ئىمىن زەھەرلىك چېكىملىك ھەققىدە توختالدى(1)
- دوكتور مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى بىلەن ئەيدىز يېتىملىرى ھەققىدە سۆھبەت
- دوكتور مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى بىلەن ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت (2)