ئەيدىز ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە


2006.06.20
heroin-chikimlik.jpg
1999-يىلى 25-ماي كۈنى بىر خىتاي ساقچىسى بېيجىڭدىكى زەھەرلىق چېكىملىككە قارشى تۇرۇش تەربىيىلەش مەركىزى ئالدىدا . AFP

ئەيدىز يەنى HIV ۋىرۇسى نۆۋەتتە پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇنياسىدا، ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتقان، ئۆلۈش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى، ئۈنۈملۈك دورىسى بولمىغان بىرخىل ئۆتكۈر يۇقۇمچان كېسەللىك ۋىرۇسى. گەرچە ئۇيغۇرلاردا ئەيدىزنىڭ بايقىلىشى بىر قەدەر كېيىن ھېسابلانسىمۇ ئۇنىڭ تارقىلىش، قاپلاش سۈرئىتى كىشىنى چۆچىتىدىغان دەرىجىگە يەتتى. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ يامرىشى، جەمئىيەت ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلۇشى قاتارلىق ئامىللار ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىدا ئاكتىپ ئامىل بولماقتا. ئۇيغۇرلار ئەيدىزدىن تەھدىت ھېس قىلىشقا باشلىدى، شۇنداقلا ئەيدىزدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال ئۇنى تونۇپ يېتىش كېرەك ئەلۋەتتە.

ئەيدىزنىڭ دۇنيادا، خىتايدىكى تارقىلىش ۋەزىيىتى

ئىنسانلاردا تۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 1981- يىلى ئامېرىكىدا بايقالغان. نۆۋەتتە ئەيدىز كېسىلى دۇنيادىكى 240 دۆلەت ۋە رايونغا تارقالدى. 2001 - يىلىغچە بولغان قىسقىغىنە 20 يىل ئىچىدە پۈتۈن دۇنيادىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 60 مىليونغا يىتىپ بۇنىڭ ئىچىدە 22 مىليون ئادەم ئۆلگەن.

گەرچە ئىنسانلار ئەيدىز كېسىلى بىلەن 20 نەچچە يىل كۈرەش قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر يەنىلا بۇ كېسەلنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى تېپىپ چىققىنى يوق. مۆلچەرگە قارىغاندا ھازىر كۈنىگە 1400 ئادەم يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىندىكەن.

خىتايدا بولسا -1985يىلى تۇنجى بولۇپ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىغا دىئاگنۇز قۇيۇلغاندىن تارتىپ 2005 - يىلىنىڭ ئاخىرغا قەدەر خىتاي بويىچە ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۋالغانلار 840 مىڭگە يەتكەن بولۇپ، مۇتەخەسسىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئەمىلى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۋالغانلار سانى 1 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.

خىتايدا نۇپۇس سانى كۆپ بولغاچقا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى كۆپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ۋەزىيىتى يەنىلا كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ئۆتكەن يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىمۇ خىتاينىڭ ئەيدىز ۋەزىيىتىنىڭ ئەگەردە مۇشۇ سۈرئەتتە تەرەققىي قىلسا دۇنياغىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان ئىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2005 - يىللىق ئەيدىز دوكلاتىدىمۇ خىتاينىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يېتەرلىك تەدبىر قوللانمىغانلىقى ئەيىبلەنگەن.

مۇتەخەسسىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە ئەگەر خىتايدا پائال تەدبىر قوللانمىغاندا، 2010 - يىلغا بارغاندا جۇڭگو ئەيدىز كېسىلى ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 10 مىليونغا يىتىش ئېھتىمالى بار ئىكەن.

ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى تارقىلىش ۋەزىيىتى

ئۇيغۇر ئېلىدە گەرچە تۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى -1996يىلى بايقالغان بولسىمۇ بىراق ئاپتونوم رايونلۇق جىنسىي كېسەللىك ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترۇل قىلىش مەركىزىدىن ئەھۋال ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن شىنجاڭدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 11مىڭ 303 كىشى بولۇپ (بۇلار پەقەت تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغانلىرى خالاس، ئۇيغۇر ئېلىدە بارلىق نوپوسىنىڭ ھەممىسىنىڭ قېنىنى تەكشۈرۈپ چىقىش خىزمەت شارائىتى ۋە ئىقتىسادىي شارائىت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا مۇمكىن ئەمەس)، يۇقۇملانغانلارنىڭ ئىچىدە%85 ئۇيغۇرلار ئىكەن.

ئەيدىزنىڭ تارقىلىش تېزلىگىنى دۇنيا بويىچە ئورتاق قوللىنىدىغان ھېسابلاش فورمىلىسى بويىچە ھېسابلىغاندا، پۈتۈن شىنجاڭدا 2003-يىلىنىڭ يىل بېشىدىلا ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ئېلان قىلمىسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىمۇ قىياس قىلىشماقتا. پۈتۈن دۇنيادىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %60تى جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقۇملانغان بولۇپ، خىتايدا بولسا %70تىن كۆپرەكى قان ئارقىلىق يۇقۇملانغان. ئۇيغۇرلاردا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى بولسا زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئاساسلىقى يەنىلا زەھەرنى تومۇردىن ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش. ئەمما يېقىنقى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن مەلۇمكىقالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشمۇ ئۇيغۇرلاردا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىدىكى يەنە بىر ئۆتكۈر سەۋەب بولماقتا.

"ئەيدىز" دېگەن نىمە ؟

ئەيدىز دېگەن بۇ سۆز ئىنگلىزچە ئاتالغۇنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، تىببىي ئىلمىدە "ئىمونىت خارەكتىرلىك كەمتۈكلۈك ئۇنۋېرسال كېسىلى" دەپ ئاتىلدۇ. HIV بولسا ئەيدىز كېسىلى ۋىروسىدۇر. ئەيدىز كېسىلىنىڭHIV ۋىروسى پەيدا قىلغان يۇقۇملۇق كېسەللىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئەيدىز ۋىرۇسى ئاساسلىقى جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، قان ئارقىلىق، ۋە بالا ئېمىتىش قاتارلىق ئۈچ خىل يول ئارقىلىق يۇقىدۇ.

ساغلام ئادەم تېرىسى بىلەن بەدەن قاتلىمى زەخمىلەنسە يەنە كىلىپ بۇ زەخمە ئورنى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بارلارنىڭ قېنى، ئۇرۇقدان، ئىسپېرما، سۈت سۇيۇقلىقى بىلەن ئۇچراشقا ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يۇقتۇرۋرالىدۇ.

ئەيدىز كېسىلى ۋىروسى ئادەم ئورگانىزىمىغا كىرگەندىن باشلاپ، ئادەم ئورگانىزىمى ئۇنىڭ بىلەن كۈرەش قىلىشنى باشلايدۇ. ۋىرۇس ئادەم بەدىندە كۆپىيىش ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت كېتىدۇ. باشلىنىش باسقۇچىدا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭكېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان بولغاچقا روشەن كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۋالغۇچىلار دەپ ئاتىلىدۇ. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىمونىت ئىقتىدارى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ مەلۇم دەرىجىدە يەتكەندىن كېيىن، باشقا مىكروبلار ئادەم بەدىنىگە كىرىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆپ خىل كېسەللىك يۈز بېرىدۇ. بۇ ئادەتتە پۇرسەت خارەكتېرلىك يۇقۇملىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: ئېغىر ھالدا ئىچى سۈرۈش، ئۆپكە ياللۇغى ۋە باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. يەنە بەزى يۇقۇملانغۇچىلاردا گومۇشلۇق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يۇقۇملانغۇچىلار ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ بولغان بولىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئىپادىلىرى كۆپ خىل بولۇپ، ئەڭ ئاخىردا قاتتىق ئىچى سۈرۈش، ئۆپكە ياللۇغى، ئىششىقلىق راك قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن تىنى ئاجىزلاپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار تەرەققى قىلىپ، ئەيدىز كېسىلىگە ئايلانغۇچىلار بىر قانچە ئايدىن كېيىن بىر قانچە يىلغىچە ئۆمۈر كۆرىدۇ. ئادەتتە 8 يىلدىن 10 يىلغىچە بولىدۇ. ياخشى داۋالىنىش، ئۇزۇقلىنىش، ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللانغاندىلا كېسەللىك تەرەققى قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ. گەرچە ئەيدىز كېسىلىنى ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى بولمىسىمۇ لىكىن، ئۇنى يەنىلا داۋالاشقا بولىدۇ.

ھازىرغا قەدەر ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئۇسۇلى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ لېكىن، ئىچكى ئورگانىزىمدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى تۇللۇق يوقىتىدىغان ئۇسۇل تېپىلغىنى يوق. لېكىن ئۇنىڭ كۆپىيىپ تارقىلىشىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار ؟

ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن باشلاپ، تەرەققىي قىلغانغا قەدەر 4 دەۋىرگە بۆلىنىدۇ.

جىددىي خارەكتېرلىك يۇقۇملىنىش دەۋرى. ئادەتتە ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يۇقۇملانغاندىن كېيىن، 2~6 ھەپتە ئىچىدە ئۇنىڭ ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. ئالامەتلىرى: قىزىش، كارناي ئاغرىش، لىمفالىق ئىششىق، تېرە قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، ئادەتتە 2 ھەپتە ئەتراپىدا داۋاملىشىپ، ئۆزلىگىدىن يوقاپ كېتىدۇ. بەزىدە نېرۋا سېستىمىسى ئاغرىش، باش ئاغرىش، پۈتۈن بەدىننىڭ بوغۇملىرى سىرقىراپ ئاغرىش، تۇقۇلمىلار ئاغرىش، نېرۋا پەردە ياللۇغى ياكى ياللۇغ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. لېكىن ھەممە ئادەمدە روشەن بولغان جىددى خارەكتېرلىك يۇقۇملىنىش دەۋرى بولىۋەرمەيدۇ. ئۇنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى 50% ~ 70 % گىچە بولىدۇ.

كېسەلسىز يۇقۇملىنىش دەۋرى. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىگى روشەن كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ. بۇ ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇشۇرۇن دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. يۇشۇرۇن دەۋرىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ۋىرۇسى ئادەم بەدىندە كۆپىيىشكە باشلاپ ئورگانىزىمدا مۇناسىپ قارشى كۈچ پەيدا بولىدۇ. يۇشۇرۇن مەزگىل ئىچىدە ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار يۇشۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنى بىرگە ئېلىپ يۈرگەن بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە يۇقۇپ كىرىش نىسىتى 100 % گە يەتكەن بولىدۇ.

پۈتۈن بەدەنلىك لىمفالىق ئىشىق كېسىلىنىڭ داۋاملىشىش دەۋرى. يۇشۇرۇن مەزگىلنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ، ۋىرۇس ئادەم ئورگانىزىمىدا ئۆزلۈكسىز كۆپىيىپ، ئىمونىت سېستىمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا باشلايدۇ. داۋاملىق قىزىش، داۋاملىق ئىچى سۈرۈش، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ھالدا بەدەن ئېغىرلىغى تۆۋەنلەپ كېتىش، كۆپ تەرلەش، باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. بولۇپمۇ بەدەننىڭ ئىككىدىن ئارتۇق يېرىدە چوڭ - كىچىكلىگى 1 مىللىمېتىر ئەتراپىدا لىمفالىق ئىششىق پەيدا بولغان بولۇپ ئاغرىمايدۇ. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ۋىرۇسى ئادەم ئورگانىزىمىغا كىرگەن بولىدۇ.

ئەيدىز كېسىلى دەۋرى. ئورگانىزىمنىڭ ئىمونىت سېستىمىسى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. ئادەتتە ئۇنىڭ ئىپادىلىرى كۆپ خىل بولۇپ پۈتۈن بەدەن ئاغرىش، ھالسىزلىنىش، روھسىزلىنىش، ئۆپكە ياللۇغى، توبېركىليۇز، ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىك كۆرىلىدۇ.

ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار دەرھال ئۆلۈپ كەتمەيدۇ. بۇ بىر ئادەمنىڭ ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يۇقتۇرۋالغاندىن تارتىپ، ئۆلۈپ كەتكىچە 4 باسقۇچنى باشتىن كۆچۈردىغانلىغىدىن خۇلاسىلاپ چىقىرىلدى. 1 - 2 باسقۇچ يەنىلا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن باسقۇچ بولىدۇ. لىكىن، ئورگانىزىمدا ئەيدىز ۋىرۇسى يۇشۇرۇن سىڭىپ كىرىپ، يۇقۇملىنىش خارەكتىرىنى ئالغان بولىدۇ. 3 - 4 باسقۇچ "كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىش دەۋرى" بولۇپ، ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنى "ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار" دەيمىز.

ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر بىلەن ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورگانىزىمىدا ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بولىدۇ. بۇلار بىردەك ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار دەپ ئاتىلىدۇ.

يۇشۇرۇن دەۋرى قانچە ئۇزۇن بولسا، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆمرى شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ. شۇڭا ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ھەرگىزمۇ ئۆزىنى تاشلىۋېتىپ، روھىي چۈشكۈنلىككە ئۇچىرماستىن، بەلكى ئامال قىلىپ كېسەللىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئۇزارتىش لازىم. پەقەتلا تەرەققىي قىلىش دەۋرىگە كىرمىسىلا، ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگىچىلەر نورمال ئادەمگە ئوخشاش ئەمگەك قىلالايدۇ. ۋە تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ. تەرەققىي قىلىش دەۋرىگە كىرگەندىمۇ پائال داۋالانسا شۇ ئارقىلىق ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.

ئادەتتىكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچراشقاندا ئەيدىز كېسىلى يۇقامدۇ ؟

ئادەتتىكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچىراشقاندا ئەيدىز ۋىرۇسى كېسىلى يۇقمايدۇ.

مەسىلەن:

1) ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان بىمار بىلەن قول ئېلىشىپ كۈرۈشىش، قۇچاقلىشىش قاتارلىقلار. 2) ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلار بىلەن بىرگە تاماق يېيىش، ئىچىملىك ئىچىش ۋە ئورتاق ھالدا قاچا - قۇچا، چۇكا، رومكا ئىشلىتىش. 3) ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلار بىلەن تەرەتخانا، ۋاننا، سۇ ئۈزۈش كۆلچىگى، تېلېفۇن، ماشىنا قاتارلىقلارنى ئورتاق ئىشلەتكەندە. 4)ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن بىرگە بولۇش، ئەمگەك قىلىش، ۋە ئەمگەك سايمانلىرىنى بىرگە ئىشلەتكەندە. 5)ماددى بۇيۇم، پۇل قاتارلىقلارنى بىرگە ئىشلەتكەندە. 6) پاشا، چىۋىن، ھاشارەت چاققاندا. 7) يۆتكەلگەن، چۈشكۈرگەندە، يېشى ئاققاندا، تەر چىققاندا، سۈيدىكى چاچراپ كەتكەندە.

پەقەت يۇقۇملانغۇچى بىلەن قان، سىپىرما، جىنسى ئالاقە ۋە بالا ئېمىتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەردە يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.