ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە نېمە؟


2006.06.27
aids.jpg
بېيجىڭدىكى يەر ئاستى پويىز ئىستانسىسىدىكى ئەيدىز ھەققىدىكى تەشۋىقات تاختىسى. 1-دېكابىر. AFP

ئۇيغۇر ئېلىدا تۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV)بىلەن يۇقۇملانغۇچى 1996 - يىلى بايقالغاندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر ئون يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلى ئەيدىز ئەڭ تىز تارقىلىۋاتقان جايغا ئايلاندى. 2006 - يىلىدىكى ئەيدىز تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئۇيغۇر ئېلىدا ھازىرغا قەدەر بايقالغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ 14 مىڭدىن ئاشقانلىقى ئاشكارىلاندى بۇ يۇقۇملانغۇچىلىرىنىڭ 88%تى ئۇيغۇرلار. ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئەمىلى ساننىڭ 60مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 10%نى ئى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار 85% كە يېقىن.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ تارقىلىش دائىرىسى كەڭ

بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئەيدىز ئۇيغۇرلارغا تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە ئەيدىز ۋىرۇسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغىچە يامراۋاتقان بولۇپ ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇمكى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 5 ئوبلاست شەھەر ھەمدە 69 ناھىيىسىدە ئەيدىز بايقالغان. بولۇپمۇ ھەتتا يېزىلاردىمۇ ئەيدىزنىڭ بايقىلىشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىزنىڭ قورشاۋىدا قالغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.

ئەيدىز تىز تارقىلىۋاتقان باشقا جايلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر ئالاھىدە بولۇپ، ئەيدىزلەرنىڭ كۆپۈكچىسى زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەمدە ئاساسەن 20 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان ياشلاردۇر.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى كىشىنى چۆچىتىدۇ

ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز تارقىلىشىنىڭ سۈرئىتى خەلقئارادا ئەيدىز تەتقىقات قىلغۇچى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۆچۈتمەكتە. ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئەيدىز تەتقىقات مەركىزى ئۇچۇر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئارۋانتوس ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز ۋەزىيىتى كەم ئۇچرايدىغان ئالاھىدە جىددى ئەھۋال دەپ كۆرسەتتى.

ئارۋانتوس ئەپەندى خىتاينىڭ ئومۇمىي ئەيدىز ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھەمدە بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاقتىدا ھەم توغرا تەدبىر قوللانمىغانلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەب بولىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى.

ئارۋانتوس ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى بىلمەيمەن ئەمما مەلۇم بولغان ئەيدىز ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلىپ ئېيتقاندا گەرچە ئۇيغۇرلاردا ئەيدىزنىڭ تارقىلىش تارىخىنى ئافرىقىغا ئوخشاش دۇنيادا ئەيدىز ئەڭ ئېغىر جايلارغا سېلىشتۇرالمىساقمۇ، ئەمما ئەيدىزنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى يىگىرمە مىليون ئەتراپىدىكى خەلققە نىسبەتەن بۇ ئاجايىپ يۇقىرى نىسبەت. دۇنيادا ئەيدىز تارقىلىشىنىڭ تېزلىك ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرغاندىمۇ بۇ كىشىنى چۆچىتىدىغان سانلاردۇر".

ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە خەلقنىڭ بۇ ھەقتە قوغدىنىش ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولۇۋاتقانلىقى

ئارۋانتوس ئەپەندى "ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىدا ئەڭ ئەجەللىك مەسىلە نېمە ؟" دېگەن سوئالىمىزغا ئاجۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:

"مېنىڭچە ئۇيغۇر رايونىدا ئەيدىزنى زەھەرلىك چېكىملىكتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، لېكىن نۆۋەتتە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن ئېيتقاندا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۇچراۋاتقان ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە خەلقنىڭ بۇ ھەقتە قوغدىنىش ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولۇۋاتقانلىقى. يەنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىدىن خەۋەرسىزلىكىدۇر".

ئارۋانتوس ئەپەندى "ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇشۇنداق ئالاھىدە بىر ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئەڭ مۇھىم يول نېمە ؟" دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

"خەلقئارادا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىۋاتقان ئۇسۇل زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ ئوخشاش يىڭنىنى ئىشلىتىشىدىن ساقلىنىش، بىخەتەر بولمىغان جىنسىي ئالاقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش دېگەنلەر ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدا تېخى بۇ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاساسىي باسقۇچ يەنى تەشۋىقات ئەيدىز ھەققىدە خەلقنى ساۋاتقا ئىگە قىلىش تاماملانمىغان بىر ۋەزىيەتتە ئەلۋەتتە بۇ جايدىكى ئەڭ جىددى شۇنداقلا مۇھىم ۋاسىتە ئەڭ ئاۋال ئەيدىزگە قارشى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش"

بۇلار ئەيدىز مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قاراشلار ئەمەس. ئۇيغۇرلارمۇ نۆۋەتتە ئەيدىز تەشۋىقات كۈچىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلماقتا شۇنداقلا بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بولىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرلاردا ئەيدىزنىڭ يەنىمۇ ئەۋج ئېلىشىنى توساش ئۈچۈن تەشۋىقاتنى تېلېۋىزور رادىئولاردا كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىش بىلەن تەڭ جامائەت خەۋەپسىزلىك تارماقلىرى، ھۆكۈمەت زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەستىچىلىرىگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەك. ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىي ئەخلاق مەكتىپى بولغان دىننىي ئېتىقادىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىق كېرەك. دېگەندەك كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويماقتا. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.