خىتاي 40 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتوم بومبا سىناقلىرىنى ئېلىپ باردى
2004.10.18
بۇنىڭدىن قىرىق يىل ئىلگىرى، يەنى 1964 - يىلى 16 ئۆكتەبىر، چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە "بوم" قىلغان ئاۋاز بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاسمىنىنى زەھەرلىك ئىس تۈتەك قاپلىغان ئىدى. بۇ خىتاينىڭ تۇنجى ئاتوم بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىلىشى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي بۇ قىرىق يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدا 46 قېتىم يەر ئۈستى ھەم ئاستى ئاتوم بومبا سىناقلىرىنىڭ غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىلغانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا نەتىجىسىز بولغان ئېلان قىلىنمىغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ سانى نامەلۇم.
سىرلىق جاي

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بايىنغولىن رايونىدىكى بالغۇنتاينىڭ شەرقىدە ھىچقانداق خەرىتىگە چۈشۈرۈلمىگەن، پەۋقۇلئاددە ئامانلىق تەدبىرلىرى ئېلىنغان مالەن ئىسىملىك بىر شەھەر بار.
بۇ شەھەر خىتاينىڭ ئاتوم تەتقىقات مەركىزى ئاتوم قويۇپ بېرىش پونكىتى ۋە ئاتوم قوماندانلىق شىتابى جايلاشقان مەيدانى. تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تەكلىماكان چۆلىنىڭ شەرقىي شىمالى ھەمدە لوپنۇر كۆلىنىڭ شىمالىدىكى لوپنۇر چۆلى رايونى بولسا خىتاينىڭ 33 -، 34- ۋە 733- پولىكلىرى تەرىپىدىن قورشالغان ئاتوم سىناق مەيدانى. بۇ ئىككى ئورۇن يەرلىك خەلق ئاياقمۇ بېسىپ باقمىغان چەكلەنگەن رايون. ھەتتا 114 تېلىفون نومۇرى سوراش ئىستانسىسىدىمۇ ئۇلارنىڭ تىزىمى يوق.
نۆۋەتتە خىتاي ئۆزىنىڭ تۇنجى ئاتوم بومبا سىنىقىنى غەلىبىلىك ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە. خىتاي ئاخباراتلىرىدىمۇ بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان بۇنىڭغا دائىر تەشۋىقاتلار كۆرۈلمەكتە.
كونا خەۋەر

خىتاينىڭ تۇنجى ئاتوم سىنىقىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھىچقانداق مۇداپىئە تەدبىرلىرى ئېلىنماستىن تۇيۇقسىز ئېلىپ بېرىلىشى، قىرىق يىل ئىلگىرىكى شۇ ۋاقىتتىمۇ خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.
بۇ ھەقتە "نيۇ-يورك دۇنيا تېلىگىرافى" گېزىتىنىڭ باش بېتىدە " قىزىل خىتاي تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى ئاتتى" دىگەن تېمىدا باش ماقالە ئېلان قىلغان. مۇخبىر دانىئال سوزىرلەندنىڭ بۇ خەۋىرىدە "قىزىل خىتاي -1946يىلى 16 - ئۆكتەبىر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 3 دە تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى قويۇپ بەردى. ئاتوم سىنىقى خىتاينىڭ غەربىي رايونىدا ئېتىلغان. بىراق، ھەققى ئورنىنى ئاشكارلىمىدى. بىراق كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاتوم بومبا سىنىقىنى ئېلىپ بېرىپ ئارقىدىنلا خەلقئاراغا ئاتوم قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك تەۋسىيىسىنى بىلدۈردى. " دەپ يازغان.
ئاتوم سىنىقى ئېلىپ كەلگەن ئاپەتلەر
ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا جەمىيەتكە ئاڭلىتىۋاتقان ئەرىزلىرىدىن، خىتاينىڭ قىرىق يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى ئاتوم سىناقلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ھەر جەھەتتىن قورقۇنۇچلۇق تەھدىدلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىمۇ خىتاينىڭ بۇ خىل ئاتوم بومبا سىناقلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇيغۇرلار زېمىنىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان بالايى ئاپەتلىرى، دەلىللەر بىلەن كۆرسىتىلگەن. ئۇلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ رادىئاكتىپ تەسىرىدە مۆلچەرلىگۈسىز مۇھىت بۇلغىنىش ئالامەتلىرى، ئادەملەردىن تا ھايۋان ئۆسۈملۈكلەرگىچە غەيرى ئىرسىيەتلىك ئۆزگىرىشلەر، يامان كېسەللىكلەر كۆرۈلىۋاتقانلىقى، بۇخىل ئېكولوگىيىلىك ھەم ھەربىي تەھدىدنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا نارازىلىقلار بايان قىلىنغان.
بىز خىتاينىڭ ئاتوم بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىلغان لوپنۇر چۆل رايونىغا يېقىن بولغان چاقىلىق ناھىيىسىدىكى دېھقانلاردىن ئاتومنىڭ تەسىرلىرى ھەققىدە ئەمەلىي ئەھۋال ئىگىلىدۇق:
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنكاسى
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتوم بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا قارشى تۇرۇش، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ داۋاملىق تۈردە ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي سىياسىتىگە قارشى پائاقلىيەتلىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.
دۈشەنبە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇنجى ئاتوم بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىشىغا 40 يىل تولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىزغا : "خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتوم سىناقلىرى بىلەن 40 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن تېررورلۇق يۈرگۈزۈپ كەلدى" دەپ بايانات بەردى :