نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايىنغۇلىن موڭغۇل ئوبلاستىدىكى بايىنبۇلاق يايلاقلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى ئېغىرلاشقانلىقتىن، بۇ يەردىكى ئوت-چۆپلەرگە تايىنىدىغان قوي-كالىلار بۇ يايلاقلاردىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلمەكتە.
تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھازىر بايىنبۇلاق يايلاقلىرى كۆتۈرەلەيدىغان چەكتىن ئېشىپ كەتكەن چارۋا ماللىرى بىر مىليون تۇياقتىن ئاشقان. شۇ سەۋەبتىن يەرلىك ئورۇنلار 3 يىلنىڭ ئىچىدە بايىنبۇلاق يايلىقىدىكى بارلىق چارۋا ماللىرىنى بۇ يەردىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى پىلانلىماقتا.
بايىنبۇلاق يايلىقى قوي، كالا ۋە ئاتلارنىڭ توپ-توپ ئوتلاپ يۈرۈشىدەك گۈزەل كۆرۈنۈشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما خەۋەردە مەلۇم قىلىنىشىچە، يېقىندىن بۇيان قۇرغاقچىلىق ۋە ئوتلاقلارنى مۇۋاپىق بولمىغان ئۇسۇلدا ئىشلىتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، يايلاق مەيدانى كىچىكلەپ كەتكەن.
بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇزۇلغان يايلاق مەيدانى 4 مىليون مودىن ئاشقان. بۇ، بايىنبۇلاق يايلىقىنىڭ 65% ىنى تەشكىل قىلىدىكەن. (پەرىدە)
