ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت بۇلغۇنىش خەتەرلىك باسقۇچقا قاراپ ماڭماقتا
2004.08.23
ئامېرىكىدا چىقىدىغان "يېڭى جۇمھۇرىيەت" ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا دۈشەنبە كۈنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت بۇلغۇنىشىنىڭ خەتەرلىك باسقۇچقا قاراپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.
مەزكۇر ژۇرنالنىڭ مۇخبىرى جوشىۋا كۇرلانتزى ماقالىسىدە،يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى ، قەشقەر قاتارلىق جايلىرىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىنى جانلىق تەسۋىرلەپ، مۇھىت بۇلغۇنىشىنىڭ نۆۋەتتە خەلقنىڭ سالامەتلىكى ۋە ھايات - ماماتلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇھىم مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوقۇل ھالدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قوغلىشىپ، بۇ مەسىلىگە سەل قاراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىگە ئوخشاش نوپۇسى كۆپ شەھەرلەردە ياشىغانلار كۈنىگە ئىككى قاپ تاماكا چەككەندەك ئىس - تۈتەك سۈمۈرىدىكەن . بۇنىڭدىن سىرت، نۇرغۇن شەھەرلەردە 80 % بالىلار يەنە قوغۇشۇندىن زەھەرلەنگەن بولىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئاپتور جوشىۋانىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە، شۇنداقلا خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا مۇھىت بۇلغۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى، ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ھەر خىل قۇرۇلۇشلار ئىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادى ئۈنۈمى گۇمانلىق بولغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھەممىسى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى تېزلەتكەن.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا تەكىتلىنىشىچە، خىتايدا ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلۈۋاتقان ئېغىر مۇھىت بۇلغۇنۇشى نۆۋەتتە مۇھىتنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولماقتا. بۇ تەشكىلاتلار ئۆز نۆۋىتىدە خىتايدىكى سىياسى ئۆزگۈرۈشلەرگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن. چۈنكى پولشا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شەرقى ياۋروپادىكى كوممۇنىستىك دۆلەتلەردىكى مۇھىتنى قوغدىغۇچى تەشكىلاتلار مەزكۇر دۆلەتلەردىكى ھاكىمىيەت ئۆزگۈرۈشلىرىدە زور ئىجابىي رول ئوينىغان.(ئارزۇ)