خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشى ئېغىرلاشماقتا
2005.04.05
خىتاي دۆلەت مۇھىتنى ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن بىڭنىڭ مەلۇم قىلىشىچە: خىتاي ھۆكۈمىتى 2006 - يىلى باشلىنىدىغان 5 يىللىق پىلانىدا، بۇلغانغان مۇھىت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، 157 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىش قارارىنى چىقارغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم مۇھىت ئۈچۈن سالماقچى بولغان مەبلىغى دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىنىڭ 1. 5٪ نى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئىلگىرىكى 5 يىللىق پىلانغا سېلىشتۇرغاندا، بىر ھەسسە كۆپەيگەن.
خىتاي دۆلەت مۇھىتنى ئاسراش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن بىڭ خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى مۇھىت ئۈچۈن سالماقچى بولىۋاتقان مەبلىغىنىڭ ئىلگىرىكىدىن كۆپ بولىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىلگىرى خىتاينىڭ مۇھىت ئۈچۈن ئاجراتقان مەبلىغىنىڭ 30٪ ئىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە " خىتاينىڭ مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى ئۈچۈن ئاجرىتىلىدىغان مەبلىغى ئاز دىگەندە دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىنىڭ 3٪ نى ئىگىلىگەندە، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ"دەپ بىلدۈرگەن.
خىتايدا مۇھىتنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالى كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا
ئامېرىكا ئاۋازىرادىئوسىنىڭ خەۋەرلەر تور بېتىدە بېرىلگەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا ئېيتىلىشىچە: خىتاي ھۆكۈمىتى بۇندىن كېيىنكى 5 يىل ئىچىدە مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، زىيانلىق ئەخلەتلەرنى تازىلاش، شەھەردىكى كېرەكسىز سۇ ۋە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە شۇنداقلا كۆمۈر كۈلى قاتارلىقلارنى يوق قىلىش دىگەندەكلەرنى ئاساس قىلىدىكەن.
29 - مارت كۈنى ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ تور بېتىدە " جۇڭگۇئودا مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ئېغىر بولماقتا" دىگەن تىمىدا مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، مەزكۇر مەلۇماتتا خىتاينىڭ سانائەتلىشىش ۋە شەھەر، بازارلىشىشنىڭ تېز بولىشى سەۋەبىدىن، مۇھىت ۋە ئىكولوگىيە جەھەتتە زور بەدەل تۆلىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر مەلۇماتتا يەنە: خىتايدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ تېز كۆپىيىشى ۋە كۆمۈرنىڭ كۆپ مىقتاردا كۆيدۈرىلىشى سەۋەبىدىن، بېيجىن قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرنىڭ ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىشى تېخىمۇ ئېغىرلاشقان، كۆپ مىقتاردىكى كىسلاتالىق يامغۇر يەرگە سىڭىپ، يەر ۋە يەر ئاستى سۈيىنى بۇلغىغان، بولۇپمۇ خىتاينىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي رايونلىرىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققى قىلغان جايلاردا، شەھەرلەرنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشى كۆرىنەرلىك ئېغىرلاشقان.
ئادەمنى ئېچىندۇرىدىغىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا مەزكۇر رايوندا ئېلىپ بارغان ئاتوم سىنىقىنى ناھايىتى يوشۇرۇن ھالەتتە ئېلىپ بارغاچقا، تاشقى دۇنيا بۇنىڭدىن تولۇق خەۋەردار بولالمىغان، ھەتتا تۈرلۈك غەيرى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالغان يەرلىك خەلقمۇ نىمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق غەيرى يامان كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قىلىشىنى تونۇپ يېتەلمىگەن.
تەڭرىتاغ تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردە يەنە مۇنداق سانلىق مەمۇماتلار ئاشكارىلانغان: ئۆتكەن يىلى خىتايدا 21 مىليون توننا گۇڭگۇرت ئوكسىدى قويۇپ بېرىلگەن، بۇ 2002 - يىلىدىكىدىن 12٪ ئېشىپ كەتكەن. ھازىر خىتايدا كىسلاتالىق يامغۇرنىڭ بۇلغىشىغا ئۇچرىغان شەھەرلەر 260 قا يېقىن بولۇپ، ھەر يىلى ھاۋا بۇلغىنىشتىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان 10 مىليارد ياۋروغا يەتكەن. مەزكۇر مەمۇماتتا يەنە خىتايدىكى ھەرقايسى رايونلارنىڭ كۆمۈرگە بولغان ئىھتىياجىنىڭ كۈنسېرى يۇقىرى بولىۋاتقانلىقى، ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىسى زاۋۇتلىرىنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلىۋاتقانلىقى، خىمىيىۋىي ئوغۇتنىڭ ھەدىدىن ئارتۇق ئىشلىتىلىدىغانلىقى ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقانلىقى قاتارلىقلار ئاشكارىلانغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەھەرلەرمۇ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانماقتا.
بىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىتنى ئاسراش ئىدارىسىغا تېلېفون قىلىپ، ھەقىقى ئەھۋالنى ئىگىلىمەكچى بولدۇق. تېلېفوننى ئالغان مەزكۇر ئىدارە خادىمى "بىزنىڭ ئىدارىمىز مەزكۇر رايوننىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە. بىز بۇ ھەقتە نۇرغۇن خىزمەت كۆرسەتتۇق. مەسىلەن بۇندىن ئىلگىرى ئۆرۈمچىنىڭ مۇھىتى ھازىرقىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ناچار ئىدى. ھازىر بولسا ئاسمان كۆكۈرۈپ، كىشىلەر قىش كۈنلىرىمۇ كۈن نۇرىنى كۆرەلەيدىغان بولدى" دەپ ماختاندى.
لېكىن، رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسىگە كېلىۋاتقان تېلېفونلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى شۇنداقلا زاۋۇتلارنىڭ ئارقا -ئارقىدىن كۆپلەپ سېلىنىشى مەزكۇر شەھىرىنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسىنى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ بەك ئېغىرلاششتۇرغان. بۇلۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ھاۋانىڭ زور دەرىجىدە بولغىنىشى تۈپەيلىدىن، كىشىلەرنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسپىتىمۇ ئىلگىرىكىدىن ئۆرلەپ كەتكەن.
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى چىن كۈيدﯤ ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىت مەسىلىسى ھەققىدە توختۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىل ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بارغان لۇپنورنى مىسالغا ئېلىپ مۇنداق دىدى:
" شىنجاڭدىكى مۇھىت مەسىلىسىگە كەلسەك، مەنچە ئەڭ ئېغىر مەسىلە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لوپنوردا ئۇزۇن مۇددەت ئېلىپ بارغان ئاتوم سىنىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتوم سىنىقىنى مەزكۇر رايوننىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئېلىپ بارغاچقا، ئۇنىڭ مۇھىتقا ئېلىپ كەلگەن زىيىنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر دەرىجىدە بولۇپ، يەرلىك خەلق تۈرلۈك يامان كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان. ئادەمنى ئېچىندۇرىدىغىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا مەزكۇر رايوندا ئېلىپ بارغان ئاتوم سىنىقىنى ناھايىتى يوشۇرۇن ھالەتتە ئېلىپ بارغاچقا، تاشقى دۇنيا بۇنىڭدىن تولۇق خەۋەردار بولالمىغان، ھەتتا تۈرلۈك غەيرى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالغان يەرلىك خەلقمۇ نىمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق غەيرى يامان كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قىلىشىنى تونۇپ يېتەلمىگەن. پەقەت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇنيا بۇ ھەقتە ئاز- تولا مەلۇماتلارغا ئېگە بولماقتا. شۇڭا مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لوپنوردا ئېلىپ بارغان ئاتوم سىنىقىنىڭ تەسىرى مەزكۇر رايوننىڭ مۇھىتىغا ئۇزۇن مۇددەت زور تەسىر يەتكۈزىدۇ دەپ قارايمەن"
خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى دۇنيا مۇھىتىغا زور تەسىر يەتكۈزمەكتە
ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم مۇھىت مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرى، " خىتاي ھۆكۈمىتى مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، پەقەت پۇلغىلا تايانماي، بەلكى ئۆزىنىڭ مۇھىت مەسىلىسى ھەققىدە تۈزگەن چارە - تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئويلىشى كېرەك " دەپ كۆرسەتمەكتە.
ۋاشىنگتوندىكى يەرشارىلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنى "پەقەت ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشىغىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، مۇھىتنى ئاسراش مەسىلىسىگە سەل قاراپ كەلمەكتە" دەپ ئەيىبلەپ، " خىتايدا مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى ئىنتايىن ئېغىر، ھازىر دۇنيا بويىچە ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان شەھەرلەردىن 10 نى بار، بۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپى خىتايدا بولۇپ، ئۇلار دۇنيا مۇھىتىغا زور تەسىر يەتكۈزمەكتە" دەپ كۆرسەتتى. (مېھرىبان)