دىئابېت بىمارلىرى ئۇزۇندىن بېرى ئىنسۇلىن ئوكۇلىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىگە شىپا تېپىپ كەلمەكتە ئىدى. مەلۇم بولغىنىدەك ئىنسۇلىن ئوكۇلىنى ھەر كۈنى دېگۈدەك بەدەنگە ئۇرۇش ۋە بەزى بىمارلارنىڭ كۈنىگە ئۈچ ۋاق ئىنسۇلىن ئىشلىتىشى، قولايسىزلىق ياراتقاندىن سىرت، دىئابېت بىمارلىرىغا روھى جەھەتتىن ئېغىر بېسىم شەكىللەندۈرگەن، ئامېرىكا دورا تەتقىقاتچىلىرى بىمارلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى قېيىنچىلىقلىرىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.
ئامېرىكا ئا ب س تېلېۋىزىيە قانىلى بۇ ھەقتە مەخسۇس پروگرامما تەييارلاپ، دىئابېت كېسىلىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئىنسۇلىننىڭ ئورنىغا، ئېغىزغا پۈركىلىدىغان Ekxubera دەپ ئاتالغان يېڭىچە ئىنسۇلىننىڭ كەشىپ قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر دورا، ئامېرىكا فدا يەنى ئامېرىكا دورا ۋە يېمەك - ئىچمەك باشقۇرۇش ئالىي ئورگىنىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ، دوختۇرخانىلاردا سىناق باسقۇچىدا سېتىلىشقا باشلىغان ھەمدە FDA نىڭ تەستىقىنى ئېلىشتىن بۇرۇن 2500 دىن ئارتۇق دىئابېت كېسىلى بارلار ئۈستىدە سىناق قىلىنىپ، بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشكەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئەقىدە بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ۋە دوكتور مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.