ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆپ تارقىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى

ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى سۈرئىتى خىتايلارغا نىسبەتەن ئۇيغۇرلاردا كۆپ ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012.06.11
Uyghurlarda-eydiz-kisili-305.jpg ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ مۆلچەردىكى سانلىق مەلۇماتى.
RFA/Arslan

گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە خىتايدا 4-ئورۇندا تۇرسىمۇ، بىراق بۇ ساننى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇسى بىلەن نىسبەتلەشتۈرگەندە، پۈتۈن خىتاي بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى پۈتۈن جۇڭگو نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 1.8% ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئومۇمى سانى پۈتۈن جۇڭگودىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئومۇمى سانىنىڭ تەخمىنەن 9~10% تەشكىل قىلىدىكەن. بۇ دېگەنلىك ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى پۈتۈن جۇڭگونىڭ ئوتتۇرىچە ئەھۋالىدىن 5 ھەسسە ئارتۇق ئىكەن.ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش سانلىق مەلۇماتى.

ئىستانبۇلدا مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر دوختۇر ئەسقەرجاننىڭ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆپ يامراپ كېتىشنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىغا دىققەت بېرەيلى.

ئەسقەرجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە 2007-يىللىق سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، زەھەرلىك چېكىملىك (خېروئىن) چەككۈچى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 180 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن، زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 25 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 100 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇتۇلغانلارنىڭ سانى 7 مىڭ بىلەن 10 مىڭ ئارىسىدا  ئىكەن.

دوختۇر ئەسقەرجان ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى بويىچە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆپ تارقىلىشنىڭ سەۋەبلىرىنى بىر قانچە تۈرگە ئايرىغان بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  1. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق-پەزىلەت ئۆلچىمىنىڭ بۇزۇلۇشى.
  2. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقادىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى ۋە سۇسلىشىشى.
  3. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىشسىزلىق ۋە باي-كەمبەغەللىك پەرقنىڭ كۆپىيىشى.
  4. ۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بۇزۇلۇشى، يەنى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش، پاھىشىلىك قىلىش قاتارلىق ھەر خىل جىنايى قىلمىشلارنىڭ كۆپىيىشى.
  5. انۇننىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى يۇقىرىقى جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئۈنۈملۈك چەكلەنمەسلىكى ۋە ياكى ئالاھىدە غەمخورلۇققا ئېرىشىشى.
  6. ەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنماسلىقى.
  7. ۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، ئۇلارنىڭ ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا ھېچ قانداق چۈشەنچىگە ئىگە بولماسلىقى.

 

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەيدىز كېسىلى 1981-يىلى تۇنجى قېتىم  بايقالغاندىن 2007-يىلىغا قەدەر بولغان 26-يىل ئىچىدە پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 65 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 25 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.

1985-يىلى خىتايدا تۇنجى قېتىملىق ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن تاكى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرغىچە، پۈتۈن خىتايدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 370393 غا يەتكەن، جەمئىي  68315 كىشى ئەيدىز كېسىلى تۈپەيلىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۈتۈن خىتايدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ مۆلچەردىكى سانىنى، ھۆكۈمەت 2003-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ 840 مىڭ دەپ ئېلان قىلىپ كەلگەن بولسا، 2005-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ 650 مىڭ دەپ ئېلان قىلغان، 2010-يىلىغا كەلگەندە 740 مىڭ دەپ ئېلان قىلغان، بىراق 2011-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا خىتايدا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 4 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەن.

1995-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى قېتىملىق ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى  بايقالغاندىن 2010-يىلىغا قەدەر بولغان قىسقىغىنا 15 يىل ئىچىدە، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ئادەمنى چۆچۈتكۈدەك سۈرئەت بىلەن كۆپىيىپ، 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە پۈتۈن ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 32 مىڭ 532 گە يەتكەن. بىراق ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمىگەن ياكى ھۆكۈمەت تىزىملىككە كىرمىگەنلەرنىڭ سانى 70000 دىن 100000 ئارىلىقىدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.