بالىلاردا كۆرۈلىدىغان يۈرەك كېسەللىكى ھەققىدە
2004.09.29
يېقىندا دۈنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە دۇنيا يۈرەك كېسەللىكلەر بىرلەشمىسى بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان يۈرەك كېسەللىكى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، نورمالسىز سېمىز ھالەتتىكى بالىلارنىڭ چوڭلارغا ئوخشاش يۈرەك كېسىلى ۋە مېڭە قان تومۇرى يېرىلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش ئېھتىمالىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەمدە "نورمالسىز سېمىز ھالەتتىكى بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە يەنى يېشى 65 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇنلا يۈرەك كېسىلى ياكى مېڭە قان تومۇرى يېرىلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى نورمال ھالەتتىكىلەرنىڭكىدىن بەش ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ” دەپ ئاگاھلاندۇردى.
تۆۋەندە مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىغا دىققەت قىلىڭ.
©
2004 Radio Free Asia