لوپنۇر كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئون چوڭ سىرنىڭ بىرى ئاتىلىپ كەلمەكتە. چۈنكى ئۇنىڭ قانداق بولۇپ تۇيۇقسىز غايىپ بولغانلىقى مەتبۇئاتلاردا ھازىرغىچە بىر سىر سۈپىتىدە بايان قىلىنىدۇ.
تەكلىماكاندىكى مۆجىزە
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇغراپىيىلىك خاتىرىلىرىگە قارىغاندا، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان لوپنۇر كۆلى، بىپايان تەكلىماكان قۇملىقىدا مۆجىزە سۈپەت، يانتاقلار بىلەن مۇداپىئەلىنىپ تۇرىدىغان، خۇددى ھايات قۇتقازغۇچىدەك رول ئويناپ كەلگەن. ئۇ يەنە نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى تەكلىماكاندىن ئۆتكەن يىپەك يولى كارۋانلىرىنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدىغان ئارامگاھى بولغان. نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى خاتىرىلەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كۆلدىن مەنپەئەتلىنىپ ياشاپ كەلگەن ئىزنالىرى بار. ھەتتا يېقىنقى دەۋىرلەردىمۇ كۆل قۇرۇپ كېتىشتىن ئاۋال، بۇ كۆلدە سالچىلار ئادەم بويى بېلىقلارنى تۇتالايدىكەنتۇق. بۇ كۆل تارىم دەرياسى ھەمدە كۆنچى دەريالىرىنى ئۆزىنىڭ مەنبەسى قىلغان.
1958 - يىلىدا ئۆلچەنگەندە، لوپنۇر كۆلىنىڭ ئومۇمى سۇ زاپىسىنىڭ 860 مىليون كۆپ مېتىر، سۇ يۈزىنىڭ 5700 كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. تارىختا كۆلنىڭ ئەڭ كېڭەيگەن ۋاقتىدا سۇ يۈزى 12000 كۇۋادىرات كىلومېتىرغىمۇ يەتكەن چاغلىرى بولغان. لوپنۇر، كۆلىمىنىڭ كەڭلىكى بىلەنمۇ ئىچكى دېڭىز دەپ نام ئالغان. ئەجەپلىنەرلىكى، بۇ ھەيۋەتلىك كۆل 1961 - يىلىغا كەلگەندە ئۈچ يىل ئىچىدىلا غايىپ بولغان.
ئامېركىنىڭ 1972 - يىلى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئالغان سۈرىتىدىن لوپنۇر كۆلىنىڭ پۈتۈنلەي قۇرۇپ كەتكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغان.
لوپنۇر كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىدە بىڭتۇەننىڭ رولى
لوپنۇر كۆلى قۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپىنچىسى، كۆلنىڭ قۇرۇشىغا بۇ جايدا ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك بوز يەر ئېچىش ئىشلىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىر قەدەر ئىلمىي تەتقىقات سۈپىتىدە ياقلاپ كەلگەن ئىدى. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كۆلنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنى تۇيۇقسىز بولدى دېگەندەك خەۋەرلەر بىلەن سىرلىقلاشتۇرۇپ كەلدى. نۆۋەتتە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا تىلغا ئېلىنمىغىلى خېلى يىللار بولغان لوپنۇر كۆلى ھەققىدىكى يېڭى بايانلار كۆرۈلمەكتە.
ئۆتكەن ھەپتە شىنخۇئا تور بېتىدە بۇنىڭغا دائىر بېرىلگەن بىر ئاخباراتتا، " لوپنۇر كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى تەبىئىي ھادىسە، ئۇنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگە پۈتۈنلەي بوز يەر ئېچىش سەۋەب بولغان ئەمەس، بۇ كۆل ئەسلىدىنلا تەبىئىي قۇرۇشقا باشلىغان، بوز يەر ئېچىش پەقەت ئۇنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇ چاغدا لوپنۇر ئەتراپىدا ئېچىلغان بوز يەر ئۇنچە كۆپ ئەمەس ئىدى" دېگەن ناھايىتى مۈجىمەل بىر مەلۇمات بېرىلدى.
ئەمەلىيەتتە، نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ھىچ ئۆزگەرمەي تۇرغان شۇنچە چوڭ بىر كۆلنىڭ ئۈچ يىل ئىچىدە قۇرۇپ كېتىشى ھەممە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئۇنى تەبىئىي قۇرۇپ كەتتى دېيىش كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ.
كۆل قۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن كۆل ئەتراپىدا ماكانلاشقان ئۇيغۇرلار ئاساتا - ئاستا باشقا ياقلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. ھازىر قۇرىغان لوپنۇرغا ئەڭ يېقىن يېزىلار، مىران ھەمدە لوپنۇر يېزىلىرى، شۇنداقلا نوپۇسى جىقراق ناھىيىدىن چاقىلىق ناھىيىسى قالدى، ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇئەنىنىڭ 32، 31، 33، 34، -35 پولىكلىرى تارىم دەرياسىنى بويلاپ، تەكلىماكاننى قورشاپ تۇرىدۇ.
لوپنۇر غايىپ بولغان ئەمەس، يوقۇتۇلغان
گەرچە كىشىلەر كۆلنىڭ غايىپ بولىشىنى بىر سىر سۈپىتىدە بايان قىلىشسىمۇ ئەمما لوپنۇر ئەتراپىدا ياشاپ كەلگەن خەلق بۇنى 1950 - يىللاردىن باشلاپ كېڭەيگەن بىڭتۇئەننىڭ ئېلىپ كەلگەن بالايى - ئاپىتى دەپ بىلىدۇ.
لوپنۇر كۆلى قۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتا بوۋا، مومىلىرى بىلەن چاقىلىققا كۆچۈپ كېلىشكە مەجبۇر بولۇپ شۇندىن بۇيان چاقىلىقتا ياشاپ كېلىۋاتقان 40ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر ئايال، لوپنۇر ھەققىدە مومىسىدىن ئاڭلىغان رىۋايەتلەرنى سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ 1963-يىلى تۇغۇلغانلىقىنى، شۇ ۋاقىتلاردا لوپنۇر كۆلىدە بېلىق بار ئىدى دەپ ئاڭلايدىغانلىقىنى، بېلىقلارنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.
بۇ ئايالنىڭ بىلدۈرىشىچە، لوپنۇرلۇقلار كۆلنىڭ قۇرۇپ كېتىشنى بىڭتۇەننىڭ كېلىشى بىلەن بوز يەر ئاچىمىز دەپ، كۆلنىڭ سۈيىنى قالايمىقان باشلىغانلىقى، ھەمدە كۆل ئەتيراپىدىكى تەبىئىي توساق بولغان توغراق، يۇلغۇنلۇقلارنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكى ھەمدە بۇ يەردە ئاتوم بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرى، قۇم كۆچۈش ھادىسىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بۇ بىر تەبىئىي كۆلننىڭ غايىپ بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەيدىكەن.
بىز بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەتلەشكەن ئۇيغۇر ئايال يەرلىك خەلقنىڭ بۇ قىياسلىرىنىڭ توغرىلىقىنى، بۇنىڭغا لوپنۇر ئەتراپىدا پەيدا بولغان بىڭتۇئەن قىسىملىرىنىڭ ئاچقان بوز يەرلىرىنىڭ ئۇلار قۇرغان سۇ ئامبار ھەمدە دەريا، ئۆستەڭلىرىنىڭ ئىسپات ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
لوپنۇر كۆلىنىڭ قۇرۇپ كەتكەندىن كېيىنكى تەسىرلىرى
چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرىمۇ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلىرىدا، لوپنۇر كۆلىنى تەمىنلەپ كېلىۋاتقان تارىم ھەمدە كۆنچى دەريالىرىنىڭ بىڭتۇئەن دائىرىلىرىگە تارماق ئېئىقنلار بىلەن ئېقىتىلىپ، سۈيى ئازلىغاندىن كېيىن كۆلنىڭ سۇ مەنبەسى ئازىيىپ قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مىران كەنتىدە ياشاپ كېلىۋاتقان بىر ياش دېھقان بىلەن پاراڭلاشتۇق، ئۇ كىشى گەرچە لوپنۇر كۆلىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما مەھەللە چوڭلىرىدىن ئاڭلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا بۇ كۆل بەكمۇ ھەيۋەتلىك بولۇپ، دېڭىزغا ئوخشاش قىرىنى كۆرگىلى بولمايدىكەنتۇق. شۇنداقلا ئۇ ئەتراپنىڭ مۇھىتىنى نەملەشتۇرۇپ، ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك رولىنىمۇ ئويناپ كەلگەن. كۆل قۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن بۇ جاينىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولغان. شۇندىن ئېتىبارەن تەكلىماكان ئەتراپىدا قۇم- بورانلىق ھاۋا تەكرارلىنىغان بولۇپ قالغان :
گەرچە بەزى مۇتەخەسسىسلەر تارىم دەرياسى ھەمدە كۆنچى دەريالىرىنىڭ ئاخىرقى ئېقىنلىرىنىڭ تەكلىماكانغا سىڭىپ كېتىدىغانلىقىغا قاراپ، گەرچە لوپنۇر كۆلى قۇرۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ چوقۇم زور مىقداردىكى يەر ئاستى سۈيى بولىشى مۈمكىن دەپ قىياس قىلماقتا. ئەمما لوپنۇر كۆلىنىڭ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىشىگە يەنىلا ئۈمىدسىز قارىماقتا. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشقا دەريا ھەم كۆللەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئېكولوگىيىلىك ھالىتىگە قاراپ، لوپنۇر كۆلىگە ئوخشاش تۇيۇقسىز غايىپ بولۇش تەبىئەت پاجىئەلىرىنىڭ قايتىلىنىشىدىن ئەندىشە تۇيماقتا. (گۈلچېھرە)