خىتاي ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇھىت كرىزىس مەسىلىسى


2004.12.09

يېقىندا ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ مۇخبىرى لۇيىسا لىم خانىم "خىتايدىكى مۇھىت مەسىلىسى كرىزىس ھالەتكە يەتتى" دىگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى ئىكولوگىيىلىك مۇھىت بۇلغىنىش ئەھۋالىنىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتايدىكى مۇھىت مەسىلىسى كرىزىس ھالەتكە يەتتى

لۇئىسا لىم خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىر خىتايدىكى 250 تىن ئارتۇق شەھەرلەردە كىسلاتالىق يامغۇر تۈپەيلىدىن، نۇرغۇنلىغان دەريا- ئېقىنلار بۇلغانغان ھەمدە ئاز دېگەندە 300 مىليون دېھقان ئىلاجى يوق ھايات ئۈچۈن دەل مۇشۇ بۇلغانغان سۇنى ئىچىشكە مەجبۇر بولغان.

دۇنيا بانكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا ئېيتىلىشىچە، ھەريىلى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىدىن كېلىپ چىققان چىقىمنىڭ ئۆزى ئومۇمى خەلق ئىشلەپچىقىرىش مەخسۇلاتىنىڭ٪ 12 نى ئىگىلىگەن. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خەلقئارا داڭلىق مۇھىت مۇتەخەسسىسى ما لياۋ خىتاي ھۆكۈمىتىنى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، مۇھىت كرىزىس مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىمۇ مۇھىت كرىزىسىنى ھىس قىلىشقا باشلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىمۇ مەملىكەت ئىچىدىكى مۇھىت مەسىلىسىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىشقا باشلىغان. يېقىندا خىتاينىڭ مۇھىتنى ئاسراش ئورگىنىدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان مۇھىت مەسىلىسى رەسمىي كرىزىس ھالەتكە يەتكەن، ھەمدە ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشىغىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدىغان خەتەرلىك باسقۇچقا كىرگەن. ئۇ يەنە: "ھۆكۈمەت مۇھىت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، يېڭى قانۇنىي تۈزۈملەرنى بېكىتىشى كېرەك، بولمايدىكەن، بۇ خىل ھالەتتە خىتاي سانائىتىنى داۋاملىق ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن دۇنيا مۇھىتى زور تەسىرگە ئۇچرىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئاسىيا گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى جەمس ئەپەندى يېقىندا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى مۇھىت مەسىلىسى ھەققىدە قىلغان سۆزىدە، "خىتايدىكى تەرەققىيات دۇنيا مۇھىتىغا زور تەسىر كۆرسەتمەكتە " دەپ ئاگاھلاندۇرغان. بۇندىن ئىلگىرى خەلقئارا مۇھىت مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ كۆمۈر ئىستىمال قىلىشتا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە خىتايدا ئاپتوموبىل سانىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشى بىلەن، ئۇنىڭ دۇنيادا كاربون تۆت ئوكسىدنى ئەڭ كۆپ پەيدا قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

خىتاينىڭ غەربىي رايونىدىكى مۇھىت ھالىتى تېخىمۇ ناچار ھالەتتە بولماقتا

ئامېرىكىدىكى مۇھىت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىر خىتاينىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا بولۇپمۇ غەربىي رايونلىرىدا، ئىكولوگىيىلىك مۇھىت كۈنسېرى ناچارلىشىشقا قاراپ ماڭغان. ھۆكۈمەت مۇھىتنى ئاسراش ھەققىدە نۇرغۇن بەلگىلىمە ۋە سىياسەتلەرنى بېكىتكەن بولسىمۇ، بۇ جايلاردىكى مۇھىتنى ئاسراش فوندىنىڭ ئىنتايىن كەم بولغانلىقىدىن، بۇ تۈردىكى سىياسەتلەر مەزكۇر جايلاردا ھېچقاچان ئىجرا قىلىنمىغان.

خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇھىتقا بولغان تەسىرى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان "غەربنى ئېچىش" ھەركىتىنىڭ داۋاملىشىشى بىلەن، مەزكۇر رايوندىكى مۇھىت مەسىلىسىمۇ كۈنسېرى ئېغىرلاشقان.

مەسىلەن، خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدە، ئەسلىدىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتى يۇقىرى بولغان تارىم دەرياسى ئېقىنلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئىكولوگىيىلىك مۇھىتقا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان بىر ئورۇنغا ئايلىنىپ قالغانلىقى مەلۇم قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىدا يەنە تارىم دەرياسىنىڭ يېرىم ئەسىردىن بۇيان ئىكىئولوگىيىلىك جەھەتتە ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانلىقى، 50 يىلدىن بېرى تارىم دەريا ئېقىنىنىڭ سۇغۇرۇلۇش كۆلىمى ۋە ئادەم نوپۇسى ئايرىم ھالدا ئۈچ ھەسسە ۋە ئىككى ھەسسىلەپ ئۆرلىگەنلىكتىن، قۇرغاق ئېقىنلارغا ئېقىتىلغان سۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمى ئازىيىپ، دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ 320 كىلو مېتىر قىسقىراپ كېتىشى ھەمدە دەريا سۈيى شورلىشىپ، توغراقلىق كەڭ كۆلەمدە قۇرۇپ كېتىشتەك ئىكىئولوگىيىلىك كرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئىتىراپ قىلىنغان.

قۇملىشىش نىسبىتى ئاشماقتا

مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارغا قارىغاندا، تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى يەنى تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا ئېقىنلىرىدىكى سۇنى، يىگىرمە - ئوتتۇز يىلدىن بۇيان بوز يەر ئاچقۇچىلار خالىغانچە تېرىلغۇ يەرلەرگە باشلاپ كەتكەنلىكتىن، تۆۋەن ئېقىنىنىڭ قورۇپ كېتىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇنداقلا تۆۋەن ئېقىننىڭ تەبىئىي يەر يېپىنچىسى ۋە سۈنئىي يەر يېپىنچىسىنىڭ٪ 75 ئى ئازىيىپ كەتكەن بولۇپ، قۇملۇققا ئايلىنىش كۆلىمى ٪ 90 تىن ئاشقان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىكىئولوگىيىلىك مۇھىت ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرىشىدە، "ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئاساسى ئىكولوگىيىلىك مەسىلە قۇملۇقنىڭ كېڭىيىپ كېتىۋاتقانلىقى دەريا ئېقىنلىرىنىڭ قۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقى، ۋە ئوتلاقلارنىڭ ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقى" دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.