يېقىندا كانادادىكى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى بىرلىكتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان بولۇپ، ئەرزدە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ 530 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تۆلىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.
كانادادىكى "بۇمېي" مۇنازىرە تور بېتىنىڭ مەسئۇلى رېن بۇمېي ۋە بۇندىن ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئاشلىق بۆلۈم ئەمەلدارى بولۇپ ئىشلىگەن يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسى لۇۋ جىگاۋ قاتارلىق 5 نەپەر مۇتەخەسسىس بىرلىكتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ۋە شۇنداقلا خىتاي خەلق ئالى سوت مەھكىمىسىگە خىتاي كومپارتىيىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە سابىق كومپارتىيە سېكرىتارى جياڭ زېمىن، سابىق باش مىنىستىر جۇ روڭجى ۋە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى سابىق باشلىقى لى پېڭ قاتارلىقلار ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇپ، مەزكۇر ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆتەش جەريانىدا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئىكولوگىيىلىك مۇھىتقا خالىغانچە زىيان يەتكۈزگەنلىكى، شۇنداقلا خەلقئارا ئىكولوگىيىلىك مۇھىتقىمۇ ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكى ھەققىدە شىكايەت قىلدى.
ئۇلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇلغان بۇ ئەرزىدە، جياڭ زېمىڭ، جۇ رۇڭجى ۋە لى پىڭ قاتارلىقلارنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىكىئولوگىيىلىك مۇھىتقا ئېلىپ كەلگەن زىيىنى ئۈچۈن جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىنى ۋە مۇھىتقا ئېلىپ كەلگەن زىيىنى ئۈچۈن 530 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تۆلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
مەزكۇر ئەرزدە ئېيتىلىشىچە، 1990 - يىلىدىن بۇيان، يەنى جياڭ زېمىن، لى پىڭ، جۇ رۇڭجى قاتارلىقلار ھوقۇققا ئىگە بولغاندىن باشلاپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇھىت زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، پەقەت خىتاي خەلقغىلا ئەمەس، بەلكى ئەتراپتىكى چېگرىداش دۆلەتلەرگىمۇ چوڭ زىيان ئېلىپ كەلگەن.
ئەرزدىن بۇرۇنقى تەييارلىق
رېن بۇمېي، لۇۋ جىگاۋ قاتارلىقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار مەزكۇر ئەرزىنى سۇنۇشتىن ئىلگىرى، ئۇزۇن ۋاقىت تەييارلىق قىلغان. يەنى مەملىكەت ئىچىدىن نۇرغۇن مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى توپلىغاندىن كېيىن، ئاندىن ئەرز سۇنۇش قارارىغا كەلگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
"بىز مەملىكەتتىكى چېغىمىزدا، نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللارنى يىغقان. بولۇپمۇ 1989 - يىلىدىن بۇيانقى 15 يىل جەريانىدا، بىز جياڭ زېمىننىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا بەرگەن باھاسىغا ئاساسەن، ئىقتىساتنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن، باي ۋە كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ كۈنسېرى كېڭىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇ خىل تەرەققىيات ئۈچۈن مۇھىتنىڭ زور دەرىجىدە بەدەل تۆلىگەنلىكىنى بايقىدۇق. دېمەك، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى مۇھىتنى خالىغانچە بۇزۇش ئارقىلىق قولغا كەلگەن".
رېن بۇمىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ئەرزنى يېزىشتا ئىشلەتكەن ماتىرىياللارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا ھەمدە خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىمۇ ئىقرار بولىۋاتقان ئەمەلىي پاكىتلارغا ئاساسلانغان.
بىزنىڭ مەقسىتىمىز، تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنى خەۋەردار قىلىش
داۋاگەرلەر ئەرزىدە 12 تۈرلۈك قانۇن نىزامنامىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. رېن بۇمىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، جاۋابكار بىر ۋاقىت ئىچىدە خەلقئارا قانۇنى ۋە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان. مەزكۇر ئەرز قوبۇل قىلىنىپ دىلو تۇرغۇزۇلۇشتىن بۇرۇن، خىتاي ھۆكۈمىتى بەلكىم ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماسلىقى مۇمكىن، لېكىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بۇ دىلونى تىكلىگەن زامان، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئىنكاس قايتۇرماي ئامالى يوق. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
"بىزنىڭ مەقسىتىمىز تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنى بۇخىل ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلىشتۇر. شۇنداقلا خەلقئارانىڭ بۇ جەھەتتە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، مۇھىتنىڭ تېخىمۇ چوڭ زىيانغا ئۇچىرىشىدىن ساقلىنىشتۇر. بىز خەلقئارانىڭ، شۇنداقلا خىتاي خەلقىنىڭ بىزنىڭ ئەرز قىلغانلىقىمىزنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنداقلا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كەچمىش تەجىربىلىرىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ چوقۇم بىزنى قوللايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز".
رېن بۇ مىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ھازىر ئىنتېرنەت تور بەتلىرىدە تېخىمۇ كۆپلىگەن داۋاگەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىمزاسىنى توپلىماقتا. ئىمزا قويۇش ھەرىكىتى 4 - ئاينىڭ بېشىغىچە داۋاملىشىدىكەن. (مېھرىبان)