خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىتى كۈنسېرى ناچارلاشماقتا
2005.06.07
ھەر يىلى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى "دۇنيا مۇھىت كۈنى" بولۇپ، كۆپلىگەن مۇھىت مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي ئىقتىسادنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئېغىر بولىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ 6 - ئىيۇن كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئاپتونۇم رايون بويىچە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى ئىلگىرىكى يىللارقىدىن كۆپ ئېغىر بولغان.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىزىلسۇ ئورمانچىلىق ئىدارىسىدا ئىشلىگەن، يېقىندا ئامېرىكىغا كەلگەن بىر خانىم، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت بۇلغىنىش ھەققىدە توختالدى.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.
©
2005 Radio Free Asia