خىتاي ھەم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2004 - يىللىق مۇھىت دوكلاتى ئېلان قىلىندى
2005.06.08
5-ئىيۇن خەلقئارا مۇھىت كۈنىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ، يېقىندا خىتاي مۇھىت ئاسراش باش ئىدارىسى خىتايدا 2004 -يىلىدا يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتلەر ھەمدە مۇھىت مەسىلىلىرى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى، ئارقىدىنلا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2004 - يىللىق مۇھىت دوكلاتىنى ئېلان قىلدى . بۇ دوكلاتلاردىن، ئۆتكەن بىر يىلنىڭ باشقا يىللارغا قارىغاندا تەبىئىي ئاپەتلەر پەۋقۇلئاددە كۆپ يۈز بەرگەن ئاپەتلىك بىر يىل بولغانلىقى مەلۇم.
خىتايدا مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىلىرى يىلدىن - يىلغا ئېغىرلاشماقتا
خىتاي دۆلەتلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا ھاۋانىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا ئالدىنقى يىللاردىن تۆۋەن بولغان بولسىمۇ ، ئەمما ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنىڭ بۇلغىنىشى يەنىلا يۇقىرى بولغان.
بۇ بىر يىلدا، كىسلاتالىق يامغۇر كۆپ ياققان، يەر ئاستى سۈيىنىڭ بۇلغىنىشى بۇلتۇرقىدىن خېلى يۇقىرى دەرىجە ئاشقان. دېڭىز سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىمۇ ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولغان.
يايلاقلارنىڭ 95٪ ئىدە چېكىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. يەنى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى يايلاقلار يىلىغا ئىككى مىليون گېكتاردىن چېكىنمەكتە ئىكەن. 2004 - يىلى، يەنىلا پىلانسىز ئېچىش، قالايمىقان كولاشقا ئوخشاش سۈنئىي بۇزغۇنچىلىقلار، يايلاقلارنىڭ چېكىنىشىنى يەنىمۇ تېزلەتكەن.
2004 - يىلىدا يەنە كېلىماتتىكى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشلەر، قاتتىق يامغۇر، مۆلدۈر، تومۇز ئىسسىق، قاتتىق سوغوققا ئوخشاش بىنورمال ھاۋا ئۆزگىرىشلىرى تۈپەيلى كېلىپ چىققان تەبىئىي ئاپەتلەردە تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ، ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىشى 70٪ كە يەتكەن.
2004 - يىلى بىر يىل ئىچىدە خىتاي مىقياسىدا 5 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش ھادىسىسى 32 قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 7 بال ئەتراپىدا 5 قېتىم، 6 بال ئەتراپىدا 29 قېتىم قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن.
بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە كۆرۈلگەن گېئولوگىيىلىك تەبىئىي ئاپەتلەر 13 مىڭ 555 قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، ئاپەتلەر 734 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى، 124 ئادەمنىڭ يوقاپ كېتىشىنى ھەمدە 549 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جەمئىي 4 مىليارد 900 مىليون يۇئەن ئەتراپىدا ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كەلگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدە تەبىئىي ئاپەتلەر بارغانچە كۆپ كۆرۈلمەكتە
ئەمدى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇلتۇر بىر يىلقى تەبىئىي ئاپەتلەر ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتىغا نەزەر سالساق ، بۇلتۇر بىر يىلدا بىر قەدەر كەڭ دائىرىدە ئاپەت ئېلىپ كەلگەن تەبىئىي ئاپەتلەر 98 قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 48 قېتىم ئارتۇق يۈز بەرگەن. بۇ 2004 - يىلىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئۈچۈن ئاپەتلىك بىر يىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.
يەنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن يىلى كۆرۈلگەن پەۋقۇلئاددە تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ، قار ئېرىش ھەمدە يامغۇر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان، كەلكۈن ھەمدە تاغ سېرىلىش ئاپەتلىرى بولۇپ 85٪ نى ئىگىلەيدۇ.
بۇلتۇر كەلكۈن ئاپەتلىرى ئاساسەن، ئىلى دەريا ۋادىلىرىدىكى شەھەر ھەم ناھىيىلەردە يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ رايونلاردا 88٪ كە يېقىن جايلار ئاپەت تەسىرىگە ئۇچرىغان.
گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە بۇلتۇر كۆپ قېتىم يەر تەۋرەش ھادىسىلىرى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ ، ئۆلۈم - يېتىم ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەرگەن دوكلاتىدا بۇ مۇھىم مەزمۇنلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.
خىتاي ھەمدە ئۇيغۇر ئېلى مۇھىت كرىزىسىغا دۇچار بولماقتا
خىتاينىڭ مۇھىت ئەھۋالى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىتىمۇ خەلقارا مۇھىت ئاسراش ئورگانلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان بولۇپ، 2004 - يىلى 12 - ئايدا ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتى مۇخبىرى لۇيىسا لىم خانىم، خىتاينىڭ مۇھىت كرىزىسىغا دۇچار بولغانلىقى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى. ماقالىدا يەنە خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئېكولوگىيىسىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتلەرگە سەۋەب بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇلتۇر بىر يىلدا ئالدىقنى يىللاردىكىدىن ئېغىر ئاپەتلەرگە ئۇچرىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولسا ، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلى مېتىرولوگىيە ئىدارىلىرى 2005 - يىلىدا ئۇيغۇر ئېلى ئالدىنقى يىللاردىنقىدىنمۇ ئېغىر مۇھىت مەسىلىلىرى ھەم كېلىمات خاراكتېرلىك ئاپەتلەرگە يۈزلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىتى كۈنسېرى ناچارلاشماقتا
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشى ئېغىرلاشماقتا
- تۆمۈر چوققا ئەخلەت چوققىلىرىغا ئايلانماقتا
- چەتئەللەردىكى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى مۇھىت مەسىلىسى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدە مۇھىت بۇلغانماقتا
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇھىت كرىزىس مەسىلىسى
- خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتوم سىناقلىرى ۋە ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئاپەتلىرى (3)