خىزمەتتىكى ئاياللارنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئۆرلىمەكتە

0:00 / 0:00

بۇندىن ئىلگىرى بىز ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاياللار ئارىسىدا كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان كۆكرەك راكى كېسەللىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، مەيلى خىتاي ئۆلكىلىرىدە بولسۇن ياكى ئۇيغۇر ئېلىدە بولسۇن مەزكۇر كېسەلنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى ۋە بىمارلارنىڭ ياش جەھەتتە بارغانسېرى كىچىكلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدۇق.

يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلىنىۋاتقان تۈرلۈك مەلۇماتلاردا، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاياللارنىڭ، بولۇپمۇ خىزمەتتىكى ئاياللارنىڭ تۈرلۈك بېسىملار تۈپەيلىدىن كۆكرەك راكىدىن باشقا يەنە ھەرخىل ئاياللار كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

مەسىلەن، يېقىندا بېيجىڭدىكى 60 مىڭغا يېقىن خىزمەتتىكى ئاياللار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە،٪ 93 ئايالنىڭ سالامەتلىكىدىن چاتاق چىققان. يەنى 20 مىڭغا يېقىن ئايال كۆكرەك راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان، قالغانلىرىدا بولسا ھەرخىل ئاياللار كېسەللىكى بايقالغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاياللارنىڭ سالامەتلىك مەسىلىسى

بىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاياللارنىڭ سالامەتلىك مەسىلىسى ھەققىدە، ئۈرۈمچىدىكى سەھىيە ئورۇنلىرى ۋە دوختۇرخانىلارغا تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى 1 - تارماق دوختۇرخانىسىنىڭ ئاياللار بۆلۈمى دوختۇرى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

"بىز بۇ ھەقتە ئېنىق بىر سانلىق مەلۇمات بېرەلمەيمىز. لېكىن بۇيەردە ئاياللار كېسىلى بەكلا كۆپىيىپ كەتتى ھەمدە كېسەل دائىرىسىمۇ ئىلگىرىكىدىن كېڭەيدى . مەسىلەن جىنسىي يول ياللۇغى، بالىياتقۇ ياللۇغى، سۈت بېزى ياللۇغى، تۇخۇمدان ياللۇغى، داس بوشلۇقى ياللۇغى، بالىياتقۇ ئۆسمە كىسىلى، تۇخۇمدان راكى، كۆكرەك راكى ۋە بالىياتقۇ راكى قاتارلىقلار بەكلا كۆپىيىپ كەتتى. بۇلاردىن باشقا يەنە تۈرلۈك جىنسىي كېسەللىكلەرمۇ كۈنسېرى كۆپۈيۈپ، ئاياللارنىڭ ھاياتىغا زور تەسىر يەتكۈزمەكتە ".

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ دوختۇر ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاياللار ئارىسىدا داۋالاش ئۈنۈمى ئەڭ ناچار بولغان تۇخۇمدان ياللۇغى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى :

"ھازىر دېگەندەك ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك دورىلار بولمىغاچقا، تۇخۇمدان ياللۇغىنى داۋالاش بەكلا تەس بولىۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ كېسەلنى بايقاش ناھايىتى قىيىن، داۋاملىق ئوتتۇرا ياكى ئاخىرقى باسقۇچتا ئاندىن بىلگىلى بولىدۇ. مەزكۇر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاياللار كۆپ بولسا ئاران بىر- ئىككى يىل ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، بالىياتقۇ راكىنى بايقاش خېلىلا ئاسان بولۇپ، ئۇنى بايقىغان زامان دەرھال داۋالىسا، يەنىلا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ".

ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدىغان بۇ كېسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەبلەر

سۆھبەت جەريانىدا، بۇ دوختۇر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدىغان بۇ كېسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

"مەنچە بۇ خىل كېسەل ئاياللاردا بولىۋاتقان خىزمەت بېسىمى قاتارلىقلارنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلاپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ۋە بۇخىل سەۋەبدىن ئاياللارنىڭ ئىچكى ئاجراتما سېستېمىسىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن كېلىپ چىققان . بۇنىڭدىن باشقا يەنە مەملىكىتىمىزدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىمۇ بىر قىسىم ئاياللار كىسىلىنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالدى. مەسىلەن، ئاياللارنىڭ قوساقتىكى بالىنى داۋاملىق مەجبۇرىي چۈشۈرىۋېتىشى، بالا ئالماسلىق ئۈچۈن ئۈزۈك سېلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ" .

سۇت قايتۇرۇش ئوكۇلىمۇ ئاسانلا كۆكرەك راكىنى پەيدا قىلىدىدىكەن

بىز بۇندىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا تېلېفون قىلغاندا، مەزكۇر دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان بىر ئۇيغۇر دوختۇر ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسىدە كۆكرەك بېزى ئۆسۈش ئالامىتى بار ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋاقتى -ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ تۇرمىغانلىقىدىن، خىتاي ئاياللىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسانلا كۆكرەك راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى 1 - تارماق دوختۇرخانىسىنىڭ ئاياللار بۆلۈمى دوختۇرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاياللارنىڭ كۆكرەك راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشى، بالا ئالماسلىق ۋە بالا ئېمىتمەسلىك بىلەنمۇ ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى دوختۇرخانىلاردا ئىشلىتىدىغان سۈت قايتۇرۇش ئوكۇلىنىڭ، ئاياللارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ خىل سۈت قايتۇرۇش ئوكۇلى بىر خىل سىتىمولىن بولغاچقا ،ئۇ ئاياللاردىكى كۆكرەك بېزىنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىپ، ئاسانلا كۆكرەك راكى پەيدا قىلىدۇ, دەپ كۆرسەتتى. (مېھرىبان)